رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زاھىدلىقى
ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنىڭ جۈملىسىدىن ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىرەتتىكى
مۇكاپىتىنى ئۈمىد قىلىپ، ھەقىقى زاھىد بولۇپ، ئىبادەتكە بېرىلگەنلىكىدۇر.
ئەگەر ئۇ يالغان پەيغەمبەر بولغان بولسا ئەلۋەتتە پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ،
دۇنيا توپلىغان بولاتتى. دېمەك، ئۇنىڭ دۇنيالىقتىن ئاخىرەتلىكنى ئەۋزەل
بىلىپ، ، ئىبادەتكە بېرىلگەنلىكى ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىك خىزمىتى ئۈچۈن ھېچكىمدىن ھەق تەلەپ
قىلمايتتى، بەلكى ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەر قېرىنداشلىرى دېگەننىڭ
ئوخشىشىنى دەيتتى: «ئېيتقىنكى، (ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھيىنى) تەبلىغ
قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (قۇرئاننى) ئىپتىرا
قىلغۇچىلاردىن (يەنى يالغاندىن توقۇغۇچىلاردىن) ئەمەسمەن». (سۈرە ساد 86-
ئايەت).

  
پەيغەمبەرلەرنىڭ خالايىقلارنىڭ ھەق ۋە مۇكاپات بېرىشىدىن بىھاجەت
بولغانلىقى ئۇلارنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ، ئۇلارنىڭ ئاللاھدىنلا
مۇكاپات ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. شۇڭا ئال ياسىندىن مۆمىن بولغان
كىشى قەۋمىنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىشقا چاقىرىپ:
«شەھەرنىڭ يىراق جايىدىن بىر كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم!
پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىڭلار. توغرا يولدا بولغان، (ئىمانغا دەۋەت
قىلغانلىقىغا) سىلەردىن ھەق سورىمايدىغان كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار»، دېگەنىدى.
(سۈرە ياسىن 20-، 21- ئايەتلەر).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زاھىدلىق ھاياتىنى ئەلا بىلەتتى، ئاللاھ
تائالادىن شۇنىڭ ئەھلىدىن قىلىشنى تىلەپ: "ئى ئاللاھ، مېنى مىسكىن
ھالىتىمدە تىرىلدۈرگىن، مىسكىن ھالىتىمدە ۋاپات قىلدۇرغىن، مېنى قىيامەت
كۈنى مىسكىنلەرنىڭ قاتارىدا ھەشرى قىلغىن"، دەپ رەببىگە داۋاملىق مۇناجات
قىلاتتى. (تىرمىزى ۋە ئىبنى ماججە رىۋايىتى).

  
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى پۈتۈن يەر يۈزىگە پادىشاھ بولۇش
بىلەن جاپالىق ھايات ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللىۋېلىش ئىختىيارىنى بەرگەن
بولۇپ، ئۇ جاپالىق ھاياتنى تاللىۋالغان. ھەزرىتى ئەبۇ ھۆرەيرە رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: بىر پەرىشتە ئاسماندىن چۈشۈپ: ئى
مۇھەممەد! مېنى رەببىڭ ئەۋەتتى، رەببىڭ سېنى پادىشاھ ۋە پەيغەمبەر قىلسۇنمۇ
ياكى ئاددى بەندە ۋە پەيغەمبەرمۇ دېدى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام: ئى
مۇھەممەد! رەببىڭ ئۈچۈن كەمتەر بولغىن، دېدى، شۇنىڭ بىلەن مەن: "بەلكى
ئاددى بەندە ۋە پەيغەمبەر قىلسۇن" دېدىم، دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.
(ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ئۈستىدە ئويلىنىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئائىلە
تۇرمۇشىغا نەزەر سالىدىغان بولساق بىز چوقۇم ھەيران قالىمىز. ئىنسانلارنىڭ
ئەڭ ياخشىسى، پەيغەمبەرلەرنىڭ سەردارى بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
يىگۈدەك نەرسە تاپالماي بىر قانچە كۈن ئاچ قالاتتى. ھەزرىتى ئەبۇ ھۆرەيرە
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇ
ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇدا ئۈچ كۈن تائامغا تۇيۇپ باقمىغانىدى، دېگەن.
(بۇخارى رىۋايىتى).

  
ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاچلىقتىن
ئېگىلىپ قالغانلىقىنى، خالايىقلارنىڭ بولسا باياشات تۇرمۇشتا
ياشاۋاتقانلىقىى كۆرۈپ: مەن بۈگۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قورسىقىنى
تويغۇزغۇدەك پۇچەك خورمىنىمۇ تاپالماي، ئاچلىقتىن ئېگىلىپ قالغانلىقىنى
كۆردۈم، دېگەن.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تائامغا ئېرىشكەندىمۇ پەقەت ئارپا نېنىغا
ئېرىشەتتى. ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ ئەھۋالىنى ھېكايە قىلىپ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قورسىقى
ئاچ ھالدا بىر قانچە كېچىنى ئۆتكۈزەتتى، ئائىلە تاۋاباتلىرىمۇ كەچلىك
تائام تاپالمايتتى، ئۇلارنىڭ يەيدىغان نېنىنىڭ كۆپىنچىسى ئارپا نېنى
بولاتتى، دېگەن. (تىرمىزى، ئىبنى ماججە ۋە ئەھمەد رىۋايىتى).

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاساسلىق تائامى بولغان بۇ ئارپا ياخشى ئارپا بولماستىن بەلكى پۇچەك ۋە تاسقالمىغان ئارپا ئىدى.

  
ھەزرىتى سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
تاسقالغان ئارپىدىن يېگەنمۇ؟ دەپ سورالغاندا: ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەندىن باشلاپ ھەتتا ۋاپات
قىلدۇرغانغا قەدەر تاسقالغان ئارپا كۆرۈپ باقمىغان، دەپ جاۋاپ بەرگەن.
ئۇنىڭغا: تاسقالمىغان ئارپىنى قانداق يىيەلەيتىڭلار، دېيىلگەندە: بىز ئۇنى
ئون قىلاتتۇق، ئاندىن ئۇنى پۈدىۋىتىپ، سۇ بىلەن نەمدەپ يەيتتۇق، دېگەن.
(بۇخارى رىۋايىتى).

  
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەمشىرىسىنىڭ ئوغلى
ئۆرۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيلىرىنىڭ
ئەھۋالىنى ھېكايە قىلىپ: ئى ھەمشىرەمنىڭ ئوغلى! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
ئۆيلىرىدە ئوت يېقىلماي كامىل ئىككى ئاي ئۆتۈپ كېتەتتى، دېگەن.

  
ئۆرۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇنداقتا سىلەر نېمە بىلەن ياشايتتىڭلار،
دېگەندە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: خورما ۋە سۇ بىلەن، لېكىن پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ ئەنسارلاردىن بىر قوشنىسى بار ئىدى، ئۇنىڭ سۈتلۈك
چارۋىلىرى بار بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۈتلىرىنى بېرەتتى، بىز
ئۇنىڭدىن ئىچەتتۇق، دېگەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەبۇ ھۆرەيرە
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پۇشۇرۇلغان قوي گوشىغا دەۋەت قىلىنغاندا، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ئارپا نېنىغا تويمىغان ھالدا دۇنيادىن كەتكەن، دەپ بۇ گۆشتىن
يىمىگەنىدى. (بۇخارى رىۋايىتى).

  
بىر كۈنى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھۇزۇرىغا بىر
ئايال ئىككى قىزىنى ئېلىپ كىرىپ، ئاچلىقتىن شىكايەت قىلىدۇ، ئۇ ئايال
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدىن نېمە تاپالىدى؟ بىزگە مۆمىنلەرنىڭ
ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: ئۇ ئايال مەندىن بىر
خورمىدىن باشقا ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمىدى. چۈنكى ئۆيۈمدە پەقەت بىرتاللا
خورما قالغانىدى. ئۇ مەن بەرگەن بىر تال خورمىنى يېرىمىدىن ئىككى قىزىغا
ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ، ئۆزى ھېچنەرسە يېمىدى. ئۇ ئايال چىقىپ كەتكەندىن كېيىن
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىردى، مەن ئەھۋالنى ئۇنىڭغا خەۋەر قىلسام: "كىمكى
مۇشۇ قىزلار بىلەن ئىمتىھان قىلىنىدىكەن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن دوزاختىن پەردە
بولىدۇ"، دېگەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە بىر كۈنى بىر مېھمان كەلگەن بولۇپ،
مېھماننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگۈدەك ئۆيىدىن ۋە ئاياللىرىنىڭ ئۆيلىرىدىنمۇ
سۇدىن باشقا نەرسە تاپالمىغاندىن كېيىن، ئاخىرى ساھابىلىرىدىن ئۇنى مېھمان
قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەھۋالى شۇنداق تۇرۇقلۇق رەببىدىن داۋاملىق پەقەت
قورسىقى تويغۇدەكلا رىزىق بېرىشنى تەلەپ قىلىپ: "ئى ئاللاھ، مۇھەممەدنىڭ
ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا پەقەت قورسىقى تويغۇدەك رىزىق بەرگىن"، دەپ دۇئا
قىلاتتى. (ئىبنى ھەجەر رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆي سەرەمجانلىرى ھەققىدە سوئال سورىغىنىمىزدا
ئۇنىڭ ئۆي سەرەمجانلىرى ئادەتتىكى ساھابلىرىنىڭكىدىن پەرقلەنمەيتتى. ئەمما
ئۇ زاتنىڭ ياستۇقى بولسا مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ
ئەنھا ئۇنى سۈپەتلەپ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۆلىنىدىغان ياستۇقى
ئاشلانغان تېرىدىن، ئىچىدىكى پاختىسى خورمىنىڭ قوزىقىدىن ئىدى، دېگەن.
(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

  
ئەمما ئۇ زاتنىڭ كۆرپىسى بولسا بېقىنىغا ئىز چىقىرىۋېتىدىغان بورا ئىدى.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
بورىنىڭ ئۈستىدە ئۇخلىغان بولۇپ، بورا ئۇ زاتنىڭ بىقىنىغا ئىز
چىقىرىۋەتكەنىد، بىز: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۆزلىرىگە بىر كۆرپە قىلىپ
بەرگەن بولساق، دېگەندە: "مەن دۇنيادا بىر دەرەخنىڭ سايىسىدا بىر ئاز
سايىداپ، ئاندىن ئۇنى تەرك ئېتىپ يولىغا راۋان بولغان يولۇچىغا ئوخشايمەن،
ماڭا دۇنيانىڭ كېرىكى يوق"، دېگەن. (تىرمىزى، ئىبنى ماججە، ئەھمەد
رىۋايىتى).

  
ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
بورا ئۈستىدە يېتىپ، بورىنىڭ بىقىنلىرىغا ئىز چىقىرىۋەتكەنلىكىنى ۋە ئۇ
زاتنىڭ ئۆيىدە بىرەر كىلو كەلگۈدەك ئارپىدىن باشقا نەرسە قالمىغانلىقىنى
كۆرۈپ، ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئى
ئۆمەر! نېمىگە يىغلايسىز؟ دېگەن. ھەزرىتى ئۆمەر: ئۆزلىرى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ
ياخشىسى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى تۇرۇپ بىقىنلىرىغا ئىز چىقىرىۋېتىدىغان
بورا ئۈستىدە ياتسىلا ۋە ئۆيلىرىدە يېرىم سا ئارپىدىن باشقا يىگۈدەك نەرسە
تېپىلمىسا، ئەمما قەيسەر ۋە كىسرالار بولسا زور باياشات ئىچىدە ياشاۋاتقان
تۇرسا، مەن يىغلىماي تۇرالايتتىممۇ؟ دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئى
ئۆمەر! بىز ئۈچۈن ئاخىرەتنىڭ، ئۇلار ئۈچۈن دۇنيانىڭ بولۇشىغا سىز رازى
ئەمەسمۇ؟ دېگەن. ھەزرىتى ئۆمەر: مەن ئەلۋەتتە رازى، دېگەن. (بۇخارى ۋە
مۇسلىم رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرپىسىنى كۆرگەن ئەنسارىلىق بىر ئايال ئۆيىگە
قايتقاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئىچىگە يۇڭ سېلىنغان بىر
كۆرپە ئەۋەتىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرپىنى كۆرۈپ: "ئى ئائىشە! ئۇنى
قايتۇرۇپ بېرىڭ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مەن خالىسام، ئاللاھ ماڭا
تاغلارنى ئالتۇن – كۆمۈش قىلىپ ئېقىتىپ بېرەتتى"، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن
ئائىشە ئۇنى قايتۇرۇپ بەرگەن. (بەيھىقى ۋە ئەھمەد رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زاھىدلىق ھاياتىدا ياشىغان زات بولۇپ، رەببىنىڭ
ئەمرىگە بىنائەن ئاياللىرىغا يا ئۇنىڭ بىلەن زاھىدلىق ھاياتتا بىرگە ياشاش
ياكى ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ پاراۋان تۇرمۇشتا ياشاشنىڭ بىرىنى تاللىۋېلىش
ئىختىيارىنى بەرگەندە ئاياللىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن زاھىدلىق ھاياتتا
بىرگە ياشاشنى تاللىغان.

  
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى
ئاياللىرىغا تاللاش ئىختىيارىنى بېرىشكە ئەمرى قىلغاندا بۇ ئىشنى مەندىن
باشلاپ: مەن سىزگە بىر ئىشنى دېمەكچىمەن، ئاتا – ئانىڭىزنىڭ مەسلىھەتىنى
ئالماستىن ھەرگىز ئالدىراڭغۇلۇق قىلماڭ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئى
پەيغەمبەر! (ئارتۇق خىراجەت سوراپ سېنى رەنجىتكەن) ئاياللىرىڭغا ئېيتقىنكى،
«ئەگەر سىلەر دۇنيا تېرىكچىلىكىنى (يەنى پاراۋان تۇرمۇشنى) ۋە دۇنيانىڭ
زىبۇ زىننىتىنى كۆزلىسەڭلار، كېلىڭلار، سىلەرگە بىر ئاز نەرسە بېرەي،
سىلەرنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرەي. ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ
پەيغەمبىرىنى، ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن
ئىچىڭلاردىكى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا چوڭ ساۋابنى (يەنى كۆز كۆرمىگەن،
قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلمىگەن نازۇ نېمەتلەر بار
جەننەتنى) تەييار قىلدى». (سۈرە ئەھزاب 28-، 29- ئايەتلەر). دېگەندە، مەن:
مۇشۇ ئىشتىمۇ ئاتا – ئانامغا مەسلىھەت سالامدىم، شەكسىز، مەن ئاللاھنى ۋە
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى، ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلىمەن، دېدىم. ئاندىن
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قالغان ئاياللىرىمۇ مېنىڭ قىلغىنىمدەك قىلدى،
دېگەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا قىزى پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا
ياغچاق چۆرۈپ قولىنىڭ قاپىرىپ كەتكەنلىكىنى شىكايەت قىلىپ، ياردەملىشىدىغان
بىر خىزمەتچى بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەندە، بۇ كۆيۈمچان ئاتا قىزى ۋە
ئۇنىڭ يولدىشىغا: "سىلەرنى بىر خادىمدىنمۇ ياخشى بىر ئىشقا باشلاپ
قويايمۇ؟، ياتىدىغان ۋاقتىڭلاردا 33 قېتىم تەكبىر، 33 قېتىم تەسبىھ، 33
قېتىم ھەمدە ئېيتىڭلار، بۇ سىلەرگە بىر خادىمدىن ياخشى" دېيىشتىن ئەۋزەل
نەسىھەت تاپالمايدۇ. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

  
بۇنىڭ بىلەن پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاتىسىنىڭ خەزىنىسىنى ۋە بۇ ئاتىنىڭ
ئەرلەر ئارىسىدىكى تۈرىنى، بۇ ئاتىنىڭ دۇنيادىن ئاخىرەتنى ئەۋزەل
كۆرىدىغان ئاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئۇ بىر كۈنى ئاتىسىغا ئارپا
نېنىنىڭ پارچىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئاتىسى ناننى يەپ: "بۇ، ئاتىڭىز ئۈچ
كۈندىن بىرى يېگەن تائامىنىڭ ئەۋۋىلىدۇر"، دەيدۇ. (ئەھمەد رىۋايىتى).

  
كۈنلەر ئايلىنىپ، مۇسۇلمانلارغا دۇنيا ئالدىنى قىلىدۇ، ئەمرۇ ئىبنى ئاس
مىسىردا خالايىققا خۇتبە ئوقۇپ: "ئى خالايىقلار! سىلەر پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ يولىدىن يىراقلىشىپ كەتتىڭلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
بولسا زاھىدلىق ھاياتىدا ئۆتكەنىدى، سىلەر بولساڭلار دۇنياغا بېرىلىپ
كېتىۋاتىسىلەر"، دېگەن. (ئەھمەد رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇھۇد تېغىنى كۆرۈپ ساھابىلىرىگە: بۇ تاغنىڭ مەن
ئۈچۈن ئالتۇنغا ئايلىنىپ بېرىشىنى، ئۇنىڭدىن قەرزگە ئېلىپ قويغان بىر
دىناردىن باشقا بىر دىنارنىڭمۇ ئۆيۈمدە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشىنى
ياقتۇرمايمەن"، دېگەن. ئاندىن يەنە: "دۇنيادا كۆپ ئېھسان قىلغانلاردىن
باشقا، دۇنيادا كۆپ مال – دۇنيا يىققانلار ئاخىرەتتە مال – دۇنياسى ئاز
كىشىلەردۇر"، دېگەن.

  
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ ئاجايىب بىر خەۋىرىنى رىۋايەت قىلىپ، ئۆيىدە ئازراق
ئالتۇن پارچىسىنىڭ بارلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "ئالتۇن قېنى؟"
دەپ سورىغانلىقىنى، ئالتۇن مېنىڭ يېنىمدا دېگىنىدە، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ ئۇنى دەرھال ئېلىپ كېلىپ، ئېھسان قېلىۋېتىشكە
بۇيرۇغانلىقىنى ۋە: "ئەگەر مۇھەممەد بۇ ئالتۇننى ئېھسان قىلماستىن
ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارسا ئۇنىڭ ھالى نېمە بولىدۇ؟" دېگەنلىكىنى سۆزلەپ
بەرگەن. (ئەھمەد رىۋايىتى).

  
ساھابىلىرىگە دۇنياغا بېرىلىپ كەتمەسلىك ھەققىدە تەۋسىيە قىلىپ، ياخشى
ئۈلگە بولغان زاتنىڭ ئەھۋالى شۇنداق بولمىسۇنمۇ؟! ئۇ بۇ ئىشتا ھەممىنىڭ
ئالدىدا ئىدى. سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە
مال - دۇنيالىرىمىزنىڭ پەقەت يولۇچىنىڭ ئۇزۇقىدەك بولۇشى ھەققىدە تەۋسىيە
قىلاتتى"، دېگەن.

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قانچىلىك مال – دۇنيا قالدۇرۇپ كەتتى؟

  
بۇ سوئالغا مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى جۇۋەيرىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېرىندىشى
ئەمرۇ ئىبنى ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جاۋاپ بېرىپ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ۋاپات بولغاندا سەدىقە قىلىۋەتكەن ئاق قېچىرى، قورالى ۋە بىر پارچە
زېمىندىن باشقا دىرھەم، دىنار، قۇل، دېدەك دېگەنلەردىن ھېچبىرىنى
قالدۇرمىدى، دېگەن. (بۇخارى رىۋايىتى).

  
ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇبۇلغۇسى
ئوتتۇز سا ئارپىنىڭ بەدىلىگە بىر يەھۇدىغا گۈرۈ قۇيۇلغان ھالدا ۋاپات
بولغانلىقنى رىۋايەت قىلىدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنيادا زاھىدلىق ھاياتىدا ياشىغىنىدەك،
ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ئائىلە تاۋابىئات ۋە ئۇرۇغتۇققانلىرىغا مەنپەئەت
قالدۇرۇشنى ئىزدىمىگەنىدى. شۇڭا ئۇ: "بىزدىن مىراس قالمايدۇ، بىز قالدۇرۇپ
كەتكەن نەرسە سەدىقىدۇر"، دېگەن.

  
مانا مۇشۇنداق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن قازانغان
دۇنيىۋىيلىق پايدىلىرى ھەققىدە سۇئال سورىشىمىز ھەقلىق. ئۇ زات ئۆزى ئارزۇ
قىلغان ۋە ئۇنىڭ داۋاملىشى ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلغان مىسكىنلەر ھاياتىدا
ياشىدى، تائامى تاسقالمىغان ئارپا بىلەن پۇچەك خورما بولدى. ئۇنىڭ ياستۇقى
بىلەن كۆرپىسى ئۇنىڭ ئۆز ئىرادىسى، ئىختىيارى بىلەن دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە
قىلغانلىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلىدۇر.