رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئالىرى
أَعُوذُ بِالله السَّمِيعِ العَلِيِمِ مِنَ الشّيطَانِ الرّجِيمِ
تەرجىمىسى: «ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھقا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن».
بِسْمِ اللَّهِ ٱلرَّحْمـٰنِ ٱلرَّحِيمِ.
«ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن».
سېھىرنىڭ تەسىر قىلىدىغانلىقى ۋە كىشىلەرنى تۈرلۈك دەرت _ ئەلەملەرگە ۋە كېسەللىكلەرگە ئۇچرىتىدىغانلىقى، ھەتتا ئۆلۈمگىمۇ سەۋەب بولالايدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. سېھىر شۇنداق بىر يامان ئىشكى، سېھىر قىلىش، ئۇنى ئۆگىنىش، باشقىلارغا ئۆگىتىش ۋە سېھىرگە ياردەم قىلىش ئەڭ ئېغىر ۋە چوڭ گۇناھلاردىن سانىلىدۇ. سېھىرگەرلەر ۋە سېھىر ئۆگەتكۈچىلەر شەكسىز كاپىرلاردۇر.
ئالدى بىلەن شۇنىڭغا چىن ئىشىنىش كېرەككى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن شىپادۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:
يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَتْكُم مَّوْعِظَةٌ مِّن رَّبِّكُمْ وَشِفَاءٌ لِّمَا فِي الصُّدُورِ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِّلْمُؤْمِنِيْنَ.
ھەج مەۋسۇمى دۇئا ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى كۆپلەپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ۋە تىلەكلىرىنى سوراش پەيتىدۇر. چۈنكى ئۇلۇغ ئاي ۋە ئۇلۇغ جايلار ئۇلارنىڭ دۇئا ۋە ئىبادەتلىرىنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن چوڭ رول ئوينايدۇ. ھەج ياكى ئۆمرە قىلغۇچى خالىغان دۇئالارنى قىلسا ۋە خالىغان تىلەكلىرىنى ئاللاھ تائالادىن تىلىسە بولىدۇ. يۇقىرىدا ئۆتكەن دۇئالارنىڭ ھەممىسىنى ھەج مەۋسىمىدىمۇ قىلىشقا تامامەن بولىدۇ. بىز تۆۋەندە بايان قىلماقچى بولغان دۇئالار ھەج ۋە ئۆمرە جەريانىدا قىلىنىدىغان مەخسۇس دۇئالارنىڭ بىر قىسمىدۇر.
كېسەل يوقلاشنىڭ پەزىلىتى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىراۋ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ كېسىلىنى يوقلاش ئۈچۈن يولغا چىققىنىدا ئۇ جەننەتنىڭ باراقسان دەرەخلىرى ئارىسىدا يۈرگەن بولىدۇ. ئۇ كېسەلنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنىدا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇنى قورشايدۇ. يوقلىغان ۋاقتى ئەتىگەنلىك بولسا، ئۇنىڭغا تا كۈن پاتقىچە يەتمىش مىڭ پەرىشتە مەغپىرەت تىلەيدۇ، ئەگەر ئاخشاملىق بولسا، ئۇنىڭغا تاڭ ئاتقىچە يەتمىش مىڭ پەرىشتە مەغپىرەت تىلەيدۇ»([1]).
قاتناش قۇراللىرىغا چىققاندا ئوقۇلىدىغا دۇئا
1. سُبْحَانَ الَّذِي سَخَّرَ لَنَا هَذَا وَمَا كُنَّا لَهُ مُقْرِنِيْنَ وَإِنَّا إِلَى رَبِّنَا لَمُنقَلِبُونَ.
تەرجىمىسى: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز بۇنىڭغا(چىقىشقا)قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز»([1]).
سالام بېرىش
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «سىلەر مۆمىن بولمىغىچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر ـ بىرىڭلارنى سۆيمىگىچە مۆمىن بولالمايسىلەر. سىلەرگە بىر ـ بىرىڭلارنى سۆيىدىغان ئىشنى كۆرسىتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇنداقتا ئاراڭلاردا بىر ـ بىرىڭلارغا سالام بېرىشىشنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار»([1]).
تائامدىن ئاۋۋال ئېيتىلىدىغان زىكىر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر تائام يېيىش ئالدىدا ‹بىسمىللاھ› دەڭلار، ئەگەر تائامدىن ئاۋۋال ئونۇتقان بولساڭلار، ئېسىڭلارغا كەلگەن ھامان بِسْمِ اللهِ فِي اَوَّلِهِ وَ آخِرِهِ ـ ئاۋۋال ۋە ئاخىر ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلىدىم، دەڭلار»([1]).
غەم ـ قايغۇ باسقاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا
1. اَللَّهُمَّ إِنِّي عَبْدُكَ وَابْنُ عَبْدِكَ وَابْنُ أَمَتِكَ نَاصِيَتِي بِيَدِكَ، مَاضٍ فِيَّ حُكْمُكَ، عَدْلٌ فِيَّ قَضَاؤُكَ، أَسْأَلُكَ بِكُلِّ اسْمٍ هُوَ لَكَ، سَمَّيْتَ بِهِ نَفْسَكَ، أَوْ أَنْزَلْتَهُ فِي كِتَابِكَ، أَوْ عَلَّمْتَهُ أَحَداً مِنْ خَلْقِكَ، أَوْ اِسْتَأثَرْتَ بِهِ فِي عِلْمِ الْغَيْبِ عِنْدَكَ، أَنْ تَجْعَلَ الْقُرْآنَ رَبِيْعَ قَلْبِي وَنُوْرَ صَدْرِي وَجَلاَءِ حُزْنِي َوذِهَابَ هَمِّي.
مېۋىنىڭ دەسلىپىنى كۆرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا
اللَّهُمَّ بَارِكْ لَنَا فِى ثَمَرِنَا وَبَارِكْ لَنَا فِى مَدِينَتِنَا وَبَارِكْ لَنَا فِى صَاعِنَا وَبَارِكْ لَنَا فِى مُدِّنَا.
تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! بىزگە مېۋىلىرىمىزدە بەرىكەت ئاتا قىلغىن، بىزگە يۇرتىمىزنى باياشات قىلىپ بەرگىن، بىزگە سالىرىمىز(ئۆلچەم بىرلىكىمىز)دا بەرىكەت بەرگىن، بىزگە مۇدلىرىمىز (ئۆلچەم بىرلىكىمىز)دا بەرىكەت بەرگىن»([1]).
- 1
- 2
- 3
- 4
- 5
- كىيىنكى بەت
- ئاخىرقى بەت














