6- ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:ئاللاھ تائالا ئىككى ئادەمگە قاراپ كۈلىدۇ، ئۇ ئىككىسىنىڭ بېرى يەنە بىرىنى ئۆلتۈرىدۇ، ئۆلگۈچى جەننەتكە كىرىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇپ ئۆلتۈرۈلدى، ئاندىن ئاللاھ تائالا قاتىلغا تەۋبە ئاتا قىلىدۇ ، ئاندىن ئۇ مۇسۇلمان بولىدۇ،ئاندىن شەھىد قىلىندۇ ،ئۇمۇ جەننەتكە كىرىدۇ ! بۇخاري ۋە مۇسلىم