رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكى

بەزىلەر: كۆپلىگەن كىشىلەر خەلق ئىچىدىكى مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش
مەقسىتىدە يوقسىزلىققا چىداپ تۇرۇپ زاھىدلىق ھاياتنى تاللايدۇ ياكى خەلقنىڭ
زاھىدلارغا بولغان ھۆرمىتىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭمۇ زاھىدلاردەك شۆھرەتكە
ئېرىشكىسى كېلىپ، يالغاندىن زاھىدلىق قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ، دېيىشى
مۇمكىن. بۇنىڭ ھەممىسى توغرا، ئۇنداق قىلغانلار قەلبىنى كىبرىلىك ئېگەللىۋالغان ھاكاۋۇرلاردۇر. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسا زاھىدلىق بىلەن كەمتەرلىكنى
مۇجەسسەملىگەن زاتتۇر. ئۇ زاتنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مەرتىۋىسىنىڭ
يۇقۇرۇلۇقى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنى ئۇ زاتنى تەركىدۇنيالىق
بىلەن كەمتەرلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتىن توسۇپ قالمىغان.

  
ئەبۇ رىفائە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن مەسجىدكە كىرسەم پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام خۇتبە ئوقۇۋاتقان ئىكەن، مەن خۇتبىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى
ساقلىماستىن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، مەن ئۆزلىرىدىن دىن توغرىسىدا سوئال
سوراپ كەلدىم، دېدىم، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇتبىسىنى
توختىتىپ، مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ تۆمۈر پۇتلۇق بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ،
ماڭا دىنىي تەلىم بېرىپ بولۇپ، ئاندىن خۇتبىسىنى داۋاملاشتۇرغانىدى، دېگەن.
(مۇسلىم رىۋايىتى).

  
ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: بۇ ھەدىس كەمتەرلىك، كىشىلەرگە سىلىق
مۇئامىلە قىلىش، كۆيۈنۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېگەن.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ ۋە رەسۇلنىڭ مۇھەببىتىنى ھەر قانداق
نەرسىنىڭ مۇھەببىتىدىن ئۇستۇن بىلىدىغان ساھابە كىراملارنىڭ ئۇنى ئالدىدىلا
مەدھىلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ: "خىرستىئانلار مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلىنى
ئۇچۇرتقاندەك، سىلەر مېنى ئۇچۇرتماڭلار، مەن پەقەت ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن،
شۇڭا: ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى، دەڭلار"، دېگەن. (بۇخارى رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا بىر ئادەم كىرىپ: ئى خوجايىنىمىز ۋە
خوجايىنىمىزنىڭ ئوغلى، ئى ياخشىمىز ۋە ياخشىمىزنىڭ ئوغلى!، دېگەندە
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: " ئى خالايىق! تەقۋا بولۇڭلار، سىلەرنى شەيتان
ئازدۇرمىسۇن، مەن مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ، ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى،
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ مېنى ئاللاھ چۈشۈرگەن ئورنۇمنىڭ ئۈستىگە
كۆتۈرۈۋىتىشىڭلرنى ياقتۇرمايمەن" دېگەن. (ئەھمەد رىۋايىتى).

  
ساھابە كىراملار بەدرى غازىتىگە ماڭغان ۋاقىتتا ھەر ئۈچ ئادەم بىر تۈگىگە
نۆۋەت بىلەن مىنگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ھەزرىتى ئەلى ۋە ئەبۇ
لۇبابە بىر گۇرۇپ بولغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مېڭىش نۆۋىتى
كەلگەندە ئىككى ھەمراھى: ئى رەسۇلۇللاھ، ئۆزلىرىنىڭ ئورنىدا بىز ماڭايلى،
دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "سىلەر مەندىن كۈچلۈك ئەمەس ۋە مەن
سىلەردىن ساۋاپقا بىھاجەت ئەمەس" دەپ ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپىنى رەت قىلغانىدى.

  
ساھابە كىراملار خەندەك كولاشقا باشلىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
مەرتىۋىسىگە تايىنىپ، قولىنى قۇراشتۇرۇپ ئولتۇرۋالماستىن ئۇلار بىلەن بىرگە
خەندەك كولاش، تۇپا توشۇش ئىشلىرىگە ھەمكارلاشقانىدى. بارا ئىبنى مالىك
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەھزاب كۈنى بىز بىلەن بىرگە
تۇپا توشۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان بولۇپ، مەن ئۇ زاتنىڭ تۇپىغا مىلىنىپ
كەتكەنلىكىنى كۆرگەنىدىم، دېگەن.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەكەببۇرلۇق كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋە
باشقىلاردىن ئالاھىدە بولىۋېلىشنى يامان كۆرەتتى، جۈملىدىن ساھابە
كىراملارنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشىنى يامان كۆرەتتى ۋە شۇنداق
قىلىشتىن تۇساتتى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇلار ئۈچۈن پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامدن سۆيۈملۈكرەك بىر كىشى يوق ئىدى، شۇنداق تۇرۇپ، ئۇلار
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنىڭ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشىنى يامان
كۆرىدىغانلىقىن بىلگەنلىكتىن ئۇنى كۆرگەن ۋاقىتتا ئورۇنلىرىدىن تۇرمايتتى،
دېگەن. (ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى).

  
مانا مۇشۇنداق سۈپەتكە ئىگە كىشىنىڭ پادىشاھلارغا قىلىنغاندەك، ئەتراپىدا
باشقىلارنىڭ ئۆرە تۇرۇشىنى يامان كۈرىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى كېسىلىدە ئولتۇرۇپ، ساھابىلار ئۇنىڭ
ئارقىسىدا ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 
ئۇلارنىڭ ئۈرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا نامازنى
ئولتۇرۇپ ئوقۇشقا ئىشارەت قىلغاندا ئۇلار ئولتۇرۇپ ئۇقۇغان. سالامدىن كېيىن
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "سىلەرنىڭ ھازىرقى قىلىقىڭلار فارس ۋە رىمنىڭ
قىلىقىغا ئوخشاپ قالاي دېدى، ئۇلار پادىشاھلىرىنىڭ ئەتراپىدا مۇشۇنداق ئۆرە
تۇرىشىدۇ، سىلەر ئۇنداق قىلماڭلار، ئىمامىڭلارغا ئەگىشىڭلار، ئىمام ئۆرە
تۇرۇپ ئوقۇسا سىلەرمۇ ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇڭلار، ئىمام ئولتۇرۇپ ئوقۇسا سىلەرمۇ
ئولتۇرۇپ ئوقۇڭلار" دېگەن. (مۇسلىم رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋەت قىلغۇچىنىڭ تائامى قانداق بولىشىدىن
قەتئىنەزەر ئۇنىڭ دەۋىتىگە ئىجابەت قىلاتتى. ئۇ: "ئەگەر مەن قوينىڭ پاچىقى
چاغلىق نەرسىگە دەۋەت قىلىنساممۇ ئەلۋەتتە ئىجابەت قىلىمەن، ئەگەر ماڭا
قوينىڭ پاچىقى چاغلىق نەرسە سوغات قىلىنسىمۇ ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىمەن"،
دېگەنىدى. (بۇخارى رىۋايىتى).

  
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
كەمتەرلىكى، گۈزەل ئەخلاقى، خەلقنىڭ كۆڭلىگە رىئايە قىلىدىغانلىقى نامايان
قىلىنغان، دېگەن.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاقتىنىڭ قىس، ماقامىنىڭ شەرەپلىك بولىشىغا
قارىماي چوڭلار  ئەمەس بەلكى ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ قىلىشتىن باش تارتىدىغان
ئىشلارنى قىلىشتىن باش تارتمايتتى، ئاجىزلارنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىش
ئۈچۈن مېڭىشنى ئاۋارىگەرچىلىك، دەپ قارىمايتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئەۋفا
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زىكرىنى كۆپ ئېيتاتتى، بىھۇدە
سۆز قىلمايتتى، نامازنى ئۇزۇن، خۇتبىنى قىسقا ئوقۇياتتى، تۇلخۇتۇن، يېتىم –
مىسكىنلارنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلاتتى، دېگەن. (نەسەئى رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكى ئۇنىڭ خالايىقنىڭ دىللىرىدىكى
ھەيۋىتىنى تۇسۇپ قالالمىغانىدى. بىر كۈنى ئۇ زاتنىڭ يېنىغا بىر كىشى كىرىپ
سۆزلىگەندە پەدەنلىرىنى تىترەك بېسىپ، سۆزىنى تاپالماي قالغاندا، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام: "ئۆزىڭىزنى قويۇپ بېرىپ سۆزلەڭ، مەن پادىشاھ ئەمەسمەن، مەن
پەقەت قۇرۇتۇلغان كۆش يەپ چوڭ بولغان بىر ئايالنىڭ ئوغلىمەن"، دېگەن.
(ئىبنى ماججە رىۋايىتى.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكى خالايىقلار ئالدىدا ئۆزىنى
پەدازلايدىغان ياسالما ئەخلاق بولماستىن بەلكى ئۇ ئۆيىدە ۋە ئائىلە –
تاۋابىئاتلىرىنڭ ئارىسىدا بولغاندىمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلمايدىغان تەبىئىى
ئەخلاقتۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىدە
نېمە ئىش قىلاتتى؟ دەپ سورالغاندا، ئەھلى – تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىزمىتىدە
بولاتتى، ناماز ۋاقتى بولغاندا نامازغا چىقاتتى، دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئىمام
ئەھمەدنىڭ رىۋايىتىدە: ئۇ ئىنسانلاردىن بىر ئىنسان بولۇپ، كىيىم –
كېچەكلىرىنى ياماپ كىيەتتى، قويىنى ساغاتتى ۋە ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى
قىلاتتى، دېگەن. (بۇخارى ۋە ئەھمەد رىۋايىتى).