رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن روياپقا چىققان غەيىبلەردىن ئالدىن خەۋەر بەرگەنلىكى

يۇقىرىدىكى بابتا زىكرى قىلىنغان غەيبىي خەۋەرلەر مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامنڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلغانىكەن ئۇنداقتا، ئالدىمىزدا
ئۇنىڭدىنمۇ كاتتا غەيبىي خەۋەرلەر بار. تۆۋەندە بىز پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا خەۋەر بېرىپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن روياپقا
چىققان بەزى غەيبىي خەۋەرلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىگە قىيامەتكىچىلىك بولىدىغان
ئىشلاردىن سۆزلەپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىنى ھۇزەيفە
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلايلى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى خۇتبە ئوقۇپ، بۇ خۇتبىدە قىيامەتكىچىلىك بولىدىغان
ئىشلاردىن ھىچ نەرسىنى قالدۇرماي سۆزلەپ بەرگەن بولۇپ، بۇنى يادلىۋالغانلار
قېتىمىزدىكى ئالىملار بولدى. (ئۇلاردىن بەزى نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قالغان
بولساممۇ لېكىن ئۇنى ئىنسان كۆزىدىن غايىب بولغان نەرسىنى كۆرگەن ھامان
تۇنىۋالغاندەك تونىۋالالايمەن)". (ئىمام بۇخارىۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

  
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "بۇ ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
بىر مەجلىستەمەخلۇقاتلارنىڭ يارىتىلغاندىن باشلاپ، ئۆلۈپ - تېرىلگەنگە
قەدەر ھەممە ئەھۋالىدىن تۇلۇق خەۋەر بەرگەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. بىر
مەجلىستە مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەر بېرىش ئادەتتىن
تاشقىرى كاتتا مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ. بۇ پاساھەتلىك سۆزلەيدىغان پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامدن باشقىلارنىڭ تاقىتى يەتمەيدىغان بىر ئەھۋال"دەيدۇ.

  
ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بۇ ھەدىسنى ئەمرۇ ئىبنى ئەختەب
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەپسىلى بايان قىلىپ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە
بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بېرىپلا مۇنبەرگە چىقىپ، پىشىم نامىزىنىڭ ۋاقىتى
كىرگۈچىلىك خۇتبە ئوقۇدى، پىشىم نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپلا يەنە مۇنبەرگە
چىقىپ، ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقىتى كىرگۈچىلىك يەنە خۇتبە ئوقۇدى، ئەسىر
نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپلا يەنە مۇنبەرگە چىقىپ كۈن ئولتۇرغىچىلىكيەنەخۇتبە
ئوقۇدى، خۇتبىدە بىزگە قىيامەتكىچىلىك بولىدىغان ئىشلاردىن خەۋەر بەردى،
بۇنى يادلىۋالغانلار قېتىمىزدىكى ئالىملار بولدى"دەيدۇ.

  
قازى ئىياز رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "بۇ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە
بىلدۈرگەن غەيبىي ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ بابتىكى ھەدىسلەر تېگىگە
يەتكىلى بولمايدىغان دېڭىزغا ئوخشايدۇ، بۇ بىزگە ئىشەنچىلىك سەنەد لەر
(يوللار) بىلەن  يىتىپ كەلگەن مەشھۇر مۆجىزىلەردىن ھېسابلىنىدۇ"دەيۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممۇ ھارام بىنتى مەلھان رەزىيەللاھۇ ئەنھا
ھەققىكى خەۋىرى ئۇ زاتقا ئالدىن بىلدۈرۈلگەن غەيبىي خەۋەرلەرنىڭ
جۈملىسىدىندۇر. ئۇممۇ ھارام رەزىيەللاھۇ ئەنھا: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ: "دېڭىز ئارقىلىق غازاتقا ئاتلانغان ئۈممىتىم ئىچىدىكى
تۈنچى قوشۇن (ئۆزىگە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتنى) ۋاجىپ قىلدى" دېگەنلىكىنى
ئاڭلىغانىدىم.  ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىنمۇ؟ دەپ سورىغىنىمدا
ئۇ: "سىز ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن!" دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى،دەيدۇ.

  
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: "قەيسەر شەھىرىگە غازاتقا
ئاتلانغان ئۈممىتىم ئىچىدىكى تۈنچى قوشۇننىڭ (بارلىق گۇناھلىرى) كەچۈرۈم
قىلىندى"،دەيدۇ. ئۇممۇ ھارام رەزىيەللاھۇ ئەنھا:ئى رەسۇلۇللاھ! مەن
ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىنمۇ؟ دەپ سورىغىنىمدا ئۇ: "ياق!"دەپ جاۋاپ
بەرگەنىدى،دەيد. (ئىمام بۇخارى رىۋايىتى).

  
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
كېلەچەكتە بولىدىغان ئىشلاردىن خەۋەر بەرگەن بولۇپ، بۇ ئىش ئۇنىڭ خەۋەر
بەرگىنىدەك روياپقا چىققان. بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنمۇ
ئىسلام ئۇممىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تورىشى، ئىسلام ئۇممىتى ئىچىدە  ھەر ۋاقىت
دۈشمەنلەرگە زەربە بىرەلەيدىغان باتۇر - پەلۋانلارنىڭ مەۋجۇت بولىشى،
ئۇلارنىڭ قۇرۇقلۇقتا غەلىبە قىلىپ ھەتتا دېڭىز ئارقىلىق غازاتقا ئاتلىنىشى،
ئۇممۇ ھارام رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ شۇ زامانغىچە ياشايدىغانلىقى، ئۇنىڭ
دېڭىز ئارقىلىق غازاتقا ئاتلىنىدىغانلار بىلەن بىرگە چىقىدىغانلىقى، ئۇنىڭ
ئىككىنچى قېتىملىق غازاتچىلارنىڭ زامانىنى تاپالمايدىغانلىقى قاتارلىق
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەكىتلەيدىغان دەلىل -
ئىسپانلار بار"،دەيدۇ.

  
ئىمام بۇخارىۋەئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق كەلگەن:
"پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممۇ ھارام بىنتى مەلھان رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ
ئۆيىدە ئۇخلىغان بولۇپ، ئۇيقۇسىدىن كۈلگەن ھالدا ئويغانغان، ئۇممۇ ھارام
رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئى رەسۇلۇللاھ نېمە ئۈچۈن كۈلىلا دېگەندە ئۇ:
"ئۇممىتىمدىن بىر گۇرۇپ كىشىلەر راۋاقتا ئولتۇرغان پادىشاھلاردەك بۇ
دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئاللاھ يولىدا غازات قىلغان ھالدا ماڭا كۆرسىتىلدى" دېگەن.
ئۇممۇ ھارام رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئى رەسۇلۇللاھ ئاللاھقا دۇئا قىلسىلا مېنى
ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن قىلسۇن، دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئۈچۈن
دۇئا قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۇيقۇغا باش قويغان بولۇپ،
ئۇيقۇسىدىن يەنە كۈلگەن ھالدا ئويغانغان، ئۇممۇ ھارام رەزىيەللاھۇ ئەنھا:ئى
رەسۇلۇللاھ نېمە ئۈچۈن كۈلىلا دېگەندە ئۇ: "ئۈممىتىمدىن بىر گۇرۇپ كىشىلەر
ئاللاھ يولىدا غازات قىلغان ھالدا ماڭا كۆرسىتىلدى" دېگەن. ئۇممۇ ھارام
رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئى رەسۇلۇللاھ مەن ئۈچۈن  ئاللاھقا دۇئا قىلسىلا مېنى
ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن قىلسۇن، دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "سىز
ئەۋۋەلقىلارنىڭ جۈملىسىدىن" دېگەن.

  
بۇ ھەدىستە خەۋەر بېرىلگەندەك، ئۇممۇ ھارام رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەزرىتى
مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىسىدا دېڭىزدىن ئۆتكەن بولۇپ، قىرغاققا
چىقىپ بولغاندىن كېيىن مىنگەن ئۇلىغى ئۈستىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ ۋاپات
بولغان. (ئىمام بۇخارى رىۋايىتى).

   ئىمام تەبەرانى ۋە باشقىلار ئۇممۇ ھارام رەزىيەللاھۇ ئەنھا نىڭ قەبرىسىنىڭ قبرىس ئارىلىدا ئىكەنلىكىنى نەقىل قىلغان.

  
ئىسلام ئۇممىتنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن دېڭىز غازىتى
قىلىدىغانلىقى، ئۇممۇ ھارام رەزىيەللاھۇ ئەنھا نىڭ بۇ غازاتنىڭ
زامانىسىغىچىلى ياشايدىغانلىقى ھاتتا بۇ غازاتقا قاتنىشىدىغانلىقىدىن
ئىبارەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭزامانىدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان بۇ
ئىشلارنى ئۇ زاتقا خەۋەر قىلغانكىم؟

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبۇكتا ساھابىلىرىگە قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ
ئالدىدا مۇھىم ئالتە تۈرلۈك ئىشنىڭ يۈزبېرىدىغانلىقىنى ئالدىن خەۋەر بېرىدۇ
ۋە ئەۋف ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بۇ ئىشلارنىڭ  تەرتىپىنى بايان
قىلىپ: "قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا مېنىڭ ۋاپاتىم، بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ
ئازات بولىشى، قوي كېسىلى تارقالغانغا ئوخشاش ئاراڭلاردا ۋابا كېسىلىنىڭ
تارقىلىشى، مال - دۇنيانىڭ كۆپىيىشى ھەتتا يۈز دىنار بىرىلگەن ئادەمنىڭ
غەزەپلىنىشى، ئەرەب ئۆيلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي كىرىدىغان پىتنىنىڭ
تارقىلىشى، ئۇنىڭدىن كېيىن سىلەر بىلەن بەنۇلئەسپەر (ياۋروپالىقلار) نىڭ
ئوتتۇرىسىدا سۈلھى تۈزىلىشى، ئۇلارنىڭ ھەر بايراق ئاستىدا ئون ئىككى مىڭ
(كىشىلىك قوشۇن بولغان) سەكسەن بايراق ئاستىغا جەم بۇلۇپ كېلىپ سۈلھىنى
بۇزۇشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتئالتە ئىشنى سانىغىن"دەيدۇ. (ئىمام بۇخارى
رىۋايىتى).

  
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  قىيامەت قايىم بولىشىنىڭ ئالدىدا يۈز
بېرىدىغان ئالتە ئىشنى  تەرتىپ بويىچە بايان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەۋۋىلى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتى، ئۇنىڭدىن كېيىن بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ
ئازات بۇلىشى بولۇپ، بۇ ئىش ھىجرىيىنىڭ ئون بەشىنچى يىلى يۈزبېرىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن ساھابىلەر ئىچىدە ۋابا كېسىلى تارقىلىشى سەۋەبىدىن ئۆلۈم
ئىشلىرىنىڭ كۆپ بۇلىشى بولۇپ، بۇ ئىش ھىجرىيىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى
يۈزبېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مال -  دۇنيانىڭ كۆپىيىشى بولۇپ، بۇ ئىش ھەزرىتى
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا كۆپلىگەن شەھەرلەرنىڭ ئازات بولىشى
نەتىجىسىدە يۈزبېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەرەب ئۆيلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي
كىرىدىغان پىتنىنىڭ تارقىلىشى بولۇپ، بۇ پىتنىنىڭ ئىشىكى ھەزرىتى ئوسمان
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئېچىلىپ، ئەرەب ئۆيلىرىنىڭ
بىرىنىمۇ قويماي كىرگەنىدى.

  
ئەمما مۇسۇلمانلار بىلەن بەنۇلئەسپەر (ياۋروپالىقلار) نىڭ ئوتتۇرىسىدا
سۈلھى تۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ سۈلھىنى بۇزۇشىدىن ئىبارەت ئاخىرقى ئالامەت بولسا،
ئۆلىمالار بۇ ئالامەتنىڭ تېخى يۈزبەرمىگەنلىكى بەلكى زامان ئاخىرىدىكى
پىتنە ۋە قىرغىنچىلىق زامانىدا يۈزبېرىدىغانلىقى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن.

  
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرلىك
ئالامەتلىرىدىن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپلىرى ئوتتۇرىغا
چىقىپ بولدى" دەيدۇ.

  
تۆتىنچى ئالامەتتىن سۆز ئاچقان ۋاقتىمىزدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:
"ئاراڭلاردا مال - دۇنيا كۆپىيىپ، ھەتتا مال ئىگىسى سەدەقاتلىرىنى قوبۇل
قىلىدىغان كىشى تاپالماي غەم قىلىدىغان، مال - دۇنيا توغرىلانغان كىشى
مېنىڭ ھاجىتىم يوق دەيدىغان زامان كەلمىگۇچىلىك قىيامەت قايىم بولمايدۇ"
دېگەن سۆزىنى ئېسىمىزگە ئالىمىز. (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

   ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "بۇ ھەدىستە تۆۋەندىكى ئۈچ ئەھۋالغا ئىشارەت بار" دەيدۇ.

  
بىرىنچى: پەقەت مال - دۇنيانىڭ كۆپىيىشىگە ئىشارەت بار بولۇپ، بۇ ساھابە
كىراملارنىڭ زامانىدا يۈز بەرگەن. شۇڭا بۇ ھەدىستە "ئاراڭلاردا مال - دۇنيا
كۆپىيىپ.." دېيىلگەن.

  
ئىككىنچى: باشقىلارنىڭ مېلىنى قوبۇلقىلىشتىن بىھاجەت بولغىدەك مال -
دۇنيانىڭ كۆپىيىپ، ئېشىپ، تاشىدىغانلىقىغا ئىشارەت بار بولۇپ، بۇ ساھابە
كىراملار زامانىسىنىڭ ئاخىرى ، تابىئىنلار زامانىسىنىڭ ئەۋۋىلىدە يەنى
ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىزنىڭ زامانىسىدا يۈز بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ
ھەدىستە: "مال ئىگىسى سەدەقاتلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان كىشى تاپالماي غەم
قىلىدىغان .." دېيىلگەن.

  
ئۈچىنچى: مال ئىگىسى سەدەقاتلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان كىشى تاپالماي غەم
قىلىدىغان، مال - دۇنيا توغرىلانغان كىشى مېنىڭ ھاجىتىم يوق دەيدىغان
دەرىجىدە مال - دۇنيانىڭ كۆپىيىپ، ئېشىپ، تاشىدىغانلىقىغا ئىشارەت بار
بولۇپ،  بۇ ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشكەندىن كېيىن يۈز
بېرىدۇ. (فەتھۇلبارى).

 

     تەييارلىغۇچى    :ئوبۇلقاسىم ئەھمەدى