1.ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۇپۇنچە « لا ۋە مۇقەللىبەلقۇلۇب
2.ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن، ئاللاھتائالا سىلەرنى داداڭلار بىلەن قەسەم قىلىشىڭلاردىن چەكلەپ توسىدۇ، كىم قەسەم قىلماقچى بولسا، ئاللاھ بىلەنلا بىللاھى دىيىش بىلەن قەسەم قىلسۇن، ئۇنداق بولمايدىكەن، جىم تۇرسۇن، مالىك. ئەھمەد، بەيھەقى،بۇخارى،
3.سابىت ئىبنى زەھھاك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: كىم ئىسلام مىللىتىدىن باشقا مىللەت بىلەن يالغاندىن قەسەم قىلسا، ئىسلامدىن باشقا دىننىڭ قەسىمى بىلەن چاخچاق قىلىپ، يالغاندىن شۇنداق قەسەم قىلسا، ئۇ ئۆزى دىگەندەك بولۇپ كېتىدۇ، (يەنى شۇ مىللەتكە ئۆتۈپ كېتىدۇ،) ئادەم بالىسىنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىگە بولالمايدىغان نەرسىدە ۋەدە نەزىرىسى يوق. كىم بۇدۇنيادا ئۆزىنى بىرەر نەرسە بىلەن ئۆلتۈرۈۋالسا، ئۇ قىيامەت كۈنى شۇ نەرسىسى بىلەن ئازابلىنىدۇ. مۆئمىنگە لەنەت قىلىش ئۇنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاشتۇر، كىم مۆئمىنگە كۇپرىلىقنى بۆھتان قىلسا، كاپىر دېسە، ئۇ ئۇنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاشتۇر. كىم مال-مۈلۈكىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن يالغاندىن داۋا قىلسا، اللھ ئۇنىڭغا پەقەت ئاز قېلىشنىلا زىيادە قىلىدۇ. ئەھمەد، بەيھەقى، بۇخارى،مۇسلىم، تۆت كىتاپ توپلىغان، سەھىھ. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: كىم ئۆزىگە تەۋە بولمىغان نەرسىنى داۋا قىلسا، ئۇ بىزنىڭ جۇملىمىزدىن ئەمەس، ئۇ ئۆز ئورنىنى دوۋزاخدىن ئېلىۋالسۇن. ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ.
4.ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن مەن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، بىرەر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلىپ، ئاندىن ئۇ ئىشدىن باشقىسىنى ياخشىراق دەپ قارىسام، يەنى قىلىشنى ياخشى دەپ قارىسام، قەسىمىم توغرىسىدا كاپارەت بېرىۋېتىپ، شۇ ياخشى ئىشنى قىلىۋېرىمەن. (قىلماسلىققا قەسەم قىلغان ياخشى ئىشنى قىلىۋېرىپ، قەسەمگە كاپارەت بېرىمەن) بەيھەقى، بۇخارى،مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە توپلىغان،سەھىھ،
مىشكاتۇل مەسابىھنىڭ ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ھەققىدىكى ھەدىسى