ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفە فىقھى ساھەسىدە چاقنىغان تۆت يۇلتۇز- ئەبۇ ھەنىيفە، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەللەرنىڭ تۇنجىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ دەسلەپتە تۇغۇلغان، ئەڭ دەسلەپتە ۋاپات بولغان كىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفە شەنى تۆۋەن ، ئورنى ئاجىز ئادەم ئەمەس؛ ئۇ كۆپ تەرەپلىمە ئۇتۇق قازانغان شەخس؛ ئۇ ئىلىم-مەرىپەتكە تولغان، دۇنيا ھاياتىدا ئۇتۇق قازانغان، تەپەككۇر، پىكىردا چوڭقۇرلىغان شەخس. ئۇ بۈيۈك ئىماملار ئارىسىدىمۇ ئالاھىدە ئەخلاق ساھىبى. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان تۆھپە – ئارتۇقچىلىقلىرى
ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ئەسلى ئسمى نۇئمان ئىبنى سابىت ئىبنى نۇئمان ئىبنى مىرزىبان بولۇپ، ھىجرىيە 80- يىلى كۇفە شەھىرىدە پارىس ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بەزى تارىخچلار ئۇنىڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمى زۇتىي، تەييىمۇللا ئىبنى سەئلەبەنىڭ قۇلى ئىدى، دېيىشىدۇ؛ شۇنداق گەپ-سۆزلەر بولسىمۇ، بىر قىسىم نىيىتى خالىس تارىخچىلار ياخشى نىيەت بىلەن ئىمام ئەزەمنى قۇللۇقنىڭ مۇشەققىتىنى ۋە خارلىقىنى كۆرمىگەن ھۈر ئادەم نەسلىدىن ئىدى، دەپ يېزىشىدۇ. بۇ مەسىلىنى ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ نەۋرىسى ئىسمائىل بايان قىلىپ، ئەجدادلىرىنىڭ قۇل ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ : « مەن ئىسمائىل ئىبنى ھەمماد ئىبنى نۇئمان ( يەنى ئەبۇ ھەنىيفە) ئىبنى سابىت ئىبنى نۇئمان ئىبنى مىرزىبان ھۆر- ئەركىن پارىس ئوغۇللىرىدىن بولىمەن! ئاللا بىزنى قەتئىي قۇللاردىن قىلىپ قويمىغان!» دېگەن( «باغداد تارىخى» 13\326 ).
ئەبۇ ھەنىيفە ئىلىمگە بالدۇرلا، كىچىكىدىن كىرمىگەن. ئۇ ياش ۋاقىتلىرىنى تىجارەت بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئىلىمگە يۈزلەنگەن ۋاقىتىدا بولسا چوڭ يىگىت بولۇپ كەتكەنىدى. بۇ جەھەتتە ئۇ باشقا فىقىھى ئىماملىرىغا ئوخشىمايدۇ، مەيلى مالىك، شافىئىي، ئەھمەد بولسۇن، بۇلار كىچىكىدىنلا ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇستاز تۇتۇپ، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئىلىم بىلەن ئۆتكۈزگەنلەر ئىدى. ئەبۇ ھەنىيفىنى مۇھەددىس ، فەقىھ، ئالىم شەئبىي ئىلىمگە دالالەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ياش نۇئمان ئىبنى سابىتتىن بىر خىل تەبىئىي تالانتنى بايقىغان. ئۇنىڭغا ئىلىمنى ياخشى كۆرسەتكەن ۋە ئۆگىنىش توغرىسىدا نەسىھەتلەرنى قىلغان. بۇ ھەقتە ئىمام ئەزەم ئۆزى شۇنداق دەيدۇ: « بىر كۈنى شەئبىينىڭ يېنىدىن ئۆتكەنىدىم، ئۇ ئولتۇرۇپتىكەن، مېنى چاقىردى، ۋە دېدى: ‹ نەگە قاتراۋاتىسەن؟› مەن دېدىم:‹ بازارغا...›، ئۇ: ‹ مەن بازارغا قاتراشقا ياردەم قىلىپ باقمىدىم، ئۆلىمالارنىڭ يېنىغا قاتراشقا كۆپ كۈچ چىقاردىم› دېدى. مەن : ‹ مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا ئاز بارغان› دېسەم، ئۇ ماڭا :‹ غاپىل بولما! ئىلىم ئۆگىنىشىڭ ۋە ئۆلىمالار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشۇڭ قەرز! مەن سەندە بىر ئويغىنىش ۋە تىرىشچانلىقنى بايقاۋاتىمەن› دېدى.» ئىمام ئەزەم يەنە شۇنداق دەيدۇ: « ئۇنىڭ سۆزى قەلبىمگە ئورناشتى، بازارغا قاتراشنى توختىتىپ، ئىلىم بىلەن شۇغۇللاندىم، ئاللا ماڭا ئىلىمىمنى مەنپەئەتلىك قىلدى» ( «ئەقدۇل فەرىيد» 3\415).
شۇنىڭدىن كېيىن ئەبۇ ھەنىيفە ئۆلىمالارنىڭ ھەلقىسىگە قاتناشقان، شەيخلەرنىڭ ھەر خىل ئىلىملەر ساھەسىدىكى مەجلىسلىرىدە بولغان، ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئۆزىگە چۇشلۇق نەسىبە ئالغان. بىر مەزگىل كالام ئىلمىگىمۇ چۆكۈپ باققان. لېكىن ئۇ مەخسۇس بىر ئىلىمنى، ئۆزىگە، ئاقىۋېتىگە ماس كېلىدىغان بىر بىلىمنى ئۆگىنىشنى خالايتتى. ئۇ دائىم ئۆزىدىن: « ئىلىملەرنىڭ تۈرى جىق، قايسىسىنى ئېلىش لازىم؟» دەپ سورايتتى. ئاخىرى زېھنى ئوچۇق، تەبئىي تالانتلىق ياش ئىمام ئەزەم يىراقنى كۆرۈپ، فىقھى ئىلمىنى تاللىغان. ئىمام ئەزەم قۇرئان، ھەدىس، كالام، لۇغەت، گرامماتىكا، شېئىر ۋە فىقھى ئىلىملىرىدىن ئۆزىگە لايىق نەسىبە ئالغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا فىقھى ئىلمىنى تاللاپ بولۇپ، ئۇستازلىرىنى تاللاشقا باشلىغان. تەرجىمىھال يازغۇچىلىرىنىڭ بايان قىلىشىغا قارىغاندا ، ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفە مۇبارەك ساھابە ئەنەس ئىبنى مالىكنى، ئۇ كۇفەنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا كۆرگەن. شۇنىڭدەك ئۇ، ئەتا ئىبنى ئەبى رىباھ، ئەبۇ ئىسھاق سەبىيئىي، مۇھارىب ئىبنى دىسار، ھەمماد ئىبنى ئەبۇ سۇلايمان، ھەيسەم ئىبنى ھەبىيب سەۋۋاف، قەيس ئىبنى مۇسلىم، مۇھەممەد ئىبنى مۇنكەدىر، ھىشام ئىبنى ئۇرۋە، يەزىد ئىبنى فەقىر، سەمماك ئىبنى ھەرب، ئەلقەمە ئىبنى مەرسەد، ئەتىيە ، ئابدۇلئەزىز ئىبنى رەفىيئ ، ئابدۇلكەرىم ۋە ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەرنىڭ قۇلى نافىئلارنىڭ تەلىملىرىگىمۇ قۇلاق سالغان ( « باغداد تارىخى» 13\324) مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى سۈنننىيلەر بولسۇن، شىيئەلەر بولسۇن، شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ ساپ ئۆلىمالىرى بولۇپ، ھەممىسى ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ئۇستازلىرى ئىدى. بۇلاردىن ئەبۇ ھەنىيفە بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئالىملارمۇ بار ئىدى، مەسىلەن، ئىمام جەئفەر ئەبۇ ھەنىيفە بىلەن بىر يىلدا تۇغۇلغان.
ئەبۇ ھەنىيفە شۇنچە كۆپ ئۇستاز كۆرگەن بولسىمۇ، ئاخىرى كامالەتلىك بىرىنى تاللىغان، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « مەن ئىلىم ۋە فىقھىنىڭ كانىدا بولدۇم، ئۇنىڭ ئەھلىنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۇستا فىقىھىشۇناسىنىڭ
ئەبۇ ھەنىيفە ھەممادتىن تەلىم ئالغان، ھەمماد تۆۋەندىكىلەردىن
بىرىنچى، ئىبراھىم نەخەئىي: ئىبراھىم نەخەئىي تەقۋا تابىئىنلارنىڭ چوڭلىرىدىن بولۇپ، ئىراقنىڭ فەقىھى، مۇھەددىسى ئىدى، كەمتەرلىك ۋە تەقۋالىق بىلەن ، زاھىتلىق ۋە ئىبادەت بىلەن سۈپەتلەنگەن شەخس ئىدى. ئۇ ھەججاج زامانىدا ۋاپات بولغان، كېچىسى دەپنە قىلىنغان، تاڭ ئاتقاندا، شەئبىي كىشىلەرگە شۇنداق دېگەن:
- سىلەر ئاشۇ ئادەمنى كېچىسى دەپنە قىلدىڭلار؟
- ھەئە.
- ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئالىمىنى دەپنە قىلدىڭلار؟
- (ئۇ ) ھەسەن بەسەرىمىدى؟
- ياق، ئۇ ھەسەندىنمۇ ئالىم، بەسرە، كۇفە، شام، ھىجاز ئەھلىدىنمۇ ئالىم ئىدى!- دەپ جاۋاب بەرگەن شەئبىي.
ئىبراھىم نەخەئىي ھەم ھەدىسشۇناس، ھەم تەپسىرشۇناس، ھەم فىقھىشۇناس ئالىم، ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ئۇستازىنىڭ ئۇستازى، بەزى ئۆلىمالار ئۇ ھەققىدە:« ئۇ ھەنەفىي فىقھىسىنىڭ مەنبەسى» دېگەن؛
ئىككىنچى، ئامىر ئەششەئبىي: ئۇ ئىبراھىم نەخەئىينىڭ ئەڭ يېقىن دوستى، كۇفە ، شۇنداقلا كۇفە ئەتراپىدىكى فىقھى ئۆلىمالىرىنىڭ ئۇستازى. ئۇ بەش يۈزدەك ساھابە بىلەن ئۇچراشقان. ئۇلاردىن تەلىم ئالغان، سۆزلىرىگە قۇلاق سالغان. ئۇنىڭ كۇفە مەسجىتىدە چوڭ ئىلمىي ھەلقىسى بار. ئۇ ئۇستا ئەدىب، ھېكمەتلىك سۆزلەرگە باي ھەكىم، مۇھەددىس ، تىلىدىن دۇردانىلەر تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، فىقھى كۆز قاراشلىرىنى قۇرئاندىن، سۈننەتتىن ئالىدۇ، ساھابىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۆمەر فارۇقنىڭ ئەمەللىرىنى ئاساس قىلغان، بۇ ھەقتە ئۇ شۇنداق دېگەن: «كىشىلەر ئىختىلاپ قىلىشىپ قالسا، ئۆمەرنىڭ قانداق قىلغانلىقىغا قارىسۇن! ئۆمەر مەسلىھەت بىلەن ھۆكۈم چىقىراتتى». ئىبنى شىھاب زۇھرى شۇنداق دەيدىغان: «ئۆلىمالار تۆت: مەدىنىدە ئىبنى مۇسەييەب، كۇفەدە شەئىبىي، بەسرەدە ھەسەن بەسرى، شامدا مەكھۇل بار»؛
ئۈچىنچى، سەئىيد ئىبنى جۇبەير: ئۇ ھىجرىيە 45-يىلى مەدىنىدە تۇغۇلغان، ھىجرىيە 95- يىلى ئەللىك يېشىدا ئىراقنىڭ ۋاسىت دېگەن يېرىدە شەھىد قىلىنغان. ئۇنى ھەججاج ئۆلتۈرۈۋەتكەن، گەرچە ھەججاج قەتل قىلغان مۇسۇلمانلار كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئىسلام ئۈممىتى شۇ دەۋردە سەئىيد ئىبنى جۇبەيرنىڭ ئۆلىمىدىنمۇ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمنى كۆرمىگەن. ئۇ گەرچە نېگىر بولسىمۇ، تابىئىنلار ئىچىدە ئەڭ تەقۋا، ئەڭ ئالىم، ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس ئىدى، ھەسەن بەسرى ئۇنىڭ ئۆلىمىگە قاتتىق ئېچىنغان، ھەججاجغا لەنەت ئوقۇغان. ئۇ ھەم ئالىم، ھەم قۇرئانغا ئىخلاس باغلىغان قارىي ئىدى، فىقھىشۇناس ئىدى. رامىزاندا قۇرئاننى بىر كېچە ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇدنىڭ قىرائىتىدە، يەنە بىر كېچە زەيد ئىبنى سابىتنىڭ قىرائىتىدە، يەنە بىر كېچە باشقا قارىلارنىڭ قىرائىتىدە ئوقۇيتتى. سەئىيدنى تابىئىنلار ئارىسدا ئالاھىدە قىلغىنى ــ ئۇ دىنىي ساھەدە ئېنىسكلوپىدىك ئالىم. شۇ زاماندا شۇنداق دېيىلگەن: «تابىئىنلاردىن تالاققا ئەڭ ئۇستىسى سەئىيد ئىبنى مۇسەييەب، ھەجنى ئەڭ بىلىدىغىنى ئەتا ئىبنى ئەبى رىباھ، ھالال – ھارامغا ئەڭ ماھىرى تاۋۇس، تەپسىرچىسى مۇجاھىد ئىبنى ھىبر، ئەمما بۇ ئىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىدىغىنى سەئىيد ئىبنى جۇبەيردۇر.» ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلمۇ ئۇنىڭ ئۆلىمىگە قاتتىق ئېچىنغان.
ئەلۋەتتە، ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ كۆپىنچى ئۇستازلىرى كۇفەلىك. ئۇلارنىڭ كۇفەلىك بولىشى تەبىئىي بولۇپ، كۇفە ئىلىمنىڭ كانى بولغان شەھەر، ئۆمەر فارۇق كۇفە ھەققىدە گاھىدا«كۇفەلىك ئەھلى ئىسلامنىڭ بېشى» دېسە، گاھىدا« ئۇلار ئىماننىڭ كانى» دېگەن؛ ئەلىي ئىبنى ئەبى تالىبمۇ ئۇلارنى « ئىماننىڭ كانى» ، « ئىسلامنىڭ باش سۆڭىكى » دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىغان. ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ كۇفەلىك بىرىنچى ئۇستازى ھەمماد ئىبنى ئەبۇ سۇلايمان:
ئەبۇ ھەنىيفە كۇفەلىك ھەمماد،مۇھارىب ئىبنى دىسار، سەمماك ئىبنى ھەرب، ئەبدۇلكەرىم ئەبۇ ئۇمەييە ۋە ئەبدۇلئەزىز ئىبنى رەفىيئلارنى ئۇستاز تۇتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئۇزۇن مەجلىسىدە ئولتۇرغان، كۆپ ۋاقىت ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئۇستازى ھەمماد ئىبنى ئەبى سۇلايماندۇر. ھەمماد ئاز بولمىغان ئىماملار ۋە فىقھىشۇناسلارنى
ئىككىنچى، مۇھارىب ئىبنى دىسار: ئەبۇ ھەنىيفە ئىلم جەھەتتە راستچىللىق، ئىشەنچ ۋە ئامانەتتە سۈپەتلەنگەن ۋە سىنالغان كۇفەلىك مۇھارىب ئىبنى دىساردىنمۇ تەلىم ئالغان، ئۇ «ئەبۇ مۇترىف» دەپ لەقەبلىنىدۇ، يەنە « كۇفەلىك قازى ئەبىن نەزىر» دەپمۇ لەقەبلەنگەن. ئۇ ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر، ئىمران ئىبنى ھەتتان ، ئەسۋەد ئىبنى يەزىد نەخەئىي قاتارلىق ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ چوڭلىرىدىن ئىلىم رىۋايەت قىلغان. مۇھارىب ئىلىمگە توشقان بولۇپلا قالماستىن، كىشىلەر ئارىسىدا ئۇستا چەۋانداز بولغان. ئىمام سۇفيان سەۋرى ئۇ توغرىسىدا شۇنداق دەيدۇ: «مۇھارىبدىنمۇ ياخشى زاھىدنى كۆرۈپ باقمىدىم». سەمماك ئىبنى ھەرب مۇھارىب ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ: « جاھىلىيەت دەۋرىدە (تۆۋەندىكى) ئالتە سۈپەتلىك ئادەمنى مۇكەممەل ئادەم دەپ قارايتتى: مېھرىبان، سەۋىرچان، سېخىي، باتۇر، ناتىق ۋە كەمتەر؛ بىراق ئىسلامدا پاكلىق قوشۇلمىسا مۇكەممەل بولمايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئادەمدە ( يەنى مۇھارىب ئىبنى دىساردا ) مۇجەسسەمدۇر». ئىمام ئەبۇ ھەنىيفىمۇ يوقىرىدىكى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدا مۇھارىبنىڭ تەسىرى زور. ئۇ كۇفەنىڭ قازىسى ئىدى؛
ئۈچىنچى ، سەمماك ئىبنى ھەرب ئىبنى ئەۋس: بۇ ئادەم سەكسەن ساھابە بىلەن ئۇچراشقان. كۆپىدىن تەلىم ئالغان. شۇنىڭدەك كۆپلىگەن تابىئىنلاردىنمۇ
تۆتىنچى، ئەبدۇلكەرىم ئەبۇ ئۇمەييە: ئەبۇ ھەنىيفە بۇ زاتتىنمۇ تەلىم ئالغان، ئۇنىڭدىن ھىجازلىق سۇفيان ئىبنى ئۇيەينەمۇ تەلىم ئالغان؛
بەشىنچى، ئەتىيە ئىبنى سەئىد: بۇ ئادەممۇ ئابدۇللا ئىبنى ئابباس، ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر، زەيد ئىبنى ئەرقەم قاتارلىق ساھابىلەردىن ئىلىم رىۋايەت قىلغان.
ئەبۇ ھەنىيفە يەنە باشقا جايلاردىكى ئالىملاردىنمۇ تەلىم ئالغان. بەزى فىقھى ئالىملىرى كۇفەنى زىيارەت قىلىپ تۇراتتى، ئۇلار ۋاقىتلىق ھەلقە قۇرغاندا، ئەبۇ ھەنىيفە قولدىن بەرمەي ئاڭلايتتى. مەسىلەن ، ئەنەس ئىبنى مالىك، فەقىھ ھىشام ئىبنى ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير قاتارلىقلار كۇفەگە كەلگەن . شۇنداقلا ئەبۇ ھەنىيفە ھەجگە كۆپ بېرىپ تۇرغان، ھىجازدا بىر نەچچە يىل تۇرۇش جەريانىدىمۇ ئۇ يەردىكى ئالىملارنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغان، ئەبۇ ھەنىيفە ئەمەۋىيلەر سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ بېشىدا ياشىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان تابىئىن فىقھىشۇناسلارنى
ئەبۇھەنىيفە تەلىم ئالغان ھىجاز فەقىھلىرىدىن ئەتا ئىبنى ئەبى رىباھ بار. ئۇ فىقھىشۇناس، مۇھەددىس، تابىئىن، ئۇ مەككىدە تۇغۇلۇپ، شۇ جايدا ۋاپات بولغان. ئۇ مەككىنىڭ مۇفتىسى. ئۇ ئىلىم بىلەن زاھىدلىقنى بىرلەشتۈرگەن زات. ئۇ ئابدۇللا ئىبنى ئابباس، ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر، ئابدۇللا ئىبنى ئەمرى ئىبنى ئاس، ئابدۇللا ئىبنى زۇبەير، مۇئاۋىيە، ئۇسامە ئىبنى زەيد ، ئۇقەيل ئىبنى ئەبى تالىب، ئەلىي ئىبنى ئەبى تالىب ، ئەبۇ دەردائ ، رافىئ ئىبنى خەدىج، ئەبى سەئىد خۇدرىي، ئەبۇ ھۇرەيرەلەردىن تەلىم ئالغان. شۇنداقلا مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرى ئۇممۇ سەلەمە بىلەن ئائىشەلەردىنمۇ تەلىم ئالغان. ئۇ ئىككى يۈزدەك ساھابە بىلەن ئۇچراشقان. ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەنلەر: مۇجاھىد، ئىبنى شىھاب زۇھرىي، ئەييۇب سەختىيانى ، ئىمام ئەۋزائىي، ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە، ئەئمەش، ئىبنى جۇرەيج، ئەمرى ئىبنى دىنار ۋە ئىمام سادىق جەئفەر ئىبنى مۇھەممەد قاتارلىقلار. شۇنداقلا ئەتا زامانىسىدىكى چوڭ ۋەقەلەرگە قاتناشقان، ئەمەۋىيلەر سۇلالىسىدىكى مۇفتى بولىشىغا قارىماي، ئىبنى زۇبەيرنىڭ قوشۇنىدا جەڭگە قاتنىشىپ، قولى كېسىۋېتىلگەن. ئۇنىڭغا ئابدۇللا ئىبنى ئابباس ۋە قەتادە ياخشى باھالارنى بەرگەن، ئەبۇ ھەنىيفە ئۇ ھەققىدە : «مەن ئەتادىنمۇ پەزىلەتلىك بىرىگە ئۇچراشمىدىم؛ جابىر جۇئفىدىنمۇ يالغانچى بىرىگە ئۇچراشمىدىم» دېگەن. ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە بىر كۈنى ئەتانىڭ مەسجىدىل ھەرامدىكى ھەلقىسىگە كېلىدۇ، ئەتا ئۇنىڭدىن سورايدۇ:
-نەدىن كەلدىڭ؟
-كۇفەدىن.
-ئۆز دىنلىرىنى شىيئە (دېگەندەك) بۆلۈۋەتكەن شەھەر ئەھلىدىنمۇ؟
-ھەئە.
-سەن قايسى تەرەپتە؟
-سەلەپلەرنى تىللىمايدىغان، تەقدىرگە ئىشىنىدىغان، بىراۋنى بىر گۇناھ بىلەن كاپىرغا چىقارمايدىغان تەرەپتە.
ھاياجانلانغان ئەتا شۇنداق دەيدۇ:
- بىلگىنىڭنى لازىم تۇت!
ئەتا يەتمىش قېتىم ھەج قىلغان. مەسجىد ئۇنىڭغا يىگىرمە يىلدەك «ياتاق» بولغان، ئۇ نامازغا بەك ئىخلاس قىلاتتى. ئۇ نېگىر، مېيىپ ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا قارىغۇ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى ئىلىم ۋە تەقۋالىق بۇ ئەيبلەرنى يېپىپ كەتكەن.
ئەبۇ ھەنىيفە تەلىم ئالغان مەدىنە چوڭلىرىدىن ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئازاتگەردسى نافىئ بار. ئابدۇللا ئۇنى كىچىك ۋاقتىدا بەزى غازاتلارغا بىللە ئېلىپ بارغان. ئۇنى ئىززەتلەپ، ياخشى تەربىيىلىگەن. كىشىلەر ئارىسىدا نافىئ « ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئازاتگەردىسى» دەپ ئاتالغان. ئۇ ھەم «فىقھىشۇناس نافىئ» دەپمۇ ئاتالغان . ئۇ تۆۋەندىكى ساھابىلەردىن تەلىم ئالغان: ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر، ئەبۇ ھۇرەيرە، ئەبى سەئىد خۇدرىي، رافىئ ئىبنى خەدىيج، ئائىشە، ئۇممۇ سەلەمە قاتارلىقلار. ئۇ يەنە ئۆز خۇجايىنى ئابدۇللانىڭ تۆت ئوغلى- ئابدۇللا، ئۇبەيدۇللا، سالىم ۋە زەيدلەردىنمۇ تەلىم ئالغان. ئۇنىڭدىن ئەۋلادلىرى ئەبۇ ئۆمەر، ئۆمەر، ئابدۇللا قاتارلىقلار ۋە تابىئىنلەردىن يەھيا ئىبنى سەئىيد ئەنسارىي، مۇھەممەد ئىبنى شىھاب زۇھرىي، مەيمۇن ئىبنى مېھران ، ئىبنى جۇرەيج، مالىك .... قاتارلىق كۆپلىگەن ئالىملار ئىلىم رىۋايەت قىلغان. ئۇ ئوچۇق پىكىر، راستچىل، ئىلىمگە توشقان بولۇپ، مەشھۇر خەلىيفە ئۆمەر ئىبنى ئەبدۇلئەزىز ئۇنى مىسىرغا ھەدىس ئۆگىتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن.
ئەبۇ ھەنىيفە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
-سىلەر ماللىرىڭلارنى، يۇرتۇڭلارنى تاشلاپ چىققان مۇھاجىرلارمۇ؟
-ياق.
- سىلەر ( ئايەتتە دېيىلگەن يۇرتىنى تاشلاپ) مەدىنىدە ئولتۇراقلاشقان ۋە ئىمانى كۈچلۈك بولغانلارمۇ؟
-ياق.
- سىلەر ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەرمۇ ئەمەس! يېنىمدىن كېتىڭلار!-دېگەن مۇھەممەد باقىر.
ئەبۇ ھەنىيفە ھىجازغا قىلغان سەپىرىدە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغان، ئۇلارنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشى فىقھىشۇناسلىق تارىخىدىكى مەشھۇر دېئالوگ بولۇپ، بۇ دېئالوگ ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ فىقھىشۇناسلىق يولىدىكى ئۇسلۇبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئىمام مۇھەممەد باقىر ئەبۇ ھەنىيفىگە شۇنداق دېگەن:
- سەن بوۋامنىڭ دىنىنى ۋە ھەدىسلىرىنى قىياسىڭ بىلەن ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇندۇڭمۇ؟
- ئاللاھدىن پاناھ تىلەيمەن! - دەيدۇ ئەبۇ ھەنىيفە راستچىللىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن.
- ياق، سەن ئۆزگەرتمەكچى بولدۇڭ!- دەيدۇ مۇھەممەد باقىر. ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىدە،
ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ قىياس بىلەن ئىسلامغا ھۆكۈم قىلىشىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ خەۋەر قىلىدىغانلار بار ئىدى. ياش ئەبۇ ھەنىيفە تەمكىنلىك بىلەن شۇنداق دەيدۇ:
-سەنمۇ ئۆزۈڭگە مۇناسىپ ئورنۇڭدا ئولتۇر، مەنمۇ شۇنداق قىلاي، سېنىڭ نەزىرىمدىكى ھۆرمىتىڭ، بوۋاڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نەزىرىمدىكى ھۆرمىتىگە ئوخشاش يۈكسەك،- مۇھەممەد باقىر ئولتۇرىدۇ، ئەبۇ ھەنىيفىمۇ ئولتۇرىدۇ. ئارقىدىن ئەبۇ ھەنىيفە ئۇنىڭدا مۇنداق دەيدۇ:
- مەن سەندىن ئۈچ سۇئال سورايمەن، جاۋاب بەر! ئەركىشى ئاجىزمۇ، ئايالمۇ؟
- ئايال.
-ئىسلامدا ئايالنىڭ نېسىۋىسى قانچە؟
-ئەرگە ئىككى ئۈلۈش، ئايالغا بىر.
- مانا بۇ بوۋاڭنىڭ سۆزى، ئەگەر ئۇنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسام، ئايال كىشى ئەردىن ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئىككى ئۈلۈش، ئەرگە بىر ئۈلۈش دېيىش كېرەك ئىدى.
ئۇ ئىككىنچى سوئالىنى سورايدۇ:
- ناماز مۇھىممۇ، روزىمۇ؟
- ناماز،- دەيدۇ مۇھەممەد باقىر.
- مانا بۇ بوۋاڭنىڭ سۆزى، ئەگەر ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسام، ئايال كىشى ھەيىزدىن پاك بولغاندا نامازنىڭ قازاسىنى قىلىپ، روزىنىڭكىنى قىلماسلىققا قىياس قىلىنغان بولاتتى.
ئۇ ئۈچىنچى سۇئالىنى سورايدۇ:
- سۈيدۈك( بەكرەك) نىجىسمۇ، مەنىمۇ؟
- سۈيدۈك دەيدۇ، - مۇھەممەد باقىر.
- ئەگەر بوۋاڭنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسام، سۈيدۈككە غۇسلى قىلىپ، مەنىگە تاھارەت ئېلىشقا بۇيرۇشنى قىياس قىلاتتىم، - ئەبۇ ھەنىيفە گەپلىرىنى تۈگىتىپ، شۇنداق دەيدۇ،- قىياس بىلەن سېنىڭ بوۋاڭنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىۋېتىشتى
داۋامى.....