رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m017.jpg

پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەخلاقى قۇرئان كەرىم ئىدى. ئۇ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتا، ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاشتا، ئاللاھ مەنئى قىلغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشتا، بارچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئىنسانلارنىڭ ئالدىنقىسى ئىدى. ئۇ گۈزەل ئەخلاق جەھەتتىمۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسىگە ئايلانغان ئىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىكى بارلىق ئىش - ئىزلىرىدا ئىپادىلەنگەن بولۇپ، تۆۋەندىكى ماۋزۇلاردا تېخىمۇ روشەن كۆرگىلى بولىدۇ:

(1) ئاللاھقا قارىتا ئەخلاقى

(2) ئىنسانىيەتكە قارىتا ئەخلاقى

(3) مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئەخلاقى

(4) ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىتا ئەخلاقى

(5) بالىلارغا قارىتا ئەخلاقى

(6) دۈشمەنلىرىگە قارىتا ئەخلاقى

(7) ئۇرۇش ئەسناسىدىكى ئەخلاقى

(8) ھايۋانلارغا قارىتا ئەخلاقى

(9) مۇھىت ۋە تەبىئەتكە قارىتا ئەخلاقىي

(10) سۆھبەتداشلىرىغا قارىتا ئەخلاقى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھقا قارىتا ئەخلاقى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانى ئەڭ ياخشى تونۇغان، ئۇنى ھەقىقى مەنىدە قەدىرلىگەن ۋە ئۇنىڭغا بولغان بەندىچىلىك بۇرچىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن زات ئىدى. ئۇ ئاللاھنى ھەممىدىن بەك ئۇلۇغلايتتى، ھەمىشە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدلىنىش ۋە غەزىبىگە ئۇچراشتىن ھەزەر قىلىشتىن ئىبارەت تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايتتى. پۈتۈن ھاياتىنى ۋە دۇنيالىقتىكى قىممەتلىك ھەر نەرسىسىنى ئاللاھنىڭ يولىغا ئاتاشتا ئىنسانىيەتكە ئۈلگە ئىدى.

ئاللاھتىن كەلگەن خوشاللىق ئۈچۈن ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلاتتى، ئۇنىڭدىن كەلگەن مۇسىبەت ياكى غەم – قايغۇ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن سەۋر تىلەيتتى. ئاللاھ ئاتا قىلغان قىسمەتكە كۆڭلىدىن رازى بولاتتى. ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنغان تۇرۇپ، كېچىلىرى ئاللاھقا ناماز ئوقۇپ پۇتلىرى ئىششىپ كېتەتتى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە قارىتا ئەخلاقى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئالەملەرگە رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئىمان ئېيتقان ۋە ئېيتمىغان پۈتۈن ئىنسانلارغا رەھىم - شەپقەت، كەڭچىلىك، كەچۈرۈم، ئازادىلىك ۋە ھۆرلۈكنى دۇنيا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ تەشۋىق قىلغان ھەم ئەمەلىيىتى بىلەن تەتبىق قىلغان زاتتۇر. ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنى سۆيگەنلىكىدىن ھەمىشە ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىپ نىجاتلىققا ئېرىشىشىگە تىرىشاتتى ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق تىلەيتتى. ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى دۈشمەنلىرىمۇ بىردەك سۆزلەيتتى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئەخلاقى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا ئەڭ مېھرى – شەپقەتلىك، ئەڭ كۆيۈمچان زات ئىدى. قۇرئان كەرىم ئۇنىڭ ئەخلاقىنى ئالاھىدە مەدھىيىلەپ: ﴿سەن ھەقىقەتەن گۈزەل ئەخلاققا ئىگىسەن﴾([1]) دېگەن.

قۇرئان كەرىم ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان گۈزەل ئەخلاقىنى ماختاپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى.﴾([2])

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىتا ئەخلاقى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان، ئەڭ ئۈلگىلىك بىر ئەر، ئەڭ شەپقەتلىك بىر ئاتا ۋە ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان بىر ئائىلە باشلىقى ئىدى. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ساھابىلارنىڭ:«ئياللارغا مېھرىبانلىق قىلىشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئارتۇق بىراۋنى كۆرمىدۇق»([3]) دېگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنىمۇ بۇ ياخشى ئەخلاققا چاقىرىپ:«سىلەرنڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار، ئۆز ئەھلىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلاردۇر. مەن ئۆز ئەھلىگە ئەڭ مېھرىبان كىشىڭلارمەن»([4]) دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۆلەتنىڭ رەئىسى، دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلارنىڭ رەھبىرى، ئەسكەرلەرنىڭ قوماندىنى، مەسجىدتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىقى قاتارلىق ئېغىر يۈكلەر ۋە مەسئۇلىيەتلەر ئۈستىگە يۈكلەنگەن تۇرۇپ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى جايىدا ۋە تولۇق ئورۇندىغاننىڭ سىرتىدا، ئائىلىسى ئېھتىياجلىق بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت، ئۆي ئىشلىرىدا ئاياللىرىغا ياردەملىشىش، ئۇلارنىڭ خوشاللىقى ۋە دەرتلىرىنى ئاڭلاشقا ۋاقىت ئايرىش ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئائىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بۇرچىنىمۇ ھېچ ئۇنتۇپ قالمايتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنىڭ ئىسلام دىنىدىكى قەدىر-قىممىتىنى ناھايىتى ياخشى بىلگەن ۋە ئۇلارغا كۆيۈنگەنلىكتىن، ئۆي ئىشلىرىدا ئاياللىرىغا ياردەملىشەتتى، ئۇلارغا ئېغىرلىق سالمايتتى، ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى ئۆزى ياماپ، بەزىدە ئۆزى يۇيۇپ كىيەتتى، يېمەك-ئىچمەكلىرنى كۆپ ھاللاردا ئۆزى تەييارلايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيدە قىلىدىغان ئىشلىرى توغرۇلۇق سورالغىنىدا:« رەسۇلۇللاھ ئۆيىدە باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش بىر ئىنسان ئىدى، ئۆزىنىڭ كىيىمىنى يامايتتى، ماللىرىنى ساغاتتى، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى قىلاتتى»([5]) دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ يەنە بىر قېتىم ”رەسۇلۇللاھ ئۆيىدە نېمە ئىش قىلاتتى؟“ دەپ سورالغىنىدا:« رەسۇلۇللاھ ئۆيىدە ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىش بىلەن بولاتتى، ناماز ۋاقتى كەلگەن ھامان مەسجىدكە چىقىپ كېتەتتى»([6]) دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىسى بولغان ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەخلاقى ئالدىدا بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەرلىرىمىز نەدە؟ ”ئەر كىشى تاماق ئەتسە بولمايدۇ“، ”ئەر كىشى كىر يۇيۇسا بولمايدۇ“ ۋە ”ئەر كىشى بالا باقسا بولمايدۇ“ دېگەنلەرنى كىم ئېيتىپتۇ؟ بىز پەيغەمبىرىمىزگە ئەگىشەمدۇق ياكى ئىسلام ئەخلاقىغا يات كېلىدىغان ناچار ئادەتلىرىمىزگىمۇ؟!

قولىدا بالىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان ياكى ئوچاق بېىشىغا كەلگەن ئەرنى ئەيىبلەيدىغان ناچار ئادەتنىڭ ھازىرمۇ بەزى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرىۋاتقانلىقى ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك ۋە سەسكىنەرلىك ئىش.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلارغا قارىتا ئەخلاقى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر كىشىگە ئۇنىڭ ئەقلى ۋە سەۋىيىسىگە مۇناسىپ مۇئامىلىدە بولاتتى. بالىلارنى ۋە ئۇلارنى خوشال قىلىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. بالىلارنىڭ قىينىلىپ قېلىشىغا زادى چىداپ تۇرالمايتتى. ھەمىشە يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلايتتى. بەزىدە بالىلارنىڭ ئەقلىگە ماسلىشىپ ئۇلار بىلەن ئويۇن ئوينايتتى. بالىلارمۇ بۇ ئۈلگىلىك پەيغەمبەرنى ئۆز ئاتا – ئانىسىدىنمۇ بەك سۆيەتتى ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇشنى تىلەيتتى. بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا : ”يارەسۇلەللاھ! سىز بالىلارنى سۆيىدىكەنسىز، مېنىڭ ئون بالام بار، ھازىرغىچە بىرىنىمۇ سۆيۈپ باققىنىم يوق“ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ تاش يۈرەكلىكىگە ئېچىنىپ:«كىشىلەگە رەھىم – شەپقەت قىلمىغانلارغا ئاللاھ رەھىم قىلمايدۇ»([7]) دېگەن.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارىتا ئەخلاقى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۈشمەنلىرىگىمۇ ناھايىتى مېھرى- شەپقەتلىك زات بولغانلىقتىن، ئۇلار ئىچىدىمۇ چوڭقۇر ھۆرمەتكە ئېگە ئىدى. دۈشمەنلىرى ئۇنىڭ چاقىرغان دىنىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى، راستچىللىقىنى ۋە ئىنسانىيەتتە بولۇشقا تېگىشلىك مېھرى – شەپقەت، رەھىمدىللىق، ئادالەت ۋە باشقىمۇ بارلىق ئېسىل سۈپەتلەرنىڭ ئۇنىڭدا مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى ئىقرار قىلاتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا ئىنسان چىداپ تۇرالمايدىغان ئېغىر زۇلۇملارنى سالغان، ئۇلارنى ئەڭ ۋەھشى قىيىن – قىستاقلارغا ئالغان، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقارغان، بۇنى ئاز دەپ ئۇلارنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى خالىغانچە تالان – تاراج قىلغان، ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان قۇرەيش قەبىلىسى باشچىلىقىدىكى مەككىلىك ئەرەبلەر مەككە ئازات بولغان كۈنى بىر تەرەپتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى قانداق ئېغىر جازالارغا تارتىدىغانلىقىنى كۈتسە، يەنە بىر تەرەپتىن مېھرى – شەپقىتى ھەممىگە ئومۇم بولغان بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ شەپقىتىگە تەلمۈرۈپ، قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە تۇرۇشقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى:«تارقىلڭلار، ئازاتسىلەر!» دېگەنلىكى، مەككىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىدىن بىرى بولغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئىسلام دىنىغا قاتتىق ئۆچمەنلىكى بىلەن تونۇلغان ۋە بارچە ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ ھەممىنى ئىشلىگەننىڭ سىرتىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئۇرۇپ قۇرسىقىدىكى بۇۋىقىنى چۈشۈرۋەتكەن ھىبار ئىبنى ئەسۋەد دېگەن ئادەمنى كەچۈرىۋەتكەنلىكى ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر كەچۈرۈم بولغانلىقتىن، ئەرەبلەر توپ – توپ بولۇپ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرىشكە باشلىغان ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىسلام دىيارىغا ئايلانغان.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇش ئەسناسىدىكى ئەخلاقى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەسىلىنى ئۇرۇشسىز ھەل قىلىشقا تىرىشاتتى. پەقەت ئۇرۇش قىلىشتىن باشقا چارە قالمىغان ياكى دۈشمەنلەر بېسىپ كەلگەن ۋاقىتتىلا ئۇرۇش قىلىشنى قارار قىلاتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم ئۇرۇشقا چىقىشتىن ئاۋۋال مۇسۇلمان ئەسكەرلىرىگە يول يورۇق بېرىپ:« سىلەرگە تىغ تەڭلىمىگەنلەرنى، ياشانغانلارنى، ئاياللارنى، بالىلارنى ئۆلتۈرمەڭلار! زىرائەتلەرنى نابۇت قىلماڭلار، دۈشمەنلەرنىڭ بەدەنلىرىنى پارچىلىماڭلار، ئەسىرلەرنى خورلىماڭلار»دەپ جېكىلەيتتى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايۋانلارغا قارىتا ئەخلاقى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەپقىتى ئىنسانلارغىلا ئەمەس، بەلكى ھايۋانلارغىمۇ شامىل ئېدى. نان، سۇ بەرمەستىن باغلاپ قويغانلىقى تۈپەيلى ئۆلگەن بىر مۈشۈك سەۋەبلىك بىر مۆمىنە ئايالنىڭ دوزىخى بولۇپ كەتكەنلىكىنى، بىر بۇزۇق ئايالنىڭ ئۇسسۇزلۇقتىن تىلىنى چىقىرىپ تەلمۈرۈپ تۇرغان بىر ئىتنى ئۆتۈكىنى سېلىپ، قۇدۇقتىن سۇ ئېلىپ سۇغۇرغانلىقى ئۈچۈن جەننىتى بولۇپ كەتكەنلىكىنى مۇسۇلمانلارغا سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق بارلىق جان ئېگىلىرىگە رەھىم – شەپقەت قىلىشنى ئۈگەتكەن زات مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر.

بىر ھايۋاننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىق تۈپەيلى بىر مۆمىنە ئايالنىڭ دوزاخقا، يەنە بىر ھايۋاننىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قويغان بىر بۇزۇق ئايالنىڭ بۇ ياخشىلىقى ئۈچۈن جەننەتكە لايىق بولغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئاددىغىنە قىسسە چوڭقۇر مەنىگە ئېگە بولۇپ، بىزگە شەپقەتنىڭ ئاللاھ تائالا دەرگاھىدا قانچىلىك كاتتا ئورنى بار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن.

ئۇ ھايۋانلارنى بۇغۇزلىغاندىمۇ ئۇلارغا رەھىم شەپقەت كۆرسىتىشنى بۇيرىغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ ھەممە نەرسىگە رەھمەتنى پۈتىۋەتكەن. مال بوغۇزلىغاندا، مالنى قىينىماستىن ياخشى بوغۇزلاڭلار». بىر ئادەمنىڭ پىچاقنى قوينىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ بۆلىگەنلىكىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا:« پىچاقنى مالغا كۆرسەتمە! ئۇنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈرمەكىچىمۇسەن؟»دەپ كايىغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھىت ۋە تەبىئەتكە قارىتا ئەخلاقىي

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇھىت تازىلىقىنى ۋە تەبىئەت ساپلىقىنى ساقلاشقا ئەڭ زور ئەھمىيەت بەرگەن زات بولۇپ، «پاكىزلىق – ئىماننىڭ يېرىمىدۇر»دېگەن پرىنسىپنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئۆي ئىچىنى، كىيىم – كېچەكلەرنى، يېمەك – ئىچمەكلەرنى ۋە بەدەننى پاكىز تۇتۇشقا بۇيرىغان، ناماز ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، كەبىنى تاۋاب قىلىشقا ئوخشىغان ئىبادەتلەرنى تاھارەتتىن ئىبارەت پاكىزلىق بىلەن ئورۇنلاشقا، كۆپچىلىك توپلىشىدىغان ئورۇنلارغا يۇيۇنۇپ، خۇشبۇيلارنى سۈرتۈپ بېرىشقا ئەمر قىلغان ئىدى.

مۇندىن باشقا ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچىلارنىڭ مەككىنىڭ دەل – دەرەخلىرىنى، ئۆسۈملۈكلىرىنى ۋە زىرائەتلىرىنى كېسىشتىن ۋە يۇلۇشتىن مەنئى قىلغانلىقى، ئۇرۇش ئەسناسىدا ئەسكەرلەرنىڭ زىرائەتلەرنى نابۇت قىلماسلىقىنى، دەل - دەرەخلەرنى كەسمەسلىكىنى ۋە ئوت قويماسلىقىنى قاتتىق جېكىلىگەنلىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبىئەتنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ئاسراشقا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبەتداشلىرىغا قارىتا ئەخلاقى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئالىي پەزىلىتى ۋە گۈزەل ئەخلاقى بىلەن سۆھبەتداشلىرىنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋالاتتى. ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئادەم قايتا سۆھبەتلىشىشنى ئارمان قىلاتتى. قىسقىسى، ئۇنىڭ سۆھبىتىگە تويمايتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىراۋ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۇنىڭ سۆزىنى كەسمەيتتى ۋە بۇنداق قىلىشنى ئەخلاقسىزلىق دەپ بىلەتتى. سۆزلەۋاتقان كىشىدىن ھېچ ۋاقىت يۈزىنى باشقا تەرەپكە چۆرىمەيتتى. ئۇنىڭ سۆزىنى دىققەت بىلەن ئاڭلايتتى. قارشى تەرەپنىڭ ئەدەپسىزلىكىگە ھەرگىزمۇ ئاچچىقلاپ قالمايتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنتايىن كىچىك پېئىل ۋە تولىمۇ كەمتەر زات بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا – باشقا مىللەتلەر كاتتىلىرىغا ئورنىدىن تۇرغاندەك – ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشىنى ياقتۇرمايتتى. ئولتۇرغاندا ئادەتتىكى كىشىلەردەك قەيەردىن ئورۇن تەگسە شۇ يەردە ئولتۇراتتى. ئاجىزلارنى ۋە كەمبەغەللەرنى خور كۆرمەيتتى، ئۇلارنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇلانىڭ بېشىنى سىلايتتى.

--------------------------------------------------------------------------------

([1]) نۇن سۈرىسى 4- ئايەت

([2]) ئال ئىمران سۈرىسى 159- ئايەت

([3]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى

([4]) ئىبنى ماجە رىۋايىتى

([5]) ئىمام ئەھمەت رىۋايىتى

([6]) ئىمام بۇخارى رىۋاسيىتى

([7]) بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى