رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

image.jpg

دوكتۇر ھەسسان شەمسى باشا:
20- ۋەسىيەت، سىز قىيىنچىلىققا دۈچ كەلگەن، بېشىڭىزغا كۈن چۈشۈپ ئامەت سىزدىن قېچىپ، ئىشلىرىڭىز ئوڭدىن كەلمەي پېلىشىپ يۈرگەن ۋە ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرمۇ سىزدىن يۈز ئۆرۈپ يالغۇز قالغان ۋاقىتلاردا سىزنىڭ يېنىڭىزدا تۇرۇپ سىزگە ياردەم قولىنى ئۇزاتقانلارنى ھەرگىز ئۇنتۇماڭ. مەن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپ قىلغان ياخشىلىقلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ بولدۇمغۇ دەپ ئولتۇرماي تەكرار- تەكرار رەھمەت ئېيتىڭ ۋە قولىڭىزدىن كېلىشچە سىزگە قىلغان ياخشىلىقىنى ئاشۇرۇپ قايتۇرۇشقا تىرىشىڭ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلارغا رەھمەت ئېيتمايدىغان كىشى ئاللاھ تائالاغىمۇ رەھمەت ئېيتمايدۇ،دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: بىراۋ سىلەرگە ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قايتۇرۇڭلار. ئەگەر ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرغۇدەك ياخشىلىق تاپالمىساڭلار، ئۆز كۆڭلۈڭلاردا لايىق بولغۇدەك يەنى قانائەتلەنگۈدەك دۇئا قىلىڭلار. ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى.
21- سىز، مەقسەتسىز ھالدا يامانلىق قىلىپ سالغان ياكى ئەزىيەت بىرىپ قويغان كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئەسلەپ تۇرۇپ سىزنىڭ بۇ خاتالىقىڭىزنى ئاللاھنىڭ كەچۈرۈشىنى تىلەڭ، ئۇلار ئاللاھنىڭ سىزگە مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھغا دۇئا قىلىڭ. باشقىلار سىزگە ئەزىيەت بەرسە ھېساب ئېلىشقا ئېلىشقا تىرىشماڭ، ئۇلاردىن ھېساب ئالغانلىق ۋاقىتنى زايە قىلغانلىقتۇر.
22- ئاجىز كۈچلەنگەنگە قەدەر ئۇنىڭ قولىنى قۇيۇپ بەرمەڭ. ئۈمىدسىز، ئۈمىت ئۇپۇقلىرىنى كۆرگەنگە قەدەر ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇڭ. مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان كىشى غەلىبە يوللىرىنى بىلگەنگە قەدەر ئۇنى يالغۇز قويماڭ. كىشىلەرنىڭ جراھەتلىرىنى تېڭىشقا تىرىشىڭ. ۋەيران بولۇشقا ئاز قالغان ئۆيلەرنى يېڭىلاشقا تىرىشىڭ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: مۆمىن مۆمىننىڭ ئەينىكى، مۆمىن مۆمىننىڭ قېرىندىشى، زىيانغا ئۇچىرغىلى قوپسا توساپ قالىدۇ ۋە ئۇنى ھىمايە قىلىدۇ دېگەن ھەدىسى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىڭ.
23- تۈن قاراڭغۇسىدا شام كۆتۈرگۈچىلەردىن بولۇڭ. پانۇسلارغا تاش ئاتىدىغانلاردىن بولماڭ. ئەگەر تاڭ سۈزۈلۈپ قالسا، كۈن نۇرى تەرەپكە قاراپ ماڭغانلار سېپىدە بۇلۇڭ. ھەرگىزمۇ كۈن نۇرىدىن قورقۇپ مۆكۈنۈۋالغان ھۇرۇنلاردىن بولماڭ.
24- سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىكى باشقىلارنىڭ قەرزلىرىنى ئۆتەشكە تىرىشىڭ. چۈنكى كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى سىزگە ئۆزىنىڭ نەچچە يىللىق تەجرىبە ساۋاقلىرىنى تەقدىم قىلسا، بەزىسى سىزگە ئىشەنچ قىلدى. سىز ھاياتنىڭ كۈرەشلىرىدە يالغۇز بولمىدىڭىز، بەزىلەر قاراڭغۇ كېچىلەردە سىزگە شام ياندۇرۇپ يولىڭىزنى يورۇتۇپ بەردى. ھەممىدىن مۇھىمى ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە بەرگەن نېمەتلىرىگە شۈكرى قىلىشنى ئۇنتۇماڭ.
25- ئەگەر سىز تاغنىڭ ئەڭ چوققىسىغا يەتكەن بولسىڭىزمۇ مەغرۇرلۇق ئەقلىڭىزنى قاپلىۋالمىسۇن. تاغ باغىرىدىكىلەر كۆزىڭىزگە كىچىك كۆرۈنمىسۇن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، اﷲ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ. سۈرە لوقمان 18 ئايەت.
ھەسەن ئەلبەسرى رەھىمەھۇللاھدىن كەمتەرلىك ھەققىدە سورالغاندا، ئۇ: كەمتەرلىك دېگەن ، سىەن ئۆيدىن چىقىپ يولدا ئۇچراشقان ھەممە كىشىنىڭ سەندىن ئارتۇقچىلىقى بار دەپ قارىشىڭ، دەپ جاۋاب بەرگەن.
مەنمەنچىلىك يەنى شەخسىيەتچىلىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىڭ. تاغ ئەتىراپىدىكىلەرنىڭمۇ تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىشى ئۈچۈن قولىڭىزنى سۇنۇڭ. ئەگەردە پۇتىڭىز تېيىپ كېتىپ تاغدىن چۈشۈپ كەتسىڭىز، مىنىڭ يېقىلىشىمغا ئۇلار سەۋەب بولدى دەپ باشقىلارغا تۆھمەت قىلماڭ. ئۆز ئەيىبىڭىز ۋە خاتالىقلىرىڭىزنى تونۇپ يېتىڭ. شۇنداق قىلغاندا ئىككىنچى قېتىم تاغ چوققىسىغا چىققاندا تېيىلماستىن مۇستەھكەم تۇرۇشنى بىلىسىز.
26- باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى پاش قىلماڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر ئادەم ھاكاۋۇرلۇق قېلىپ كىشىلەر ھالاك بولۇپ كەتتى دېسە، ئۇ شۇ كىشىلەرنى ھالاك قىلغان بولىدۇ. مۇسلىم رىۋايىتى.
خاتتابى مۇنداق دېدى: ئۇ داۋاملىق باشقىلارنى ئېيىپلاپ ئۇلارنى كەمچىلىكلىرىنى زىكرى قىلىدۇ. كىشىلەر بۇزۇلۇپ كەتتى ھالاك بولۇپ كەتتى دەيدۇ. بۇنىڭ بۇ قىلىقى باشقىلارنىڭ قىلىقىدىن يامانراقتۇر. چۈنكى ئۇ بۇ ئارقىلىق گۇناھكار بولىدۇ .

27- ئۈمىستسىزلىكنىڭ قەلبىڭىزدىن ئۇرۇن ئېلىشىغا يول قويماڭ، چۈنكى ئۈمىدسىزلىك قەلىبنى كور قىلىدۇ ۋە ئېچىلغان ئىشىكلەر سۇنۇلغان ياردەم قوللىرىنىمۇ كۆرمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر . [سۈرە زۇمەر 53- ئايەت].
28- شۇنىڭغا چىن قەلبىڭىزدىن ئىشىنىڭكى ئەگەر سىز ئىشىڭىز مۇكەممەل ئادا قىلسىڭىز ۋە ياخشى كۆرۈپ سادىق بولسىڭىز چوقۇمكى باشقىلار قولغا كەلتۈرەلمىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئاللاھ تائالا سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى مۇكەممەل قىلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ دېگەن ھەدىسىنى ئۇنتۇماڭ.

29- مۆمىن كىشىنىڭ ئاچ يالىڭاچ ۋە پېقىر ياشاشقا رازى بولىشىنى، لېكىن خار ياشاشقا ھەرگىز رازى بولمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ.
30- قىيامەت كۈنى ھېسابقا تارتىلىشتىن بۇرۇن ئۆيىڭىزدىن ھېساب ئېلىشنى ئۇنتۇماڭ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى مۆمىنلەر! اﷲ تىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە (يەنى قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن (ياخشى ئەمەللەردىن) نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن، اﷲ تىن قورقۇڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر. [سۈرە ھەشر 18- ئايەت].

ئابدىلئەھەد ئۇجات تەرجىمىسى.