ھەر قانداق ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئالار ئاللاھ تائالاغا چوقۇم يېتىدۇ. ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ. دۇئا قىلىش مەنئى قىلىنغان بېرەرمۇ ۋاقىت يوقتۇر. بىراق دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىن ۋاقىتلار دېيىلگەن بەزى ئەۋزەل ۋاقىتلار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1. سەجدىگە بارغان ۋاقىت. ئاللاھ تائالا سەجدىنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋە تىلەكلەرنى ئاللاھتىن سوراپ قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھقا سەجدە قىلغىن ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن»([1]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولغان ھالىتى ئۇنىڭ سەجدىدىكى ھالىتىدۇر. بۇ ۋاقىتتا دۇئانى كۆپ قىلىڭلار»([2]).
شۈبھىسىزكى، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا سەجدە قىلىۋاتقان ھالىتى، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالاغا مەنىۋىي تەرەپتىن ئەڭ يېقىن بولغان ۋە ئەڭ ياخشى ھالىتىدۇر. چۈنكى بۇ ۋاقىت مۇسۇلمان كىشىنىڭ بەدەننىڭ ئەڭ يۇقىرى تەرىپىگە جايلاشقان، ھەمىشە ئۈستۈن ۋە يۇقىرى تۇرىدىغان ئەڭ ھۆرمەتلىك ئورگىنى ۋە ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ سىمۇۋلى بولغان ئۇلۇغ پىشانىسىنى ئادەتتە ئاياقلار بىلەن دەسسىلىدىغان يەرگە قويۇپ تۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىنى، ئىخلاسىنى ۋە ئەڭ ئالى ئېھتىرامىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئۆزىنىڭ خار- زەبۇن، ئاجىز، بىچارە بەندە ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي رەۋىشتە ئىپادىلەپ كۆرسەتكەن بىر ھالىتىدۇر. شۇڭا بۇنداق ھالەتتە شەرتلىرى تولۇق بولغان دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولۇشىدا ھېچ شەك يوقتۇر.
مۇلاھىزە: پەرز نامازلارنىڭ سەجدىسىدە، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن دۇئالارنى ئەرەب تىلى بويىچە قىلىش لازىم. ئەمما پەرزدىن باشقا ۋاجىب، سۈننەت ۋە نەپلە نامازلارنىڭ سەجدىلىرىدە ھەر كىم ئۆز تىلىدا بىلگەن دۇئالىرىنى ئوقۇسا ۋە ھاجەتلىرىنى سورىسا بولىدۇ.
2. قاتتىق خوشاللىق ياكى قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ياكى ئاللاھ تائالادىن ئىنتايىن زور مەمنۇن بولغان ياكى ئۇنىڭدىن قاتتىق ئەيمىنىپ چۆچۈگەنلىكتىن ھاياجانلانغان لەھزىلەر. بۇنداق لەھزىلەردە قىلىنغان شەرتلىرى تولۇق دۇئالار چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنى
يۇقىرىقى ئايەت، خوشاللىقتىن قاتتىق ھاياجانلانغان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئانىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقىغا
يۇقىرىقى ئايەتلەر يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنى
3 . روزا تۇتقان ۋاقىتلار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى
يۇقىرىقى ئايەتلەردە، رامىزاننىڭ پەرزلىكىنىڭ بايانىغا ئاللاھنىڭ دۇئالارنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقى يانداشتۇرۇپ كەلتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن رامىزاندا قىلىنغان دۇئالارنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىنلىقى ئىپادىلىنىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ خىل ئادەمنىڭ دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ: بىرىنچىسى، زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئادەمنىڭ دۇئاسى، ئىككىنچىسى، روزىدار كىشىنىڭ دۇئاسى، ئۈچىنچىسى، ئادالەتلىك ھۆكۈمدارنىڭ دۇئاسىدۇر»([7]).
رامىزان كېچىلىرىمۇ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلارنىڭ بىرىدۇر.
4. ئەرەفات كۈنى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇئانىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەرەفات كۈنىدىكى دۇئادۇر. مەن ۋە مېنىڭدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئېيتقانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى: ‹ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ سانا ئۇنىڭغا خاستۇر. ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر› دېگەن كەلىمەدۇر»([8]).
5. كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرى يەنى بامدات نامازدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھەر كېچىسى بىرىنچى ئاسمانغا چۈشىدۇ ۋە كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى قالغاندا: ‹ماڭا دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، مەندىن سورىغان كىشىنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىمەن ۋە مەندىن مەغپىرەت تىلىگەن كىشىگە مەغپىرەت قىلىمەن› دەپ نىدا قىلىدۇ»([9]).
6. قەدىر كېچىسى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ‹قەدىر كېچىسى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر»([10]) دەيدۇ. قەدىر كېچىسى مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغانلىقتىن بۇ كېچىدە دۇئا قىلىش تولىمۇ ئەۋزەلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ
«ئى ئاللاھ! سەن ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە مەغپىرەت قىلىشنى ياقتۇرغۇچىسەن، گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن»([11]) دەپ دۇئا قىلىشىمنى تەۋسىيە قىلغان.
7. جۈمە كۈنى. چۈنكى جۈمە كۈنى ھەپتىنىڭ ئەڭ ئەۋزەل كۈنى ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۈنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى جۈمە كۈنىدۇر، ئۇ كۈندە ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان، شۇ كۈندە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن، شۇ كۈندە جەننەتتىن چىقىرىلغان، قىيامەتمۇ جۈمە كۈنىدىن باشقا كۈندە بولمايدۇ»([12]). بۇنداق ئۇلۇغ ۋە ياخشى كۈندە دۇئانى كۆپ قىلىش تولىمۇ ئەۋزەل ۋە ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنىدە دۇئا ئىجابەت بولىدىغان بىر سائەت باركى، قانداقلا بىر مۇسۇلمان كىشى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالىتىدە ئۇنىڭغا ئۇچرىشىدىكەن، ئۇ نېمە سورىسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ سورىغىنىنى چوقۇم بېرىدۇ»([13]).
ئىمام مۇسلىم ئەبۇ مۇسا ئەل ئەشئەرىيدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسكە كۆرە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەت، ئىمام مۇنبەرگە ئولتۇرغان ۋاقىتتىن ناماز تۈگىگەنگە قەدەر بولغان ۋاقىتلاردۇر»([14])
يەنە ھەدىسشۇناسلاردى
8. ئەزان بىلەن تەكبىر (ئىقامەت) ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىتلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىسىدىكى ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا رەت قىلىنمايدۇ»([16]) دېگەن.
9. سەپەر ئۈستىدىكى ۋاقىتلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ خىل كىشىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىشىدا ھېچ شەك يوق. ئۇلار: زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى، مۇساپىرنىڭ دۇئاسى ۋە ئاتا ـ ئانىنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى»([17]).
10. بېشىغا كۈن چۈشكەن كىشىنىڭ دۇئاسى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان
11. قۇرئاننى خەتمە قىلغاندىن كېيىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «قۇرئان خەتمە قىلىنغان ۋاقىتتىكى دۇئا ئىجابەت بولىدۇ»([19]) دەپ كۆرسەتكەن. «ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئاننى خەتمە قىلماقچى بولغىنىدا، بالا - چاقىلىرىنى توپلاپ بىرگە خەتمە قىلىپ دۇئا قىلاتتى»([20]).
12. بەش ۋاقىت نامازدىن كېيىنكى ۋاقىتلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدى
13. قۇرئان ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: « ئۇنداقتا، سىلەر مېنى ياد ئېتىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ياد ئېتەي»([22]). قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئۇنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ئاللاھ تائالانى ئەڭ ياخشى رەۋىشتە ياد ئەتكەنلىكتۇر. 
14. ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلغاندىن كېيىن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا، تائەت - ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە تائەت – ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، خۇدادىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە خۇدادىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى»([23]).
ئاللاھ تائالانى كۆپ زىكىر قىلغۇچىلار ئۈچۈن تەييارلانغان «كاتتا ساۋاب» ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە.
15. ئىسمۇلئەزەم ئوقۇلغان ۋاقىتلار. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەسجىدتە ئولتۇراتتۇق، بىر ئادەم ناماز ئوقۇۋېتىپ «ئى ئاللاھ! سېنىڭ پەزلى - كەرەمىڭنى سورايمەن، ھەقىقەتەن پۈتۈن ھەمدۇ سانالار ساڭا خاستۇر، سەندىن باشقا مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، سەن تولىمۇ شەپقەتلىكسەن، ناھايىتى ئاتا - ئېھسان قىلغۇچىسەن، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ياراتقان خالىقسەن، ئى ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك ئىلاھىم! ئى ھەمىشە تىرىك بولغۇچى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى رەببىم! سەندىن (ھاجەتلىرىمنى) سورايمەن» دەپ دۇئا قىلىۋاتاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ۋاقىتتا: «بۇ ئادەم ئۇنى ئوقۇپ نېمە سورىسا بېرىلىدىغان ۋە دۇئالار ئىجابەت بولىدىغان ئىسمۇلئەزەم بىلەن دۇئا قىلدى»([24]) دېدى.
16. ئىپتار ۋاقتى. روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا قىلغان دۇئاسى ئىجابەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا قىلغان دۇئاسى ھەرگىزمۇ ئىجابەتسىز قايتۇرۇلمايدۇ»([
17. زەمزەم سۈيى ئىچكەن ۋاقىت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «زەمزەم سۈيى نېمە ئۈچۈن ئىچىلگەن بولسا شۇنىڭ ئۈچۈندۇر، يەنى سەن ئۇنى شىپالىق تەلەپ قىلىپ ئىچسەڭ ئاللاھ ساڭا شىپالىق ئاتا قىلىدۇ، قورسىقىڭنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ئىچسەڭ ئاللاھ سېنى تويغۇزىدۇ، ئۇسسۇزلۇقتىن ئىچسەڭ ئاللاھ سېنىڭ ئۇسسۇزلۇقىڭنى كېسىدۇ. ئۇنى جىبرىل ئەلەيھىسسالام قازغان، ئۇ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا
18. زور قىيىنچىلىقلارغا
بۇ ئايەت زورقىيىنچىلىقلا
19. يامغۇر ياغقان ۋاقىت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تۆت ۋاقىتتا ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ ۋە دۇئالار ئىجابەت بولىدۇ. ئۇلار: مۇجاھىدلار دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىت، يامغۇر ياغقان ۋاقىت، ناماز ئادا قىلىنغان ۋاقىت ۋە كەبىنى كۆرگەن ۋاقىتتۇر»([28]).
بۇ ھەدىسقا ئاساسەن، كەئبىنى كۆرگەن چاغمۇ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ياخشى ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ.
20. ئاتا ـ ئانىنىڭ بالىلىرىنىڭ پايدىسى ياكى زىيىنىغا قىلغان ھەر قانداق دۇئاسى شەكسىز ئىجابەت بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ خىل كىشىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىشىدا ھېچ شەك يوق. ئۇلار: زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى، مۇساپىرنىڭ دۇئاسى ۋە ئاتا ـ ئانىنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى»([29]).
21. بىراۋنىڭ دىنىي قېرىندىشىغا غايىبانە قىلغان دۇئاسى چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ. «مۇسۇلمان كىشىنىڭ دىنىي بۇرادىرىگە غايىبانە قىلغان دۇئاسى چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ. ئۇنىڭ بېشىدا بىر پەرىشتە دائىم ھازىر بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇ دىنىي بۇرادىرىگە ھەر قېتىم دۇئا قىلغىنىدا، مەزكۇز پەرىشتە ‹ئى ئاللاھ بۇ كىشىگىمۇ قېرىندىشىغا تىلىگىنىنىڭ ئوخشىشىنى بەرگىن› دەپ دۇئا قىلىدۇ»([30]).
22. پەرز نامازلارغا ئەزان ئېيتىلغان ۋاقىتلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى ۋاقىتتىكى دۇئا رەت قىلىنمايدۇ ياكى رەت قىلىنىش ئېھتىمالى ناھايىتى ئازدۇر: ئۇلارنىڭ بىرى، نامازغا ئەزان چاقىرىلغان ۋاقىت، يەنە بىرى، مۇجاھىدلار دۈشمەن بىلەن تىغمۇ تىغ ئېلىشقان ۋاقتتۇر»([31]).
23. مۇجاھىدلار دۈشمەن بىلەن تۇتۇشقان ۋاقىت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تۆت ۋاقىتتا ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ ۋە دۇئالار ئىجابەت بولىدۇ. ئۇلار: مۇجاھىدلار دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىت، يامغۇر ياغقان ۋاقىت، ناماز ئادا قىلىنغان ۋاقىت ۋە كەبىنى كۆرگەن ۋاقىتتۇر»([32]).
24. مۇسىبەتكە ئۇچرىغان ۋاقىت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قانداقلا بىر مۇسۇلمان بەندىگە بېرەر مۇسىبەت يەتسە، ‹بىز ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدى
25 . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا
فەزالە ئىبنى ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدتە ئولتۇراتتى، بىر ئادەم كېلىپ ناماز ئوقۇدى، ئاندىن ‹ئى ئاللاھ! ماڭا رەھىم قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن› دەپ دۇئا قىلىشقا باشلىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ‹ئالدىراپ كەتتىىڭ ئەي ناماز ئوقۇغۇچى! ناماز ئوقۇپ بولۇپ، ئولتۇرغىنىڭدا، ئاۋۋال ئاللاھ تائالاغا لايىق رەۋىشتە ھەمدۇ سانا ئېيتقىن، ئاندىن ماڭا دۇرۇد ئېيتقىن، ئاندىن دۇئا قىلغىن› دېدى. ئاندىن يەنە بىر ئادەم كېلىپ ناماز ئوقۇپ بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا
26. راھەت- پاراغەتلىك كۈنلەردە دۇئا قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قىيىن كۈنلەردە قىلغان دۇئالىرىنىڭ ئىجابەت قىلىنىشىنى ياقتۇرسا، راھەت - پاراغەتلىك كۈنلىرىدە كۆپلەپ دۇئا قىلسۇن»([36]).
([1]) &
([2]) &
([3]) &
([4]) &
([5]) &
([6]) &
([7]) &
([8]) &
([9]) &
([10]) قەدر سۈرىسى.
([11]) تىرمىزى رىۋايىتى.
([12]) ئىمام مۇسلىمرىۋايىتى.
([13]) ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([14]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([15]) ئىبنى قەييىم جەۋزىينىڭ« زاد المىاد» ناملىق ئەسىرى1 ـ جىلد 131 ـ بەتتىن ئېلىندى.
([16]) ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.
([17]) تىرمىزى رىۋايىتى.
([18]) نەمل سۈرىسى 62 ـ ئايەت.
([19]) دارىمىي رىۋايىتى.
([20]) ئىمام نەۋەۋىي رىۋايەت قىلغان.
([21]) تىرمىزى رىۋايىتى.
([22]) بەقەرە سۈرىسى 152 ـ ئايەت.
([23]) ئەھزاب سۈرىسى35 – ئايەت.
([24]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
([25]) ئىبنى ماجە رىۋايىتى.
([26]) ئىمام بەيھەقىي، دارىقۇتنى ۋە ھاكىم رىۋايىتى.
([27]) لۇقمان سۈرىسى 32- ئايەت.
([28]) بەيھەقىي رىۋايىتى.
([29]) تىرمىزى رىۋايىتى.
([30]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([31]) ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.
([32]) بەيھەقى رىۋايىتى.
([33]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([34]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
([35]) تىرمىزى رىۋايىتى.
([36]) تىرمىزى ۋە ھاكىم رىۋايىتى.