رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ھەق پەيغەمبەرلىككە شاھىتلار

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر - جىمى ھەمدۇ سانالەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، قۇرئان كەرىمنى ئۆزىگە ئەخلاق قىلغان كىشىگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن. شەكسىزكى مۆمىنلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل دەقىقىلىرى ئىنسانىيەتنىڭ سەردارى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىدە مۆجىزىنىڭ تەجەللى قىلغانلىقىنى كۆرگەن دەقىقىلەردۇر. ھەقىقەتەن بىز ئىلمىي كەشپىيات دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر. بۇ خىل تەتقىقاتلار ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە خاتا چۈشەنچىدە بولغانلارنىڭ خاتا چۈشەنچىلىرىنى تۇغرىلىۋېلىشىغا، شۇنىڭدەك مۆمىنلەرنىڭ ئىمانلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقى مۇقەررەر.

بىرىنچى ھەقىقەت
  
   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە مۇنداق دېگەن: "بۇ ئىش كېچە – كۈندۈز يەتكەن يەرلەرگىچە يېتىدۇ" يەنى ئىسلام دىنى يەر يۈزىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام دىنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە يېتىپ باردى. غەرب ستاتىستىكا ئالىملىرى 2025- يىلى ئىسلام دىنىنىڭ ئېتىقادچىلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى دىن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ سۆزدە قىلچە مۇبالىغە يوق، چۈنكى بۇ، غەرب ستاتىستىكا ئالىملىرى ئىنچىكىلىك بىلەن ھېسابلاپ چىققاندىن كېيىن ئېلان قىلغان خەۋەردۇر.
   ستاتىستىكا ئالىملىرى دۇنيادا ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ تىز تارقىلىۋاتقان دىن ئىكەنلىكىنى، دۇنيادا ھەر قانداق بىر دۆلەت بولمىسۇن چوقۇم ئۇ دۆلەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىقىنى، كۈندىن - كۈنگە مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئالدىن خەۋەر بەرگەن ھەقىقەتتۇر!

ئىككىنچى ھەقىقەت

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "مەن ئۈچۈن زېمىننى مەسجىد ۋە پاكىزلىغۇچى قىلىندى". [مۇسلىم رىۋايىتى].
   تەتقىقاتچى ئالىملار ئۇزۇن مەزگىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، زېمىننىڭ تۇپراقلىرىدا ئەڭ يامان مىكروبلارنى 24 سائەت ئىچىدە تۇلۇق ئۆلتۈرەلەيدىغان، ئەڭ پاسكىنا نىجاسەتلەرنى پاكىزلىيالايدىغان ماددىلارنىڭ بارلىقىنى كەشپ قىلىپ، تۇپراقنىڭ پاكىزلىغۇچى ماددا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. شۇڭا ئۇلار تۇپراقتىن ئەڭ يامان مىكروبلارنى ئۆلتۈرەلەيدىغان دورا ياساش ھەققىدە پىكىر قىلىشماقتا.
   تەتقىقاتچى ئالىملار يەنە زېمىننىڭ تۇپراقلىرىدا ئەڭ يامان مىكروپلارنىمۇ ئۆلتۈرەلەيدىغان، ئەڭ پاسكىنا نىجاسەتلەرنى پاكىزلىيالايدىغان ماددىلارنىڭ بارلىقىنى كەشپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئەگەر بۇ پاكىزلىغۇچى ماددىلار بولمىغان بولسا مىكروپلارنىڭ كۆپىيىپ، ئىنسانلارنى تۈگەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە يەر يۈزىدە ياشاشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بايقىدى. لېكىن ئاللاھنىڭ پەزلى - مەرھىمىتى بىزگە ھاياتنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تۇپراقتا پاكىزلىغۇچى ماددىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەقەززا قىلدى. ئاللاھنىڭ بۇ نېمىتى شۈكرى ئېيتىشقا سازاۋەر بولالماسمۇ؟!

ئۈچىنچى ھەقىقەت

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەتقىقاتچى ئالىملار پەقەت بىر قانچە يىللار ئىلگىرى ئاران بايقىغان ئىلمىي ھەقىقەتتىن ئىنچىكىلىك بىلەن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئەرەب زېمىنى ئۆستەڭلەر ۋە باغۇ – بوستانلىققا قايتمۇغىچىلىك قىيامەت قايىم بولمايدۇ". [مۇسلىم رىۋايىتى].
   ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئەرەب يېرىم ئارىلى رايونىنىڭ ئىلگىرى ئۆستەڭلەر ۋە باغۇ بوستانلىق رايون ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاندى. ئۇنىڭ ئىزنالىرى كۈنىمىزگىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. سۈننىي ھەمراھلار ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەتلەرمۇ بۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلىماقتا. ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقى ئاگېنتلىقى "ناسا" دا خىزمەت قىلىۋاتقان چوڭ ئالىملار ئەرەب زېمىنلىرىنىڭ رادار ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەتلىرىنىڭ ئىلگىرى بۇ رايوندا ئۆستەڭ ۋە كۆللەرنىڭ كۆپلۈكىنى، بۇ رايوننىڭ مۇھىتىنىڭ ھازىرقى ياۋروپانىڭ مۇھىتىغا تامامەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ رايوننىڭ يەنە ئىلگىرىكى ھالىتىگە قايتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

تۆتىنچى ھەقىقەت

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پىلسىراتتىن ئۆتۈش توغرىسىدا توختىلىپ: "چاقماق چېقىشنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك مۇددەتتە ئۆتۈپ، قايتىدىغانلىقىغا قارىمامسىلەر". [مۇسلىم رىۋايىتى]. دېگەن سۈزى بولۇپ، بۇنىڭدا ئىلمىي مۆجىزە بار. تەتقىقاتچى ئالىملار چاقماق چېقىش ئەھۋالىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك مۇددەتتە بىر يۇرۇقلۇقنىڭ بۇلۇتتىن زېىمنگە قاراپ چۈشۈپ، يەنە بۇلۇت تەرەپكە قايتىپ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى سۆزىدە چاقماق چېقىش جەريانلىرىغا ۋە ئۇنىڭ مۇددىتىگە ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشارەت قىلغان بولۇپ، ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇنىڭ بۇ سۆزىنىڭ چاقماق چېقىش ئەھۋالىغا تامامەن ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. تەتقىقاتچى ئالىملار چاقماق چېقىشنىڭ ئۆتۈش ۋە قايتىش قاتارلىق بىر قانچە جەريانلار بىلەن بولىدىغانلىقىنى، چاقماقنىڭ يۇرۇش مۇددىتىنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئېچىش مۇددىتى بىلەن تامامەن باراۋەر بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئون تۆت ئەسىر بۇرۇن سۆزلەپ بەرگەن ھەقىقەت ئەمەسمۇ؟!

بەشىنچى ھەقىقەت

تەتقىقاتچى ئالىملار يېقىندا باشنىڭ كوكۇلەك قىسمىنىڭ يەنى دىماغنىڭ باش ۋە ئۈستۈن تەرىپىنىڭ توغرا قارار چىقىرىدىغان مەركەز ئىكەنلىكىنى، بۇ مەركەز قانچىلىك ياخشى ئىشلىسە قارارلارنىڭ شۇنچە توغرا ۋە ھېكمەتلىك بولىدىغانلىقىنى كەشپ قىلدى. بىز ھەدىس شەرىپلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "ئى ئاللاھ كوكىلىكىم سېنىڭ قولۇڭدا". [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى] دەپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇنداق دۇئا قىلىش ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرغانلىق بولىدۇ. يېقىندا كەشپ قىلىنغان يەنە بىر ھەقىقەت باشنىڭ كوكۇلەك قىسمىنىڭ بايقاش، كەشپ قىلىش، ئىجاد قىلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش مۇھىم ئىشلاردا ئالاھىدە رول ئوينايدىغانلىقىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئاسىدا مۇھىم ئىشلاردا ئالاھىدە رول ئوينايدىغان باشنىڭ كوكۇلەك قىسمىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇپ: "كوكلىكىم سېنىڭ قولۇڭدا" دېگەن. بۇ ھەدىستە باشنىڭ كوكۇلەك قىسمىنىڭ مۇھىم مەركەز ئىكەنلىكىگە ئىلمىي ئىشارەت بار.
   تەتقىقاتچى ئالىملارنىڭ دىماغنىڭ پائالىيىتىنى ئۇزۇن مەزگىل تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، كوكۇلەك قىسمىنىڭ ناھايىتى مۇھىم مەركەز ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ مەركەزنىڭ رەھبەرلىك قىلىش، كەشپ قىلىش، ئىجاد قىلىش ھەرىكەتلىرىدىن مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى ئارقىلىق باشنىڭ كوكۇلەك قىسمىنىڭ مۇھىم ئىشلاردا ئالاھىدە رول ئوينايدىغان مۇھىم مەركەز ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان سۆزىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. مانا بۇ ئۇ زاتنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدىغان مۆجىزىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەر يۈزىدە باشنىڭ كوكۇلەك قىسمىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدىغان ھېچقانداق بىر ئىنسان بولمىغان بىر زاماندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى قانداق بىلدى؟! شەكسىزكى، بۇنى ئاللاھ بىلدۈردى: {ئاللاھ ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سۈننەتنى) نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى. ئاللاھنىڭ ساڭا پەزلى چوڭدۇر}. (نىسا سۈرىسى 113- ئايەت).

ئالتىنچى ھەقىقەت

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كېتىش (ئەھۋالىنىڭ) ئوتتۇرىغا چىقىشىدۇر ". [تەبەرانى رىۋايىتى].
   بۇ ھەدىستە تىببىي ھەقىقەتلەر توغرىسىدا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىلمىي مۆجىزە نامايان بولىدۇ.
   بۇ مۆجىزە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ شاھىتىدۇر. ب د ت ئېلان قىلغان ستاتىستىكىلىق مەلۇمات ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىلىرىنىڭ پەقەت يېڭى دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شۇنچە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ بۇ ھادىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
   قەلب دوختۇرلىرى ھەم تىببىي ئىلىم شۇنچە تەرەققى قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئالدىن خەۋەر بېرىپ، بۈگۈنكى كۈنلەردە روياپقا چىقىۋاتقان ھەقىقەت ئەمەسمۇ؟!

يەتتىنچى ھەقىقەت

   تىببىي ئالىملار ئىنساننىڭ تەبىئىي ئاخىرلىشىشنىڭ ئەۋزەل ۋاسىتىسى قېرىلىق ئىكەنلىكىنى، ئۆمرىنى ئۇزارتىشقا  بولغان ھەر قانداق ئۇرۇنۇشلارنىڭ ئەقەللىسى راك كېسىلىگە مۇپتىلا قىلغانغا ئوخشاش نۇرغۇن سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ئامېرىكا برېنستون ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروفېسسور لي سېلفر مۇنداق دەيدۇ: "ئۆمرىنى ئۇزارتىشقا بولغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇش نۇرمالسىزلىقنى، تەبىئىيلىكنىڭ ئەكسىنى پەيدا قىلىدۇ". تىببىي ئالىملار كۆپ قېتىملىق تەجرىبىلەردىن كېيىن قېرىلىقنى داۋالاش ۋە ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن مىليارد دوللار سەرپ قىلغان تەقدىردىمۇ ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى يەكۈنلىدى. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: "ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى داۋالىنىڭلار، چۈنكى ئاللاھ تائالا قېرىلىقتىن ئىبارەت بىرلا كېسەلدىن باشقا ھەرقانداق كېسەلگە شىپالىقنى قويدى". [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى]. دېگەن سۆزى بىلەن بۇنىڭغا ئىشارەت قىلغان.
   ئىلمىي تەتقىقاتلار مانا مۇشۇنداق ئىلگىرى تونۇلمىغان يېڭى ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. مانا بۇ ھەقىقەتلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر، ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

   تەييارلىغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.