Get Adobe Flash player

شىرىن بولاقنى ئاڭلىغانمۇ؟

Please Support Us

Get our toolbar!

//

ئىزدەش

يانۋاردىن كىيىنكى زىيارەتچىلەر

Visitors Since June 2012

  • Total Visitors: 8387252

مەككىنى بىۋاستە كۆرۈڭ

Quran TV & Translation

Madina Mosque 3D view

Madina Mosque 3D view

باشبەت

پەيغەمبەرلىكىگە دەلىللەر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىگە يوللىغان مەكتۇبلىرى (4)

ئوممان پادىشاھىغا يوللىغان مەكتۇب _  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئومماننىڭ پادىشاھى جەيفەر ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ئەبدى (جۇلەندىنىڭ ئىككى ئوغلى) گە مەكتۇب يوللىدى. مەكتۇبنىڭ تېكىستى مۇنداق ئىدى: ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھتىن جۇلەندىنىڭ ئىككى ئوغلى جەيفەر ۋە ئەبدىگە: ھىدايەت يولىغا ئەگەشكەنلەرگە سالام! سالامدىن كېيىن، مەن سىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا چاقىرىمەن. مۇسۇلمان بولساڭلار ئامان بولىسىلەر، مەن ھايات ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا، كاپىرلارغا ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىگە يوللىغان مەكتۇبلىرى (3)

مۇنزىر ئىبنى ساۋىغا يوللىغان مەكتۇب _  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەھرەيننىڭ باش ۋالىيسى مۇنزىر ئىبنى ساۋىغا مەكتۇب يوللاپ، ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدى ۋە بۇ مەكتۇبنى ئەلا ئىبنى ھەزرەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئەۋەتتى. مۇنزىر مەكتۇبنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى رەسۇلۇللاھ! مەكتۇبىڭنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بەھرەين خەلقىگە يەتكۈزدۈم، ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ مۇسۇلمان بولدى. يەنە بىر قىسمىنىڭ ئىدىيىسى تېخى ھەل بولمىدى. مېنىڭ تەۋەلىكىمدە مەجۇسىي (ئاتەشپەرەس) لار ۋە يەھۇدىيلار بار. بۇلار توغرسىدا نېمە قىلىشىمنى بۇيرۇيسەن؟ دەپ جاۋابنامە يازدى.

m034.jpg

زامان تەرەققىي قىلىپ، پەن-تېخنىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى، خۇسۇسەن بىئولوگىيە، فىزىكا ۋە باشقا پەنلەردە زور ئىلگىرىلەش ھاسىل بولىشى نەتىجىسىدە، قۇرئان كەرىمنىڭ ۋە ئۇنىڭ بايانلىرىنىڭ ھەم بەرگەن خەۋەرلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىپ، دۇنيا خەلقىنى، خۇسۇسەن غەربتىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنى قايىل قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىكى رادىكال كۈچلەرنىڭ ئوغىسى قايناشقا باشلىدى.

m021.jpg

قۇرئان ئىنسانلارنى پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىشكە چاقىرىدۇ. بۇ ھەقتە اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتىڭلاركى، «اﷲ غا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز اﷲ غا بويسۇنغۇچىلارمىز» ( [1]).

m019.jpg

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى نەپسىي ئارزۇلىرىغا قۇل بولۇشتىن قۇتقۇزۇش ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن توسۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالىي ۋە ياخشى ئەخلاقلىق بولۇشى لازىم. ئەگەر ئۇلاردا ئۈممەتلىرىدىن سادىر بولىدىغان ناچار ئەخلاق ۋە ئادەتلەر بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار يامان ئۆرنەك بولغان بولاتتى. ئۇ چاغدا ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە چەكلىمىلىرى بىكار بولغان بۇلاتتى. شۇڭا قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرلەرنىڭ ياخشى پەزىلەتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە جاكارلايدۇ.

m016.jpg

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبىرىمز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ يەنە قايتا ئىسپاتلىنىشغا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجىتىمىز يوق. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكى قۇرئان – ھەدىس ئارقىلىق ئىسپاتلانغاندىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىلمىي پاكىت، ئىلمىي ھەقىقەت ۋە مۆجىزىلەر بىلەن ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىنىپ بولغانلىقتىن بىز ئۇ زاتنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە تۇلۇق قانائەت قىلىپ مۇسۇلمان بولغان.

m004.jpg

جىمى ھەمدۇ سانالەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، قۇرئان كەرىمنى ئۆزىگە ئەخلاق قىلغان كىشىگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن. شەكسىزكى مۆمىنلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل دەقىقىلىرى ئىنسانىيەتنىڭ سەردارى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىدە مۆجىزىنىڭ تەجەللى قىلغانلىقىنى كۆرگەن دەقىقىلەردۇر. ھەقىقەتەن بىز ئىلمىي كەشپىيات دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر.

m033.jpg

مۇناپىقلار ھەققىدە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە كەلگەن خەۋەرلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغانلىقى
ئەھمەد رامزان ھىجازى
كۇۋەيت ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا بۆلىمى
نىپاق ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە كەلگەن خەۋەرلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق ۋە راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتاب ئىكەنلىكىنىڭ ئوچۇق دەلىللىرى ۋە شۇنىڭدەك قۇرئان كەرىمنىڭ غەيبىي مۆجىزىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

سۈننەت مۆجىزىلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇسلۇبى

سۈننەتنىڭ مۆجىزىلىرى سۈننەتنىڭ شەرىئەت بەلگىلەش،
تەربىيە ئۇسۇلى، ھەدىسلەرنىڭ تېكىستلىرىدىكى گۈزەل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى، ھەدىس
تىلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، غەيبلەردىن خەۋەر بېرىشى، ھەدىسلەردىكى ئىلمىي ھەقىقەتلەر
قاتارلىق بىر قانچە تەرەپتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەندە:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئىپادىلەش ئۇسلۇبى، سۈننەتتىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر
ۋە ئۇنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىدىكى مۆجىزىلىرى قاتارلىق ماۋزۇلاردا تەپسىلى
توختىلىمىز.

ئىسرا ۋە مىئراج مۆجىزىسىنىڭ جەريانى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قاتتىق ئەزىيەت ۋە تۈرلۈك مۇسىبەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر
ۋاقىتتا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭ مۆجىزە بولغان ئىسرا ۋە مىئراج مۆجىزىسىنى
ئاتا قىلدى. بۇ مۆجىزە پەقەت ئۇنى قوللاش، ئۇلۇغلاش ۋە شەرەپلەندۈرۈش ئۈچۈن
بېرىلگەنىدى.