رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

تائاملارنىڭ كۆپىيىش مۆجىزىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تائام ۋە سۇ قىس بىر دەۋردە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر بولۇپ، ئۇ دەۋردىكى مۇسۇلمانلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بولۇپمۇ سەپەر ۋە ئۇرۇش مەيدانلىرىدا تائام ۋە سۇ قىس بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى مۇشۇنداق قىيىن شارائىتلاردا تائام ۋە سۇلارنى كۆپەيتىپ بېرىش مۇجىزىسى ئاتا قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ بەرىكەتلىك مۆجىزە ئارقىلىق بۇ قاقاس رايوندىكى تائام ۋە سۇ قىس بولۇش قىيىنچىلىقلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان.
   مۆجىزە پەقەت خەلقلەر قىيىن بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىپ، بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشتىن ئۈمىدلىرى ئۈزۈلگەن بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرىكىتى بىلەن تائاملارنىڭ كۆپىيىش مۆجىزىسى بىر قانچە قېتىم تەكرارلانغان، نەچچە مىڭلىغان ساھابىلار شاھىد بولغان، بىزلەرگە ئىشەنچىلىك كىشىلەر ئارقىلىق يىتىپ كەلگەن مۆجىزىدۇر.
   خەندەك ئۇرۇشىغا قاتناشقان مىڭدىن ئارتۇق ساھابە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆيىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرىكىتى بىلەن تائامنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ۋە شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ تائامدىن يەپ تويۇنغانلىقىنى ۋە يەنە نۇرغۇن تائامنىڭ ئېشىپ قالغانلىقىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەنىدى.

   ئىمام بۇخارى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: خەندەك كۈنى يەر ئاستىدىن قاتتىق بىر تاش چىقىپ قالدى، بۇنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن خەلق ئاممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، قاتتىق بىر تاشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى شىكايەت قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئۇنداقتا مەن چۈشەي" دەپ، دەرھال ئورنىدىن تۇردى، ۋاھالەنكى ئاچلىقتىن ئۇنىڭ قورسىقىغا تاش تېڭىلغانىدى. چۈنكى بىز ئۈچ كۈندىن بىرى تائام يىمىگەنتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جوتۇنى ئېلىپ، تاشقا بىرنى ئۇردى، تاش پارچىلىنىپ، شېغىلغا ئايلاندى، مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا رۇخسەت قىلسىڭىز ئۆيۈمگە بېرىپ كەلسەم، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن ئۆيگە بېرىپ ئايالىمغا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قورسىقىنىڭ قاتتىق ئېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ، سەۋرى قىلالمىدىم، ئۆيدە يىگۈدەك بىرەر نەرسە بارمۇ؟ دېدىم. ئايالىم، ئازراق ئارپا بىلەن بىر پاقلىنىمىز بار، دېدى. مەن ئۇنى بوغۇزلىدىم، ئارپىنى ئون قىلدىم ۋە گۆشىنى قازانغا سېلىپ قويۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ، ئازراق تائام تەييارلىغانىدىم، ئۆزلىرى بىلەن ئىككى، ئۈچ كىشى بىرگە كەلسە، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قانچىلىك؟ دېدى. مەن تائامنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كۆپ ئىكەن، ئايالىڭىزغا ئېيتىڭ مەن يىتىپ كەلمىگۈچە قازاننى چۈشۈرمىسۇن، تونۇردىن ناننى قومارمىسۇن، دېدى. ئاندىن ئەتراپىدىكى مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارغا: يۈرۈڭلار، قېرىندىشىڭلار تائام تەييارلاپتۇ، دېدى. مەن تىزدىن ئۆيگە كېلىپ ئەھۋالنى ئايالىمغا ئېيتتىم، ئايالىم: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىزدىن تائامنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سورىدىمۇ، دېدى. مەن: ھەئە سورىدى، دېدىم. ئايالىم: ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى بىلىدۇ، دېدى. ئۇنىڭغىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ يىتىپ كەلدى ۋە ئۇلارغا: قىستاشماي كىرىڭلار، دېدى. كىرگەنلەرگە ناننى ئوشتۇپ،  ئۈستىگە گۆشىنى قويۇپ، قاچىغا شورپىسىنى ئۇسۇپ بېرىپ، يەنە قازان بىلەن تونۇرنىڭ ئېغىزىنى يۆگەپ قويدى، مۇشۇ ئۇسۇلدا ھەممەيلەن تويۇنۇپ، تائام يەنە ئېشىپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بۇنى يېگىن ۋە باشقىلارغا ئېھسان قىلغىن. چۈنكى خالايىقلار ئاچارچىلىق يەتتى، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى].
   خورما، نان، گۆش، ئارپا قاتارلىق تائاملارنىڭ كۆپىيىش مۆجىزىسى زەينەپ بىنت جەھشىنىڭ تويى، ئەبۇ تەلھىنىڭ ئۆيى، تەبۇك ۋە خەندەك غازاتلىرى قاتارلىق بىر قانچە ئورۇنلاردا يۈز بەرگەن مۆجىزە ئىدى.

سۇلارنىڭ كۆپىيىش مۆجىزىسى

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن سۇنىڭ ئېتىلىپ چىقىش ۋە ئۇنىڭ دۇئاسى بىلەن ئازغىنا سۇلارنىڭ كۆپىيىش مۆجىزىسى بىر قانچە ئورۇنلاردا تەكرارلانغان مۆجىزە بولۇپ، شەك - شۈبھىگە قەتئىي ئورۇن قالدۇرمىغان ۋە ئۇنىڭ قەتئىيلىك دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ.
   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ قولىدا مۇنداق مۆجىزىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنمايدۇ. بۇ مۆجىزە ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرغان ۋاقتىدا تاشتىن ئون ئىككى بۇلاقنىڭ ئېتىلىپ چىقىش مۆجىزىسىدىن ئۈستۈن مۆجىزىدۇر. چۈنكى، تاشنىڭ قېتىدىن سۇنىڭ ئېتىلىپ چىقىشى قەدىمدىن تۇنۇلغان ئىشتۇر. ئەمما گۆش بىلەن قاننىڭ ئارىسىدىن سۇنىڭ ئېتىلىپ چىقىشى بولسا تامامەن ئۇنىڭ ئەكسىدۇر.
   ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: زەۋرا دېگەن جايدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بىر قاچا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچىنىڭ ئىچىگە قولىنى قويغاندا، ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن سۇ ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى. جامائەت بۇ سۇ بىلەن تاھارەت ئالدى. قاتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: سىلەر قانچە كىشى ئىدىڭلار؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ: ئۈچ يۈزچە كىشى ئىدۇق، دەپ جاۋاپ بەردى. [بۇخارى، مۇسلىم رىۋايىتى].
   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك قولى تەگكەن نەرسىلەرگە بەرىكەت بېرىلەتتى، بۇنى بىلگەن خەلقلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرىكىتىدىن بىرەر نېسىبىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىشىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىدىن يانغاندا سۇ قاچىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سۇ قاچىلىرىغا مۇبارەك قولىنى تىقىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشاتتى، بەزىدە ھاۋا ناھايىتى سوغۇق بولاتتى، شۇنداقتىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ تەلىپى بىلەن مۇبارەك قولىنى سۇ قاچىسىغا تىقىپ بېرەتتى. [مۇسلىم رىۋايىتى].
   ئىمام بۇخارى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بارا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ھۇدەيبىيە كۈنى بىز بىر يۈز ئون تۆت كىشى قۇدۇقنىڭ سۈيىنى تارتىپ، ئۇنىڭدا بىر تامچىمۇ سۇ قويمىغان ئىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇدۇقنىڭ لېۋىگە ئازراق سۇ ئېلىپ كېلىپ، ئېغىزىنى چايقىدى ۋە قۇدۇققا ئازراق سۇ چاچتى، ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن قۇدۇققا سۇ پەيدا بولدى، بىز ۋە ئۇلاغلىرىمىز بۇ سۇدىن ئىچىپ، سۇغا قالغانىدۇق. [بۇخارى رىۋايىتى].
   سۇنىڭ كۆپىيىش مۆجىزىسى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىنىپ، نۇرغۇن ساھابىلەر ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن، شاھىدلىرى ناھايىتى كۆپ بولغان مۆجىزە بولۇپ، بۇ مۆجىزە بەزىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن سۇنىڭ ئېتىلىپ چىقىشى بىلەن ھاسىل بولغان بولسا، بەزىدە ئۇنىڭ دۇئاسى بىلەن قاچا، تۇلۇم ۋە قۇدۇقلاردىكى ئازغىنا سۇلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن نامايان بولغانىدى.
   ئاللاھ تائالا ئىسلام قوشۇنلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئېتىلىپ چىققان سۇلار بىلەن سۇغۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەنىدى.
   ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرغاندا تاشتىن ئون ئىككى بۇلاقنىڭ ئېتىلىپ چىققانلىقىنى تەستىقلىغانكەنمىز، ئۇنداقتا ئىسلام قوشۇنلىرىنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن سۇنىڭ ئېتىلىپ چىققانلىقىدىن ئەلۋەتتە ھەيرانلىق ھېس قىلماسلىقىمىز لازىم!
   بەزىلەر: نېمە ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىنى قاچىنىڭ ئىچىگە قويمىسىمۇ ئۇنىڭ مۇبارەك بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن سۇ ئېتىلىپ چىقمايدۇ؟ دېيىشى مۇمكىن.
  ئۇنىڭ جاۋابى شۇكى، ئاللاھ تائالا يوقتىن بار قىلىشتىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ سۈپەتلىرىدىن بولغان بىر سۈپەت بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىنىپ قالماسلىقىنى ئىرادە قىلغان. ئەمما ئاز بولسىمۇ بار نەرسىنى كۆپەيتىش بولسا بۇنداق ئېھتىماللىقنى كەلتۈرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇبارەك قولىنى قاچىنىڭ ئىچىگە قويغان ۋاقىتتا قاچىنىڭ سۈيى ئىسلام قوشۇنلىرى ئىچىپ قانغۇدەك ۋە تاھارەتلىرىگە يەتكۈدەك كۆپەيگەن. ئاللاھ تائالا ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاسىسىنى تاشقا ئۇرىشى بىلەن بۇلاقلارنى ئېقىتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قەۋمىنى ئۇسسۇزلىقتىن ئۆلۈپ ھالاك بولىشىدىن تۇتقۇزۇپ قالغىنىدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىمۇ ئىسلام قوشۇنىنى ئۇسسۇزلىقتىن ئۆلۈپ ھالاك بولۇشتىن قۇتقۇزۇپ قالىدىغان مۆجىزە ئاتا قىلغان. [شەيخ شەئراۋىينىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى دېگەن كىتابىدىن].
   بىز بۇ كاتتا مۆجىزىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە كەسكىن دەلىل تۇرغۇزغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىمىز. چۈنكى بۇ مۆجىزە ئىنسانىيەت قانۇنىيەتلىرىنى، ئادەتلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۇلار ئۈچۈن كاتتا مۆجىزىلىكىنى ئاشكارىلىدى.

   تەييارلارلىغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.