رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئاينىڭ ئىككىگە يېرىلىش مۆجىزىسى
ئاينىڭ ئىككىگە يېرىلىش مۆجىزىسى ئاللاھ
تائالانىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان كاتتا مۆجىزىلىرىنىڭ
بىرى بولۇپ، بۇ مۆجىزە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىنە مۆنەۋۋىرىگە ھىجرەت
قىلىشتىن بەش يىل بۇرۇن مەككە كاپىرلىرى ئۇنىڭدىن پەيغەمبەرلىكنىڭ راستلىقىنى
ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاينىڭ ئىككىگە يېرىلىشىنى تەلەپ قىلغاندا يۈز گەن.مەككە
كاپىرلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئەگەر پەيغەمبەرلىك دەۋايىڭدا راستچىل بولساڭ
بىزگە ئاينى ئىككىگە يېرىپ كۆرسەتكىن، ئەگەر شۇنداق قىلالىساڭ بىز چوقۇم سېنىڭ راست
پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭنى ئېتىراپ قىلىمىز، دېگەن، ۋاھالەنكى بۇ ئاي تولغان كېچە
ئىدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەببىدىن ئۆزىگە ئۇلار تەلەپ قىلغان نەرسىنى
بېرىشنى تىلىگەندە، ئاي ئىككىگە يېرىلىپ، يېرىمى ساپا تېغىنىڭ يەنە يېرىمى قەيقۇئان
تېغىنىڭ ئۈستىدە كۆرۈلگەن، ھەتتا ئۇلار ھىرا تېغىنى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا
كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتقان، بەزىسى مۇھەممەد
(ئەلەيھىسسالام) كۆزىمىزنى سىھرىلىدى، دېيىشىپ، كاپىرلىقىدىن قايتمىغان. ئاندىن
ئۇلار: ئەگەر ئۇ بىزنى سىھرىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەممە ئىنسانلارنى سىھرىلەشكە
قادىر بولالمايدۇ، مەككىگە يېزا قىشلاقلاردىن كىشىلەر كەلگىچە سەۋرى قىلىپ تۇرايلى،
ئەگەر ئۇلار ئاينىڭ ئىككىگە يېرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلسا، ئاينىڭ ئىككىگە
يېرىلغانلىقى راست بولغان بولىدۇ، ئەگەر ئۇلار بۇنداق ئەھۋالنى كۆرمىگەن بولسا،
مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) كۆزىمىزنى سىھرىلىگەن بولىدۇ، دېيىشكەن. مەككىگە سىرتتىن
كىشىلەر كېلىپ، ئاينىڭ ئىككىگە يېرىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى خەۋەر قىلىشقاندا
بولسا، ئۇلار: بۇ داۋاملاشقۇچى سىھرىدۇر، دېيىشكەن، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا:
{قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى. (قۇرەيش كۇففارلىرى) بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا
(ئىماندىن) يۈز ئۆرۈپ، بۇ «داۋاملاشقۇچى سېھىردۇر» دېيىشىدۇ. ئۇلار (پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامن) ئىنكار قىلدى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، (ياخشىلىقتىن, يا
يامانلىقتىن بولسۇن) ھەر ئىش (شۇ ئىشنىڭ ئەھلىنى جەننەتكە يا دوزاخقا)
ئورۇنلاشتۇرغۇچدۇر. ئۇلارغا ھەقىقەتەن (قۇرئان) خەۋەرلىرىدىن ئىبرەت ئېلىنىدىغان
مىقداردا نەرسە كەلدى. مۇكەممەل ھېكمەت كەلدى، (اللە ئۇلارنى شەقى قىلغانلىقى
ئۈچۈن) ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇ
كۈندە چاقىرغۇچى (يەنى ئىسراپىل) قىيىن ئىشقا (يەنى ھېساپقا) چاقىرىدۇ (يەنى سۇر
چالىدۇ). ئۇلار (قورقۇتۇشتىن) تىكىلىپ قارىيالمىغان ھالدا گويا تارىلىپ كەتكەن
چېكەتكۈدەك، قەبرىلىرىدىن چىقىپ كېلىدۇ} دېگەن ئايەتلەرنى نازىل قىلغان.


ھەدىس شەرىپتە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: "مەككە ئەھلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن
پەيغەمبەرلىكىنڭ راستلىقىغا دەلىل تەلەپ قىلغاندا، ئۇلارغا ئاينى ئىككىگە يېرىپ
كۆرسەتكەن، ھەتتا ئۇلار ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىن ھىرا تېغىنى كۆرگەن".
ئىبنى
مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ زامانىدا ئاي ئىككىگە يېرىلىپ، بىر پارچىسى تاغنىڭ ئۈستىدە، يەنە
بىر پارچىسى تاغنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە كۆرۈلگەن".
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇنىڭ يەنە مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "مەن ئاينىڭ ئىككى پارچىسىنىڭ
ئارىسىدىن ھىرا تېغىنى كۆرگەنىدىم".

ئاينىڭ ئىككىگە يېرىلىش مۆجىزىسى
ھەققىدە قىسسە

گېئولوگىيە ئالىمى دوكتۇر زەغلۇل نەججار بىلەن ئېلىپ
بېرىلغان تېلېۋزىيە سۆھبىتىدە ئۇنىڭدىن {قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى} دېگەن
ئايەتتە قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلمىي مۆجىزىسى بارمۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن:
بۇ ئايەت توغرۇلۇق مەندە مۇنداق بىر قىسسە بار. مەن بىر مەزگىل ئەنگلىيىنىڭ
غەربىدىكى كاردېۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىگەنىدىم، بۇنىڭغا مۇسۇلمان ۋە غەيرى
مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر قاتناشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا قۇرئان
كەرىمدىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر توغرىسىدا جانلىق دىئالوگلار ئېلىپ بېرىلغانىدى. دئالۇگ
جەريانىدا مۇسۇلمانلاردىن بىر يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ: ئەپەندىم! ئاللاھ تائالانىڭ:
{قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى} دېگەن سۆزىدە قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلمىي مۆجىزىسى
بار، دەپ قارامسىز؟ دەپ سورىدى. مەن مۇنداق جاۋاپ بەردىم: "ياق. چۈنكى ئىلمىي
مۆجىزىلەرنى ئىلىم تەپسىر قىلىدۇ. مۆجىزىلەر بولسا ئادەتتىن تاشقىرى بىر ئىش بولۇپ،
ئىلىم ئۇلارنى تەپسىر قىلىشتىن ئاجىزدۇر. ئاينىڭ يېرىلىش مۆجىزىسى مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامنڭ پەيغەمبەرلىكىگە شاھىد بولغان ھالدا يۈز بەرگەن مۆجىزىدۇر. ھېسسىي
مۆجىزىلەر پەقەت ئۇنى كۆرگۈچىلەرگىلا شاھىد بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ
كىتابىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە كەلمىگەن بولسا، بۇ ئەسىردىكى
بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز زۆرۈر بولمايتتى. لېكىن ئۇلار ئاللاھنىڭ
كىتابىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە بايان قىلىنغانلىقى ۋە ئاللاھ
تائالانىڭ ھەر ئىشقا قادىر بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇنىڭغا ئىشىنىمىز".
دوكتۇر
زەغلۇل نەججار ھەدىس مۆجىزىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: ھەدىس كىتابلىرىدا
مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە - مۇكەررەمىدىن مەدىنە -
مۇنەۋەرەگە ھىجرەت قىلىشتىن بەش يىل ئىلگىرى قۇرەيشلەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇنىڭ
ھۇزۇرىغا كېلىپ: ئى مۇھەممەد! ئەگەر سەن راست پەيغەمبەر بولىدىغان بولساڭ بىزگە
سېنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىڭگە شاھىد بولىدىغان بىر مۆجىزە كەلتۈرگىن، دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن: قانداق مۆجىزە ئىزدەيسىلەر؟ دەپ سورىغان. ئۇلار
دۇئېل ئېلان قىلىش يولى بىلەن: بىزگە ئاينى ئىككىگە يېرىپ كۆرسەتكىن، دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ، رەببىگە دۇئا قىلىپ مۇشۇنداق بىر پەيتتە
ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشىنى تىلىگەن، رەببى ئۇنىڭغا بارمىقى بىلەن ئايغا ئىشارەت
قىلىشنى ئىلھام قىلغان، ئۇ ئايغا ئىشارەت قىلىش بىلەن ئاي ئىككىگە يېرىلىپ، ھەر بىر
پارچىسى بىر - بىرىدىن يىراقلىشىپ بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن بىر -
بىرىگە چاپلاشقان. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن كاپىرلار: مۇھەممەد بىزنى سىھىرلىدى، دېگەن.
لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئەقىل ئىگىلىرى: سىھىر پەقەت بۇ يەردە بارلارغىلا
تەسىر قىلىدۇ، ھەممە ئىنسانلارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئەمەس. سىرتتىن
كەلگەنلەرنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، ئۇلاردىن سوراپ كۆرەيلى، دېيىشكەن. ئۇلار مەككىگە
كېرىش ئېغىزلىرىغا يۈگۈرۈشۈپ كېلىشىپ، يولۇچىلارنى كۈتۈشكە باشلىغان، ئۇلار مەككىگە
يىتىپ كەلگەن تونچى يولۇچىلاردىن: ئايدا بىرەر ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆردۈڭلارمۇ؟
دەپ سوراشقاندا، يولۇچىلار: ھەئە، پالانى كېچە ئاينىڭ ئىككىگە يېرىلىپ، ھەر بىر
پارچىسىنىڭ بىر - بىرىدىن يىراقلىشىپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىن قايتىدىن بىر -
بىرىگە چاپلاشقانلىقىنى كۆردۇق، دېيىشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان
ئېيتقان، يەنە بەزىلىرى كاپىرلىقىدىن قايتمىغان. ئۇلار ھەققىدە ئاللاھ تائالا بۇ
ئايەتلەرنى نازىل قىلدى:
{قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى. (قۇرەيش
كۇففارلىرى) بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈپ، بۇ «داۋاملاشقۇچى
سېھىردۇر» دېيىشىدۇ. ئۇلار (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى) ئىنكار قىلدى، نەپسى
خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، (ياخشىلىقتىن, يا يامانلىقتىن بولسۇن) ھەر ئىش (شۇ ئىشنىڭ
ئەھلىنى جەننەتكە يا دوزاخقا) ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر}.
دوكتۇر زەغلۇل نەججار
سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: مەن سۆزۈمنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئەنگلىيىلىك بىر
مۇسۇلمان يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇپ: مۇسۇلمانچە ئىسمىم داۋۇد مۇسا،
مەن ھازىر ئەنگلىيە ئىسلام پارتىيىسىنىڭ رەئىسى، ئەپەندىم مېنىڭ بىر ئاز قوشۇمچە
قىلىشىمغا رۇخسەت قىلسىڭىز، دېدى. مەن قېنى مەرھەمەت! دېدىم. ئۇ سۆزىنى
داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ
بىرى ماڭا قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىدىن بىرنى سوغات قىلغانىدى، مەن
ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى ئېيتىپ، ئۆيۈمگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنى بىر قۇر ۋاراقلاپ
كۆردۈم، ئۇشتۇمتۇت كۆزۈمگە قەمەر سۈرىسىدىكى {قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى ...
} دېگەن ئايەتلەر چېلىقتى. مەن: ئاينىڭ يېرىلىپ، ئاندىن يەنە يەملىشىشى ئەقىلغا
ئۇيغۇنمۇ؟ قانداق بىر كۈچ بۇنداق قىلىشقا قادىر بولالايدۇ؟ دېدىم - دە قۇرئاننى
ياپتىم، بۇ ئايەتلەر مېنىڭ قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشۇمدىن توسۇپ
قويدى. مەن بىر مەزگىل تىرىكچىلىك مەشغۇلاتلىرى بىلەن بولۇپ قالدىم، لېكىن رەببىم
مېنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكىمنى، بۇ ھەقتە قانچىلىق ئىخلاس قىلغانلىقىمنى
بىلەتتى، رەببىم مېنى بىر كۈنى ئەنگلىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ مەخسۇس تەييارلانغان بىر
پروگراممىسىنى كۆرۈش پۇرسىتىنى بەردى. تېلېۋىزىيە دىكتورى بىلەن ئامېرىكىلىق ئۈچ
نەپەر ھاۋا بوشلۇقى ئالىملىرى ئوتتۇرىسىدا دىئالوگلار بولۇۋاتاتتى. دېرىكتور
ئۇلارغا يەر يۈزىدە ئاچارچىلىق، نامراتلىق بولۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۇلارنىڭ
ھاۋا بوشلۇقى سەپىرى ئۈچۈن مىليارتلىغان مەبلەغ خىراجەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا
كايىۋاتاتتى، ئۇلار بۇ سەپىرىدە ئايغا چىقىپ، ئاي يۈزىدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان سىزىقنى
كۆرگەنلىكىنى، بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە ئاينىڭ بۇرۇن ئىككىگە
يېرىلىپ قايتىدىن يەملەشكەنلىكى تەكىتلەنگەنلىكىنى سۆزلەۋاتاتتى... مەن بۇ سۆزلەرنى
ئاڭلاپ ئولتۇرغان ئورۇندۇقتىن سەكرەپ قوپۇپ كەتتىم: بۇ بىر مىڭ تۆت يۈز يىل
ئىلگىرى يۈز بەرگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى ئەمەسمۇ؟ ئاللاھ
تائالا ئامېرىكىلىقلارنى نەچچە مىليارد دوللار مەبلەغ خىراجەت قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭ
راستلىقىنى ئىسپاتلاتقۇزماقچىمۇ؟ ئۇنداقتا بۇ دىن چوقۇم ھەق دىندۇر.
ئۇ
مۇنداق دەيدۇ: مەن قايتىدىن قۇرئاننى قولۇمغا ئېلىپ، قەمەر سۈرىسىنى ئوقۇشقا
باشلىدىم، بۇ مېنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشىمنىڭ كىرىش ئېغىزى بولدى.

{ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان- زېمىن)
ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى
كۆرسىتىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ
راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ}.

تەييارلىغۇچى:
ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.