رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رەسۇلۇللاھنىڭ قىسقىچە ھاياتى

m52

ئاللاھ تائالانىڭ دەۋەتچىلەرنى دىننى يەتكۈزۈشكە ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەردىن ساقلانغانلىقىدۇر.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دۈشمەنلىرىنىڭ ھىيلە-مېكىر، سۈيقەست ۋە زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سىېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. مائىدە سۈرىسى 67- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

مەدىنىنىڭ ھىجرەت مەزگىلىدىكى ۋەزىيىتى (1)

ھىجرەت قىلىش دېگەنلىك - ھەر خىل پىتنە - پاسات ۋە مەسخىرە مازاقلاردىن قۇتۇلۇش دېگەن مەنىنىلا بىلدۈرۈپ قالماستىن، بەلكى يەنە تىنچ - ئامان شەھەردە يېڭى بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىش دېگەنلىك بولاتتى. شۇڭا، بۇ يېڭى ۋەتەننى قۇرۇشقا قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە كۈچ چىقىرالايدىغان ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە شانۇ - شەۋكىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشالايدىغان ھەرقانداق بىر مۇئمىن - مۇسۇلمانغا ھىجرەت قىلىش پەرز قىلىپ بېكىتىلدى.

مەدىنىنىڭ ھىجرەت مەزگىلىدىكى ۋەزىيىتى (2)

2. مەدىنىدىكى يەرلىك خەلقلەر ئارىسىدىكى تېخىغىچە مۇسۇلمان بولماي تۇرۇۋاتقان مۇشرىكلار مەسىلىسى - ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن ھۆكۈمرانلىق تالاشقۇدەك كۈچ- مادارى يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملار بۇ يېڭى دىنغا نىسبەتەن دەرگۇمان بولۇپ، ئەجدادلىرىنىڭ تۇتقان يولىنى تاشلىغۇسى كەلمەي ئىككىلىنىپ يۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا دىللىرىدا ئاداۋەت ۋە سۇيىقەست پىلانلاپ يۈرمەيتتى. ئۇنداقلار ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىخلاسمەن مۇئمىن بەندىلەردىن بولۇپ كەتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيىدىن ئايرىلدى، قارا نىيەتلەر رەزىل پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى پۇختا تەييارلىق بىلەن تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار نومۇسسىزلارچە مەغلۇب بولدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ چاغدا ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) غا: «سەن مېنىڭ يېشىل تونۇمنى يېپىنىپ ئورنۇمدا ئۇخلاپ تۇرغىن، ئۇلار ساڭا ھەرگىز يامانلىق يەتكۈزەلمەيدۇ» دەپ قويۇپ قولىغا بىر سىقىم توپا ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستى باشلىرىغا چېچىۋېتىپ، سەپلىرىنى ئارىلاپ ئۆتۈپ چىقىپ كەتتى.

شىرىن كالام (كىتاب)

ھﻪﺯﺭﯨﺘـــﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩـــﯔ ﻣﯘﺑـــﺎﺭەﻙ ﻧـــﺎﻣﻰ ﻣـــﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴـــﺴﺎﻻﻡ ﺑﻮﻟـــﯘپ، ﺋﺎﺗﯩـــﺴﻰ‬‫ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻼھﺘﯘﺭ. ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻼھ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻤﯘﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﺑــﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩــﺪە ﺋﻪڭ ﻛﯩﭽﯩﻜــﻰ ﺋﯩــﺪﻯ. ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻤﯘﻪﻟﻠﯩﭗ ﻛﻪﺑﯩﻨﯩــﯔ‬ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺯەﻣﺰەﻡ ﻗﯘﺩﯗﻗﯩﻨﻰ ﻛﻮﻟﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻗﯘﺭەﻳﺶ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ »ﺑﯘ ﻗﯘﺩﯗﻗﻘـﺎ ﺑﯩﺰﻣـﯘ ﺷـﯧﺮﯨﻚ« ﺩەپ ﺩﺍۋﺍ ﻗﯩﻠﯩـﭗ،‬‫ﺋﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﺯﯨﻴﻪﺕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻤﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ: »ﺟﺎﻧﺎﺑﻰ ﺋﺎﻟﻼھ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺋـﯘﻻﺭ ﻣﯧﻨﯩـﯔ ھﺎﻳـﺎﺕ‬‫ۋﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﻣﯧﻨـﻰ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺋﻪﺯﯨﻴﯩﺘﯩـﺪﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩـﺴﺎ، ﺷـﯘ ﺋـﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩـﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨـﻰ ﺋـﺎﻟﻼھ ﺋﯜﭼـﯜﻥ‬

m015.jpg

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ "سەھاب" دەپ ئاتىلىدىغان سەللىسى بولۇپ، ئۇنى ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا كەيگۈزۈپ قويغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللىنى بەزىدە بۆكنىڭ ئۈستىگە ئورايتتى، بەزىدە سەللىسىز بۆك كىيەتتى، بەزىدە بۆك كەيمەي سەللە يۆگەيتتى. سەللە يۆگىسە ئۇچچىنى (ھىلاقىسىنى) ئىككى تاغىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ساڭگىلىتىپ قوياتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ تەرجىمىھالى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن! ئادەم ئەلەيھىسالامدىن تارتىپ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىغا دائىر قىسسەلەر «قۇرئان كەرىم» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساماۋى كىتابلارنىڭ گاھلىرىدا تەپسىلى، گاھلىرىدا قىسقىچە بايان قىلىنىپ كەلگەن.

m043.jpg

سۇئال : سۆيۇملۇك پەيغەمبىرىمىز ھىجرەتتىن كىيىن تۇنجى قىلغان غازات (ئىسلام ئۇرشى) قاچان قەيەردە بولغان . ؟ ھىجىريىنىڭ 1- يىلى رامىزان ئېيىدا (مىلادىيىنىڭ 623-يىلى 4-ئايدا)ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ باشچىلىقىدىكى 30 كىشلىك قوشۇن قۇرەيشلەرنىڭ شامدىن كېلىۋاتقان كارۋىنىنى توسۇشقا بارغان، ئۇلار سەيفۇلبەھرى دىگەن جايدا ئۇچراشقان.سۇئال : ئون مۇبەششىر (تىرىكلىگىدە جەننەت بىلەن خۇش بىشارەت بىرىلگەنلەر) كىملەر . ؟ 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادىتى ۋە رەببىدىن قورقۇشى
ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنىڭ، راستچىللىقىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ
جۈملىسىدىن ئۇنىڭ ئاللاھ تائالاغا قېتىرقىنىپ ئىخلاس بىلەن ئىبادەت
قىلغانلىقى، ئۇنىڭدىن ھەقىقى قورققانلىقىدۇر.ەگەر ئۇ يالغان پەيغەمبەر
بولغان بولسا پۇتلىرى قاپىرىپ كەتكۈدەك، ئۆزىنى جاپاغا ئۇرۇپ، ئاللاھقا
ئىبادەت قىلمىغان بولاتتى بەلكى تارىختا ئۆتكەن يالغان پەيغەمبەرلەرگە
ئوخشاش ھاراملارنى ھالال ساناپ، ھاۋايى ھەۋەس، شەھۋەتلەرگە بېرىلگەن
بولاتتى.
 
جۈملىدىن كەززاپ م