6. ھايۋانلارغا رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم يولدا كېتىۋېتىپ قاتتىق ئۇسساپ كەتتى، يولدا بىر قۇدۇق ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا چۈشۈپ سۇ ئىچتى. سىرتقا چىققىنىدا، ئۇسسۇزلىقتىن تىلى ساڭگىلاپ، تۇپراقنى يەۋاتقان بىر ئىتنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ ئادەم ئۆز - ئۆزىگە ‹بۇ ئىت ماڭا ئوخشاش قاتتىق ئۇسساپ كېتىپتۇ› دېدى - دە، قۇدۇققا چۈشۈپ ئۆتىكىگە سۇ تولدۇرۇپ، چىشى بىلەن ئۆتىكىنى چىشلەپ، قولى بىلەن قۇدۇقنىڭ گىرۋىكىنى تۇتۇپ قۇدۇقتىن چىقىپ، ھېلىقى ئىتنى سۇغاردى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا خۇرسەن بولۇپ، ئۇنىڭ بارچە گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىۋەتتى»([1]).
سىز ھاياتىڭىزدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ كوچىدا يەيدىغان نەرسە ئىزدەپ يۈرگەن بىرەر ئىتنىڭ قورسىقىنى تويغۇزدىڭىزمۇ؟ ياكى سىزگە تەلمۈرۈپ كەلگەن بىچارە ئىتنى ‹پاسكىنا ھايۋان› دەپ پۇتىڭىز بىلەن تېپىۋېتىپ كېتىپ قالدىڭىزمۇ؟
ئاللاھ تائالا ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتچىسى قىلىپ يارىتىپ بەرگەن ۋە ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن بىچارە ھايۋانلارنى ئۆزلىرىنىڭ تاماشاسىنى قىزىتىش ئۈچۈن قۇربان قىلىپ، ئىتلارنى تالاشتۇرۇش، قوچقارلارنى ئۈسۈشتۈرۈش، خورازلارنى چوقۇشتۇرۇش، قۇشلارنى ئوق ئېتىش مەشقلىرىدە نىشانغا ئېلىش قاتارلىق شەپقەتسىزلىكلەر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى ھايۋانلارغا رەھىم - شەپقەت قىلىشقا تەشەببۇس قىلاتتى. بىر كۈنى ئۇلارغا بىر مۈشۈك سەۋەبلىك دوزىخى بولۇپ كەتكەن بىر ئايالنىڭ قىسسىسىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بىر ئايال بىر مۈشۈكنى نان ياكى سۇ بەرمەستىن ئۆيىگە سولاپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن دوزىخى بولۇپ كەتكەن»([3]).
بىر مۈشۈكنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بىر مۇسۇلمان ئايال دوزاخقا كىرگەن يەردە، ھايۋانلارنىڭ قىينىلىشلىرىدىن
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «كىمكى بىر قۇشقاچ چاغلىق بىر جانلىقنى بۇغۇزلىغاندىمۇ،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى بىر ئادەمنىڭ بىر قولىدا پىچاق تۇتقان ھالدا، بىر قوينى ئۆلتۈرگىلى سۆرەپ كېتىۋاتقانلىقىن
ئاللاھ تائالا خىزمىتىمىزگە سېلىپ يوللۇق پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن بىزگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن شۇ ھايۋانلارنىڭ جېنى بىزنىڭكىگە ئوخشاشلا جان ئەمەسمۇ؟ ئۇلارنىڭمۇ جېنى ئاغرىيدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ دەرىجىدىكى تاش يۈرەك ئىنسانلارنىڭ جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالىشى ناتايىن! چۈنكى جەننەت رەھمەتتۇر. ئۇ پەقەت رەھىم - شەپقەتلىك بولغانلارنىلا قوبۇل قىلالايدۇ!
جەننەتكە ئىبادەتنىڭ كوپلىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ شەپقىتى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى بىلەنلا كىرگىلى بولىدۇ!
رەھىم - شەپقەت پۈتۈن ئىشلاردا تەلەب قىلىنىدۇ
رەھىم - شەپقەت بىلەن سىلىقلىق مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى جمى ھەرىكەتلىرىدە ــ ئىبادەتلىرى، دەم ئېلىشى، مۇئامىلىسى، ئولتۇرۇپ - قوپۇشى، شۇنداقلا بارلىق ئىشلىرىدا ــ بولمىسا بولمايدىغان نەرسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «سىلىقلىق قايسى نەرسىگە كىرسە، ئۇنى چىرايلىقلاشتۇرى
7. ئاسىي - گۇناھكار كىشىلەرگە رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئىلگىرى سىلەرمۇ ئەنە شۇنداق ئىدىڭلار، كېيىن ئاللاھ سىلەرگە ئىلتىپات قىلدى»([6]) دېيىش ئارقىلىق بىزنى ئۆتكەن كۈنلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىزغا
گۇناھ قىلمايدىغان، خاتالاشمايدىغان
بىز مۇسۇلمانلاردا ھازىرلا مەسجىدتىن چىقىپ، ھەتتا تاھارەت بىلەن تۇرۇپ يالغان سۆزلەيدىغانلارن
شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مۆمىن ئادەم قورقۇنچاق بولامدۇ؟» دەپ سورالغىنىدا، «ھەئە» دەپ جاۋاب بەرگەن، يەنە «مۆمىن ئادەم بېخىل بولامدۇ» دەپ سورالغاندىمۇ، «ھەئە»دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاندىن «مۆمىن ئادەم يالغانچى بولامدۇ» دەپ سورالغىنىدا، «ياق» دەپ جاۋاب بەرگەن([8]). چۈنكى قورقۇنچاقلىق بىلەن بېخىللىقنىڭ زىيىنى شۇ شەخسنىڭ ئۆزىگە بەكرەك زىيانلىق بولغىنىدەك، يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى يالغان ئېيتقۇچىنىڭ ئۆزىدىن كۆرە باشقىلارغا بەكرەك زىيانلىقتۇر. چۈنكى گاھىدا بىرلا يالغان بىلەن ھەقىقەت ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كېتىدۇ، ئاق قارىغا، قارا ئاققا ئايلىنىپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟!
ھەر قانداق بىر گۇناھنى كىچىك ساناشقا بولمايدۇ. چۇنكى كىچىك گۇناھلار ئۇنىڭغا داۋام قىلىش ئارقىلىق چوڭ گۇناھلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭدەك، گۇناھ - مەسىيەتلەرنى يامان كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا رازى بولماسلىق مۇسۇلمانلىقنىڭ تەلەبلىرىدىن بىرى. ئەمما گۇناھ ئىشلىگەن ياكى خاتالاشقان بىرىنى خۇددى ئۆزى ھاياتىدا گۇناھ ئىشلەپ باقمىغاندەك، ھېچ خاتالاشمىغاندەك
گۇناھكار بەندىلەرگە رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش بابىدا، قۇرئان كەرىمنىڭ ياسىن سۈرىسىدە قىسسىسى بايان قىلىنغان ھەبىب نەججار دېگەن كىشىنىڭ قەۋمى ئۇنى ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتقانلىقى سەۋەبلىك ناھەق ئۆلتۈرىۋەتكەندى
ئىنسانلار گۇناھ - مەسىيەتلەرگە چۆكۈپ، قانچىلىك يامان يوللارغا كىرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ياخشىلىقنى سۆيۈش ۋە ياخشىلىققا قايتىش ئىقتىدارى يوقالمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ: «پەرۋەردىگارىڭن
تەييارلىغان: زەيتۇنە ئابدۇلئەھەد
([1]) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
([2]) ئىمام ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد، ئىبنى ماجە رىۋايىتى.
([3]) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
([4]) ئىمام بۇخارى ۋە تابەرانى رىۋايىتى.
([5]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([6]) نىسا سۈرىسى94-ئايەت.
([7]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
([8]) ئىمام مالىك رىۋايىتى.
([9]) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
([10]) نەھل سۈرىسى125-ئايەت.