رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

مۇھەممەد ئەلەيھىسالام كىم ؟

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە
مېھرىبان اللە نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن! بارلىق مەدھىيە ۋە ماختاشلار
ئۇلۇغلۇقنىڭ ئىگىسى بولغان بىر اللە قا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ،ۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇنىڭ يولىغا
تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەن كىشىلەرگە اللە نىڭ سالىمى رەھمىتى بەرىكىتى
بولسۇن. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىم! سىلەرگە مېھرىبان
اللە دىن ئىككى ئالەملىك بەخت تىلەيمىز....مېنىڭ ماقالىگە بۇ تېمىنى
قويغىنىمغا قاراپ بەلكىم سىلەر بۇ ئادەم نىمە دېمەكچىدۇ؟ ئەجىبا بۇ كىشى
ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى تونىمامدىغاندۇ؟دېيىشىڭىزلار مۇمكىن. ئۇنداق ئەمەس،
تونۇيمەن.

 

بىراق
ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ ماڭا قىلغان گەپ-سۆزلىرىگە ئىچىم ئېچىشقانلىقتىن
بۈگۈن بۇ تېمىنى يوللاشنى ئويلاپ قالدىم. بەزىلەر مەندىن: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسالام ئادەممۇ؟ دەپ سوراشتى، يەنە بەزىلەرھەددىدىن ئېشىپ بىزگە
مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىشتى:سىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بەك يېقىن
ئوخشىمامسىلەر؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ بىر
داستىخاندا چاي ئىچىشكەنمىدىڭلار؟ .مانا بۇ ئۆزىنى مۇسۇلمان ئاتاپ يۈرگەن
كىشىلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزلەر. دىنىمىزنىڭ بۇنداق چاك كەتكەن
تامدەك بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەب زادى نىمە؟ ئۇ بولسىمۇ بىرسى ئاتا-ئانا
سەۋەبكار، يەنە بىرسىگە ئەھلى ئىلىملەر سەۋەبكار. شۇ سەۋەبتىن تورداشلارغا
ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولۇپ قالار دېگەن مەقسەتتە بۇ تېمىنى يوللىدىم،
بۇ توغرىلىق بەلكىم بۇرۇن كەڭ ساي تورىدا قېرىنداشلىرىمىز تېما يوللىغان
بولۇشى مۇمكىن.

 


سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ماقالىدا سەھۋەنلىكلەر بولسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ
تۈزىتىپ ئوقۇشىنى ۋە تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى ئۇمىد قىلىمەن. ناھايىتى
شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اللە نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن!پەيغەبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ھەق پەيغەمبەر، پۈتۈن ئالەمگە
رەھمەت، پەيغەمبەرلەرنىڭ سۇلتانى ۋە اللە نىڭ يېقىن دوستى بولغان، ئۆزىگە
دۇنيادىكى بارلىق گۈزەل ئەخلاقنى مۇجەسسەملىگەن مۇھەممەد مۇستافا
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مىلادىيە570-يىلى رەبىيىلئەۋۋەل ئېيىنىڭ
12-كۈنى دۈشەنبە كۈنى دۇنياغا كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىچىكىدىن
تارتىپلا ئۆزىدە گۈزەل ئەخلاق ۋە ياخشى تەربىيە ئادىتىنى يېتىلدۇرگەن.
شەيتان ۋەسۋەسىسى ئۇنى ھېچقاچان ئازدۇرالمىغان. ئۇ تېخى تۇغۇلماستىلا
ئاتىسى ۋاپات بولغان، ئانىسىمۇ كىچىك چېغىدىلا ۋاپات بولغان. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ ئۆيىدە يېتىملىكتە چوڭ بولغان.
نۇرغۇن تەشكىلاتلارغا قاتناشقان. كۆپلىگەن جەڭلەرگە رەھبەرلىك قىلغان ۋە
ئۆزى بىۋاستە قاتناشقان. مىلادىيە 610-يىلى 40 يېشىدا پەيغەمبەر قىلىپ
ئەۋەتىلگەن. مىلادىيە 622-يىلى اللە نىڭ پەرمانى بىلەن مەككىدىن مەدىنىگە
ھىجرەت قىلغان ۋە ئۇ يەردە ئىسلامىي ھاكىمىيەت قۇرغان.

 


مىلادىيە 632-يىلى مەككىنى فەتھ قىلغان. مىلادىيە 633-يىلى كىشىلەرنى
قاراڭغۇلۇقتىن ھىدايەت نۇرىغا باشلاپ كىرگەن بۇ ھۆرمەتلىك زات اللەنىڭ
دەرگاھىغا سەپەر قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى تاغىسىنىڭ
ئوغلى ئۇقەيىل ئىبنى ئەبۇ تالىبنىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان.پەيغەمەر
ئەلەيھىسسالامغ تۇغۇت ئانىسى بولغۇچىنىڭ ئىسمى شەففا ئىدى. ئۇ:‹‹ئامىنەنىڭ
كۆزى يورۇغان چاغدا، اللەنىڭ ئەلچىسىـى ـــــمۇھەەمەد مۇستافا سەلللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنىڭ ئالقىنىمغىلا چۈشكەنىدى.››دېەن. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ تۇنجى ئىنىكئانىسى ئۇممۇ ئەيمەن ئىدى. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان يىلى پىل يىلى بولۇپ، يەمەنلىك ئەبرەھە زور
پىللىق قوشۇن بىلەن قىبلىگاھىمىز بولغان كەئبىنى ۋەيران قىلىشقا كەلگەن.
لېكىن ئۇلۇغلۇقنىڭ ۋە چەكسىز قۇدرەتنىڭ ئىگىسى بولغان اللە تەرىپىدىن بۇ
زور قوشۇن مەغلۇپ قىلىنغان. قۇدرەتلىك اللە بۇ توغرىسىدا ئۆزىنىڭ
كىتابىدا شۇنداق قەيت قىلىدۇ :‹‹پەرۋەردىگارڭنىڭ پىل ئىگىلىرىنى قانداق
قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟ئۇ
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ-توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى. قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى
ئېتىپ ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى.›› .

 


تارىخشۇناس مەسئۇدى پىللىق قوشۇننىڭ مەغلۇپ بولۇش تەقدىرىنى بايان قىلىپ
مۇنداق دېگەن : ‹‹ ئاللاھ تەئەلا ھەرىدەك ئىشچان يامغۇر قارلىغاچلىرىنى
ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ھەبەش لەسكەرلىرىنىڭ بېشىغا سىججىل تېشىنى ئاتقۇزىدۇ.
سىججىل تېشىدېگىنىمىز، تەركىبىدە تاش ئارىلاشمىسى بولغان، بىر خىل يېپىشقاق
دېڭىز ئاستى لېيىدىن ھاسىل بولغان ساپال بولۇپ، ھەر بىر قارلىغاچ ئۇنىڭدىن
ئۈچ تال ئەكىلىپ تاشلىغان. يەنى بىرنى چىشلەپ ، ئىككىسىنى تىرنىقى بىلەن
قارماپ ئەپكەلگەن. تاش گەرچە ئۇششاق بولسىمۇ، ئۇ تاش تەككەن ھەبەش
لەشكەرلىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلمىغانلىرى يوق ئىدى.

 

قۇدرەتتە
تەڭدىشى يوق اللە شۇ يوسۇندا پىل قوشۇنىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلغانىدى.››
تارىخشۇناسلار ۋە شەجەرىشۇناسلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسەبىنى
ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، نۇھ ئەلەيھىسسالام،
ئاندىن ئادەم ئەلەيھىسسالامغا باغلايدۇ.بىرھق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ئۆز نەسەبىنى مەئەد تىن نېرىسىغائۆتكۈزۈشكە قوشۇلمايتى.(يەنى
مۇھەممەد‹سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم› ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى
ئابدۇلمۇتەللىپ ئىبنى ھاشىم ئىبنى ماناف ئىبنى قۇسەي ئىبنى كىلاب ئىبنى
مۇررە ئىبنى كەئىب ئىبنى لۇئەي ئىبنى غالىب ئىبنى فىھىر ئىبنى مالىك ئىبنى
كىنانە ئىبنى خۇزەيمە ئىبنى ئىبنى مۇدرىكە ئىبنى ئىلياس ئىبنى مۇزەر
ئىبنى نىزار ئىبنى مەئەد