رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m51

دىننى يەتكۈزۈشكە مۇيەسسەر بولۇشنىڭ ئۈچىنچى مىسالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدە دىننى يەتكۈزۈشكە مۇيەسسەر بولغانلىقى بولۇپ، بۇ غەلىبىنىڭ مۇھىم تۈرلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە دەۋەتنىڭ مەخپى باسقۇچىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالانىڭ: يېقىن خىش - ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن[1] دېگەن سۆزى نازىل بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سافا تېغىغا چىقىپ، قۇرەيشلەرنى چاقىرىپ: ئەگەر مەن سىلەرگە مۇشۇ تاغ باغرىدىن ئاتلىق قوشۇن چىقىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ دېسەم سىلەر ماڭا ئىشىنەمسىلەر؟ دەيدۇ. ئۇلار: سېنىڭ يالغان سۆزلىگىنىڭنى بىلمەيمىز دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنداق بولسا، سىلەر مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئىمان ئېيتمىغان تەقدىردە، سىلەرگە قاتتىق ئازاب چۈشىدىغانلىقىدىن مەن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرىمەن، دەيدۇ. تاغىسى ئەبۇ لەھەب: قۇرۇپ كەت، بىزنى مۇشۇ ئىش ئۈچۈن يىغدىڭمۇ؟ دەپ ئورنىدىن تۇرىدۇ. ئاندىن بۇ سۈرە نازىل بولىدۇ: ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلدە) قۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭغا مال ـ مۈلكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى. ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئوتۇن توشۇغۇچى (يەنى سۇخەنچى) خوتۇنىمۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ. ئۇنىڭ بوينىدا مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدۇ[2]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشكارا دەۋەتنى يېقىن خىش - ئەقرىبالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن باشلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا مەككە قەبىلىۋازلىق روھى چۇڭقۇر يىلتىز تارتقان بىر شەھەر بولۇپ، دەۋەتنى يېقىن خىش - ئەقرىبالاردىن باشلاشنىڭ ئۇنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە ياردىمى بولاتتى. شۇنىڭدەك، ئەينى زاماندا مەككە شەھىرى دىنىي مەركەز بولغانلىقتىن دەۋەتنى بۇ شەھەردىن باشلاشنىڭ ئەتراپتىكى قەبىلىلەرگە ئالاھىدە تەسىرى بولاتتى. دەۋەتنى قۇرەيشلەردىن باشلاش ئۇنى خەلقئارالاشتۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئىدى.[3]

تۇنجى قېتىملىق ئاشكارا دەۋەت يۈز ئۆرۈش، مەسخىرە قىلىش، ئەزىيەت قىلىش، ئىنكار قىلىش، توسۇش ۋە سۇيىقەست پىلانلاش قاتارلىقلار بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. ھەق بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ، مەككە خەلقى بۇ كۈرەشنىڭ خەۋىرىنى تارقىتىشقا باشلايدۇ، بۇ بىر تەرەپتىن دەۋەت ئۈچۈن چوڭ پايدا ئېلىپ كەلگەنىدى. چۈنكى ئەتراپتىكى قەبىلىلەر ئارىسىدا بۇ دەۋەتنىڭ خەۋىرى تىز تارقىلىپ، بەزىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغانىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋەت ساھەسىنى كېڭەيتىشكە تىرىشىپ تائىفقا چىقىپ، قەبىلە باشلىقلىرىغا ئىسلام دىنىنى تونۇشتۇرىدۇ، لېكىن ئۇلار بۇنى رەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يامان مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى تۇتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىننى يەتكۈزۈش، ئامانەتنى ئادا قىلىش، ئۈممەتكە يول كۆرسىتىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تائىفتىن يەنە مەككە تەرەپكە قاراپ يولغا چىقىدۇ، لېكىن مەككىگە پىلانسىز كىرىشنى خالىمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر ئەقىل - پاراسىتى بىلەن ئىش كۆرۈپ، بەنى نەۋفەل قەبىلىسىنىڭ باشلىقى مۇتئىم ئىبنى ئەدى دېگەن كىشى بىلەن كۈرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن ھىمايىسىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغاندا، مۇتئىم ئىبنى ئەدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە نۇرغۇن ياشلارنى قوراللاندۇرۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەيد ئىبنى ھارىسە قاتارلىق پۇختا قوراللانغان بىر توپ ياشلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۇدۇل ھەرەم بەيتۇللاھغا كىرىپ ناماز ئوقۇپ، ئاندىن ئۆيىگە قايتىدۇ.

قۇرەيش جەمئىيىتىدە بەنى نەۋفەل قەبىلىسىنىڭ كۈچلۈك نوپۇزى بارلىقىنى بىلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ زاماندىكى ئۆرپ - ئادەت ۋە قانۇن - نىزاملاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇنى دەۋەت خىزمىتىنىڭ جانلىنىشىغا خىزمەت قىلدۇرىدۇ.[4]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلار دىنىدىن خاتىرجەم بولالىغۇدەك ۋە قۇرەيشلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن قۇتۇلغۇدەك بىر ماكان ۋە دەۋەتنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن باشقا مۇناسىپ بىر مۇھىت ئىزدەش ئۈچۈن دەۋەتنى مەككىنىڭ سىرتىغا كېڭەيتىش توغرىسىدا كۆپ ئىزدىنىدۇ.[5]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەتراپتىكى قەبىلىلەرگە بېرىپ، ئۇلارنى دەۋەت قىلغاندىن كېيىن، بەزى ساھابىلىرىنىڭ ھەبەشىستانغا (يەنى ئېفىئوپىيىگە) ھىجرەت قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ ئېفىئوپىيىگە بولغان تۇنجى قېتىملىق ھىجرىتى پەيغەمبەرلىكنىڭ بەشىنچى يىلى رەجەپ ئېيىدا بولغان بولۇپ، ئون بىر نەپەر ئەر، تۆت نەپەر ئايال جىددە دېڭىز بويىغا پىيادە مېڭىپ بارغاندىن كېيىن، بىر كېمىنى ئىجارە ئېلىپ ئېفىئوپىيىگە سالامەت يېتىپ بارىدۇ.

ئېفىئوپىيىگە تۇنجى ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا بولغان ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: مۇسۇلمانلارغا مەككە تار كەلگەندە، تاغىسى ۋە قەۋمى - جامائىتى ھىمايىسىدە ئۆزىگە ئەزىيەت يەتمىسىمۇ لېكىن ساھابىلىرىنىڭ تۈرلۈك ئەزىيەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئېفىئوپىيىدە بىر پادىشاھ بار، ئۇنىڭ يېنىدا ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ، ئاللاھ سىلەرگە چىقىش يولى بەرگەنگە قەدەر سىلەر شۇ يەرگە بېرىپ تۇرۇڭلار دېدى. شۇنىڭ بىلەن، بىز ئۇ يەرگە بېرىپ، زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ، خاتىرجەملىككە ئېرىشتۇق.[6]

مۇسۇلمانلارنىڭ ئېفىئوپىيىگە بولغان ھىجرىتى سىياسىي، تەشۋىقات ۋە دەۋەت خاراكتېرىنى ئالغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېفىئوپىيىنى تاللىشى يۈزەكى تاللاش بولماستىن، بەلكى شۇ دەۋرىدىكى خەلقئارا ۋەزىيەتلەرنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلغاندىن كېيىنكى تاللاش ئىدى.

بۇ ھىجرەت ئىسلامنى تەشۋىق قىلىش ۋاسىتىلىرىدىن مۇھىم بىر ۋاسىتە بولغانىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتىنى تاشلاپ چىقىشى جەمئىيەتتە چوڭ بىر ئىش يۈزبەردىمۇ نېمە؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن يۇرت - ماكانلىرىنى، مال - مۈلۈكلىرىنى ۋە ئۇرۇغ - تۇغقانلىرىنى تاشلاپ چىقىدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى پەيدا قىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئۆمەكتىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئېفىئوپىيە پادىشاھى نەجاشىغا مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ئىشارەت قىلىپ ۋە ئۇنى ئىسلامنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلىپ مەكتۇپ ئەۋەتكەنىدى.

بۇ تۇنجى قېتىملىق تەشۋىقات ئۆمىكى ئىسلام دەۋىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن پۇختا پىلان ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر بىلەن تەييارلانغان ئۆمەك ئىدى.[7]

زامان ۋە ماكاننىڭ مۇناسىپ تاللىنىشى تاسادىپىيلىق بىلەن، ياكى ئەزىيەتلەردىن قېچىش ئۈچۈنلا بولمىغانىدى. چۈنكى بەزى مۇھاجىرلارنىڭ قاتتىق ئەزىيەتلەرگە ئۇچرىماستىن قەبىلىسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا مەككىدە قېلىش ئىمكانىيىتى بار ئىدى.[8]

بۇ تۇنجى تەشۋىقات ئۆمىكى كۈنىمىزدىكى ئەلچى ئۆمەكلىرىگە ئوخشىشىپ كېتەتتى، لېكىن بۇ ئۆمەك لا ئىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەد رەسۇلۇللاھ دېگەن شوئارنى كۆتۈرگەن ۋە ئۇنى تارقىتىشقا تىرىشقان ئۆمەك ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئېفىئوپىيە ھىجرىتىنىڭ بىرىنچى نىشانى بوزەك قىلىنغانلارنى قۇرەيشلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش بولغان بولسىمۇ، لېكىن دەۋەت ئۈچۈن يېڭى ئۇپۇق ئېچىش، قۇرەيشلەرنىڭ دەۋەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئەيىبلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

قۇرەيشلەر مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت قىلىشنى توختىتىپتۇ دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان مۇھاجىرلار ئېفىئوپىيىدىن مەككىگە قايتىپ بۇ خەۋەرنىڭ يالغانلىقىنى، ئەكسىچە ئىشنىڭ تېخىمۇ يامانلىقىنى بىلگەن ۋاقتىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى قېتىملىق ھىجرەتكە رۇخسەت بەرگەن بولۇپ، ئەر ۋە ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان يۈزلەرچە كىشى يەنە ئېفىئوپىيىگە ھىجرەت قىلىدۇ.

مۇھاجىرلارنىڭ ئېفىئوپىيىدە بىخەتەر ياشاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان مەككە مۇشرىكلىرى نەجاشىنىڭ يېنىغا ئەمرى ئىبنى ئاس بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ رەبىئەنى نۇرغۇن سوۋغا - سالاملار بىلەن ئەۋەتىپ مۇھاجىرلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ.

مۇھاجىرلارنىڭ كۆپ قىسمى مەدىنىدە ئىسلام يىلتىز تارتقانغا قەدەر ئېفىئوپىيىدە قالغان بولۇپ، كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئېفىئوپىيىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىدۇ. جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرى ھىجرىيەىنىڭ 7- يىلى خەيبەر فەتھى بولغانغا قەدەر ئېفىئوپىيىدە قالىدۇ.[9]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان تىجارەت مەۋسۇمى، ھەج مەۋسۇمى قاتارلىق مەۋسۇملارنى غەنىمەت بىلىپ، بۇ مەۋسۇملاردا باشقىلار بىلەن تۇنۇشۇشقا ۋە مەككە ئەتراپىدىكى شەھەرلەرگە دەۋەتنى كېكەيتىشكە تىرىشاتتى.

ئىسلام دەۋىتىنى تارقىتىش ئۈچۈن مەدىنە شەھىرىدە باشقا شەھەرلەردە تېپىلمايدىغان تۆۋەندىكىدەك بەزى شارائىتلار بار ئىدى:

1- مەدىنىدىكى ئەۋس قەبىلىسى بىلەن خەزرەج قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدا بۇئاس كۈنى[10] دىكى ئۇرۇشقا ئوخشىغان چوڭ ئۇرۇشلارنىڭ داۋام قىلغانلىقى بولۇپ، بۇ ئۇرۇشلاردا ئۇلارنىڭ جاھىل پىشقەدەم كاتتىباشلىرى تۈگەپ، پەقەت ئاكتىپ ياشلاردىن تەركىپ تاپقان ھەيئەتلا قالغانىدى. ئۇ كۈنلەردە مەدىنە ئەھلى بىر يېتەكچىگە قاتتىق مۇھتاج بولۇپ تۇرۇۋاتاتتى. بەزىلەر بۇئاس كۈنىنى كېيىنكى كۈنلەردە مەدىنە ئەھلىنىڭ توسالغۇسىز ئىسلامغا كىرىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەقدىم قىلغان سوۋغىتىدۇر، دەپ قارىغان.[11]

2- مەدىنىدە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەھۋالىدىن ئاز - تولا خەۋەردار يەھۇدىلارنىڭ يەرلەشكەنلىكى بولۇپ، ئۇلار مەدىنە ئەھلىگە ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە كېيىن كېلىدىغان پەيغەمبەرنىڭ بەزى سۈپەتلىرى ۋە ۋەھيى توغرىسىدا ئانچە - مۇنچە سۆزلەپ بېرىپ تۇراتتى.

ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن مەدىنە ئەھلىدىن ئالتە نەپەر كىشى مىنادىكى ئەقەبە دېگەن جايدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئىسلام دىنىنى تونۇشتۇرىدۇ. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەھۇدىيلار گېپىنى قىلىپ بەرگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ مۇسۇلمان بولىدۇ ۋە مەدىنىگە قايتقاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك خەۋىرىنى تارقىتىشقا باشلايدۇ. بۇ ۋەقە ئەنسارلارنىڭ مۇسۇلمان بولىشىنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ.[12]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېيىنكى يىلى ھەج مەۋسۈمىدە يەنە ئون ئىككى نەپەر مۇسۇلمان بىلەن ئەقەبە دېگەن جايدا ئۇچرۇشۇپ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈمەسلىك، ئوغرىلىق قىلماسىق، زىنا قىلماسلىق، باشقىلارغا بوھتان چاپلىماسلىق ۋە ئاسىيلىق قىلماسلىق قاتارلىق شەرتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ بەيئەت ئەقەبە بىرىنچى بەيئىتى دەپ ئاتىلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزەيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۇلارغا دىننى ۋە قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىرگە ئەۋەتىدۇ. ئۇ، مەدىنىدە مۇئەللىم دېگەن نام بىلەن تونۇلىدۇ ۋە نامازلاردا ئۇلارغا ئىمام بولىدۇ.[13]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزەيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر قانچە ساھەدىكى قابىلىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇنى بۇ ئىشقا تاللىغانىدى. مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزەيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئان كەرىمنى يادلىغان قارى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىمانى كۈچلۈك، دىننى يەتكۈزۈشكە ھېرىس، تىرىشچان، گۈزەل ئەخلاققا ئىگە، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان تالانتلىق ساھابە ئىدى. شۇڭا ئۇ بىر قانچە ئاي ئىچىدىلا مەدىنە شەھىرىدە ئىسلام دىنىنى تارقىتىشقا ۋە سەئد ئىبنى مۇئاز، ئۇسەيد ئىبنى ھۇزەير قاتارلىقلارغا ئوخشىغان قابىلىيەتلىك شەخسلەرنى ئىسلام دىنىغا جەلپ قىلىشقا قادىر بولالىغانىدى. بۇ ئىككى شەخسنىڭ مۇسۇلمان بولىشى بىلەن مەدىنىدە كۆپلىگەن كىشىلەر مۇسۇلمان بولغانىدى.[14]

مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزەيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەشۋىقات، دەۋەت، تەلىم - تەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئالغان رولىنىڭ كېيىنكى باسقۇچقا شارائىت ھازىرلاشتا ئىنتايىن چوڭ تەسىرى بولغانىدى. مەدىنە شەھىرى ئاساسەن دەۋەت ۋە قۇرئان كەرىم بىلەن پەتھى بولغانىدى. ئىككىنچى قېتىملىق بەيئەتكە ئەنسارلاردىن بىر ئۆمەك تەشكىللىنىپ كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، دەۋەت يېڭى بىر باسقۇچقا يۆتكىلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋەت خىزمىتى ئۈچۈن قۇربان بېرەلەيدىغان شەخسنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دىننى يەتكۈزۈش، ئامانەتنى ئادا قىلىش يولىدا چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى، مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مەدىنە شەھىرىنىڭ پەتھى بولغانلىقىنى كۆرىمىز.

[1] سۈرە شۇئەرا 214- ئايەت.

[2] سۈرە مەسەد.

[3] دراسة في السيرة النبوية، د. عماد الدين خليل ص 124، 125.

[4] أصول الفكر السياسي في القرآن الكريم، د. التجانى، ص (172- 180).

[5] دراسة في السيرة النبوية، د. عماد الدين خليل ص124، 125.

[6] ابن هشام (1/334).

[7] الوفود الإعلامية في العصر المكي لعلى الأسطل، (114).

[8] الوفود الإعلامية في العصر المكي لعلى الأسطل، (114).

[9] السيرة النبوية الصحيحة، د. أكرم ضياء العمري (1/176).

[10] بۇئاس كۈنى ئەۋس قەبىلىسى بىلەن خەزرەج قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن ۋە چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش بۇلغان كۈن بولۇپ، بۇ كۈن ئۇرۇش بولغان جاينىڭ نامى بىلەن بۇئاس كۈنى دەپ ئاتالغان.

[11] البخاري، كتاب المناقب، باب مناقب الأنصار (4/267) رقم 7777.

[12] ابن هشام (1/430).

[13] سيرة ابن هشام (1/431).

[14] سيرة ابن هشام (1/431).

ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.

http://sjrt.org/uyghur/maqale-5104.html