رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇلايىملىقى
ئۇنىڭ ئېسىل ئەخلاقىنىڭ جۈملىسىدىن يولسىزلىق ۋە زۇلۇم قىلغان كىشىلەرنى
كەچۈرۈم قىلغانلىقىدۇر. "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز نەپسى ئۈچۈن ئىنتىقام
ئالمايتتى، پەقەت ئاللاھنىڭ ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنسا، ئاللاھ ئۈچۈن
ئىنتىقام ئالاتتى". (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى). ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەشنام،
ھاقارەت ۋە لەنەت قىلىدىغان شەخس ئەمەس ئىدى، دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
ئەخلاقىدىن سورالغاندا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاقارەت قىلغۇچى، قۇپال
سۆز قىلغۇچى، بازارلاردا توۋلىغۇچى ئەمەس ئىدى، يامانلىققا يامانلىق بىلەن
جاۋاپ قايتۇرمايتتى لېكىن ئەپۇ ۋە كەچۈرۈم قىلاتتى، دېگەن. (تىرمىزى
رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۈپىتى ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ساماۋىي
كىتابلاردىمۇ زىكرى قىلىنغان. سەھىھۇلبۇخارىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى
ئاسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاندا بايان قىلىنغان سۈپىتىنىڭ بەزىسى
تەۋراتتىمۇ بايان قىلىنغان.. ئۇ زات قوپال، توڭ ۋە بازارلاردا توۋلىغۇچى
ئەمەس، يامانلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرمايدۇ، لېكىن ئەپۇ ۋە
كەچۈرۈم قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇ زاتنى كاج بىر مىللەتنى تۈزلىمىگىچىلىك، كور
كۆزلەرنى، پاڭ قۇلاقلارنى، پەردىلەنگەن دىللارنى ئاچمىغىچىلىك ھەرگىز ۋاپات
قىلدۇرمايدۇ. (بۇخارى رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەپۇچان ۋە مۇلايىملىقىنىڭ جۈملىسىدىن شۇكى،
ئۇ زات ھونەين كۈنى ئىمانى ئاجىزلارنىڭ قەلبىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش ئۈچۈن
ئۇلارغا كۆپ ئاتا – ئېھسان قىلغاندا بىر ئادەم: بۇ ئاللاھ رىزاسى مەقسەت
قىلىنمىغان تەقسىمات بولدى، دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ناھەقچىلىق ۋە
زۇلۇم بىلەن ئەيىبلىگەن.

  
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن بۇ خەۋەرنى پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامغ يەتكۈزگەندە ئۇ ناھايىتى غەزەپلەنگەن، ھەتتا مەن ئۇنىڭ
قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىدىن يۈزىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنىدىم،
ئاندىن ئۇ: "ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت قىلسۇن، ئۇ بۇنىڭدىنمۇ كۆپ
ئەزىيەت قىلىنغان بولسىمۇ يەنە سەۋرى قىلغان"، دېگەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم
رىۋايىتى).

  
ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەببىنىڭ«ئى مۇھەممەد! نادانلار بىلەن
تەڭ بولمىغىن، ئۇلارغا چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن» دېگەن ئەمرىگە ئەمەل
قىلغان.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ مەسجىدنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە بىر
ئەرابىي تونىنىڭ ئارقىسىدىن قاتتىق تارتىپ: ئى مۇھەممەد! ماڭا ئىككى تۈگە
مال بەرگىن. چۈنكى سەن ئۆزەڭنىڭ ياكى داداڭنىڭ مېلىدىن بەرمەيسەن، دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تونىنىڭ ياقىسى قاتتىق بولغاچقا ئۇنىڭ بوينى
قىزىرىپ كەتكەنىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "بوينىمنى قىزارتۋەتكەنلىكىڭ
ئۈچۈن ماڭا دىيەت تۈلىمىگىچىلىك ساڭا ھېچنەرسە بەرمەيمەن"، دېگەن. ئەرابىي:
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ساڭا دىيەت تۈلىمەيمەن، دېگەن.

  
ئەبۇ ھۆرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىز ئەرابىينىڭ سۆزىنى
ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كەلگەنىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەن رۇخسەت
قىلمىغىچىلىك، ھېچكىم ئورنىدىن قوزغالمىسۇن. ئى پالانى! ئۇنىڭ بىر تۈگىسىگە
ئارپا، يەنە بىر تۈگىسىگە خورما ئارتىپ بەرگىن" دېگەن. ئاندىن
ساھابىلىرىغا: قايتىپ كېتىڭلار"، دېگەن. (نەسەئى، ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى).

  
ئىمام سىندى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇ
ئەخلاقتىن باشقا مۆجىزىلەر بېرىلمىگەن بولسىمۇ ئەلۋەتتە بۇ ئۇنىڭ
پەيغەمبەرلىكىگ شاھىد بولۇشقا يېتەرلىك بولاتتى، دېگەن.

  
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا
مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ, ئۇلار چۆرەڭدىن
تارقاپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىل، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا
ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ,
ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست
تۇتىدۇ». (سۈرە ئال ئىمران 159- ئايەت).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇلايىملىقىنىڭ جۈملىسىدىن شۇكى، بىر ئەرابىي
مەسجىدنىڭ ھۆرمىتىنى بىلمەستىن، مەسجىدنىڭ بىر بۇلىڭىغا سىيىپ قويىدۇ،
ساھابىلار ئۇنى ئەيىبلەپ، سىلكىشلىگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئۇنى
ئۆز ھالىغا قۇيۇڭلار"، دەيدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرابىينى
چاقىرىپ، ئۇنىڭغا تەلىم بېرىپ: "مەسجىدلەردە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلارنى
قىلىشقا بولمايدۇ، مەسجىدلەر پەقەت ئاللاھ تائالاغا زىكرى ئېيتىش، ناماز ۋە
قۇرئان ئوقۇش ئۇچۇندۇر"، دەيدۇ. ئاندىن بىر كىشىنى سۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ
ئۈستىگە قۇيىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قەرزنى قوپاللىق بىلەن تەلەپ قىلغان كىشىگە
ساھابىلەر، رەددىيە بېرىشكە ئورۇنغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ
قوپاللىق قىلغانلىق ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىپ: "ھەق ئىگىسىنىڭ سۆزلەش ھەققى
بار"، دەيدۇ. ئاندىن ساھابىلىرىغا: "ئۇنىڭ ھەققىنى بازاردىن سېتىۋېلىپ،
بېرىڭلار" دەيدۇ. ساھابىلار: بازاردا پەقەت ئۇنىڭكىدىن ياخشىسى بار ئىكەن،
دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ياخشىسىنى سېتىۋېلىپ بېرىڭلار. چۈنكى
ياخشى ئادا قىلغىنىڭلار ياخشى كىشىلەردىن ھېسابلىنىسىلەر" دېگەن. (بۇخارى
ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئادەمنىڭ قوپاللىقىغا قوپاللىق بىلەن جاۋاپ
قايتۇرماستىن بەلكى ئۇنى كەچۈرۈم قىلدى. ئاندىن ئۇنىڭكىدىن ياخشىسىنى
بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  بۇ ئىشلاردا ئاللاھ تائالانىڭ:
«تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل - مال) سەرپ
قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار،
(يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ
ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ» دېگەن ئايىتىگە ئەمەل قىلغانىدى.

  
مانا بۇ كەچۈرۈم قىلىش، مۇلايىم بولۇش بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
پەيغەمبەرلىكىگ شاھىد قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بەرگەن
پەيغەمبەرلىك ئەخلاقلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.