رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m011.jpg
  پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دېگەن: 
"كىمكى ئۆيىدە تاھارەت ئېلىپ، ئاندىن ئاللاھنىڭ پەرىزلىرىدىن بىر پەرزنى
ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۆيى (مەسجىد) كە مېڭىپ كېلىدىكەن، ئۇنىڭ بىر
قەدىمى خاتالىقنى ئۆچۈرىدۇ، يەنە بىر قەدىمى دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ". مۇسلىم
رىۋايىتى.
 
"قاراڭغۇدا مەسجىدلەرگە مېڭىپ بارغۇچىلارغا قىيامەت كۈنى تۇلۇق نۇر بىلەن خۇشخەۋەر بېرىڭلار". تىرمىزى رىۋايىتى.

  
"كىمكى جۈمە كۈنى يۇيۇنۇپ، مەسجىدكە بۇرۇن كېلىپ، ئىمامغا يېقىن ئۆلتۈرۈپ،
ئۇنىڭ (خۇتبىسىنى) ئاڭلايدىكەن ۋە بىھۇدە سۆز - ھەرىكەتلەرنى قىلمايدىكەن،
ئۇنىڭ ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن بىر يىل كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇپ، كېچىلىرى
ئىبادەت قىلغاننىڭ ئەجرى بولىدۇ". نەۋەۋى ھەدىسلەر توپلىمى.

   * نامازغا مېڭىپ بېرىشنىڭ ئەۋزەل بولۇشنىڭ ھېكمەت ۋە سىرى نېمە؟

   * مەسجىدلارغا مېڭىپ بېرىشنىڭ پائىدىسى نېمە؟

   * بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەردىكى پەيغەمبەرلىك مـۆجىزىسى نېمە؟

ئامېرىكا تەتقىقاتى

  
ئامېرىكا يەنۋى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار: كۈنىگە يېرىم سائەت
پىيادە مېڭىشقا ئوخشىغان يېنىك مەشىق قىلىپ بېرىش قان بېسىمىنى ئازايتىشقا
ياردەم بېرىدۇ، دېگەن.

  
تەتقىقاتچىلار سەھىيە پايدىلىرىنى ئەمەلىلەشتۇرۇش ئۈچۈن ئېغىر مەشىق
قىلىشنىڭ زۇرۇر ئەمەسلىكىنى بەلكى جىسىمنىڭ سالامەتلىكى ۋە قان بېسىمىدىن
قۇتۇلۇش ئۈچۈن يېنىك مەشىق قىلىشنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكىدىكى قان بېسىمى خاپىلىقى

   ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا 40 مىليون ئادەمنىڭ قان بېسىمى ئېشىپ كېتىش خاپىلىقىغا دۈچ كەلگەنلىكىنى بىلەمسىز؟

  
تەتقىقاتچىلار قان بېسىمى ئېشىپ كېتىش خاپۇلىقىغا دۇچ كەلگەن
ئامېرىكىلىقلارىن 35- 59 ياش ئوتتۇرىسىدىكى 40 كىشى ئۈستىدىن ئالتە ئاي
نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلارنى كۈنىگە يېرىم سائەت
ماڭدۇرۇپ ھەرىكەت قىلدۇرۇش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ قان بېسىمىنىڭ چۈشكەنلىكىنى
تەكىتلىگەن.

  
دوختۇرلار بۇ خىل كېسەلگە دۇچ كەلگەنلەرنى قەۋەتلىك بىنالارغا لېفىتتا
چىقىشنىڭ ئورنىغا پەلەمپەيدىن چىقىشقا، ماشىنىلىرىنى يېقىن يەرلەرگە
توختىتىۋېلىشنى ئورنىغا بىر ئاز يىراقراق توختىتىپ، پىيادە مېڭىش
ھەرىكىتىنى كۆپەيتىشكە، تائاملارنىڭ توزىنى ئازايتىشقا تەۋسىيە قىلماقتا.

  
شۇنىڭدەك، تەتقىقاتچىلار يەنە قان بېسىمى ئېشىپ كېتىپ، ساقىيىشتىن
ئۈمىدسىزلەنگەن 15 ئايال ئۇستىدىن بىر مەزگىل نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ
بېرىپ، ئۇلارنى كۈنىگە يېرىم سائەت ئەتراپىدا ماڭدۇرۇپ ھەرىكەت قىلدۇرۇش
نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى جاكارلىغان.

   دېمەك، پىيادە مېڭىشنىڭ قان بېسىمنى چۈشۈرىدىغانلىقى ۋە ماي - ياغلارنىڭ نىسبىتىنى ئازايتىدىغانلىقى مۇقەررەر.

  
شۇنىڭدەك، ئالىملار پىيادە مېڭىشنىڭ يۈرەكنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلاشتا،
ئۇنىڭ ساغلاملىقىنى مۇھاپىزەت قىلىشتا ۋە قاندىكى كولىسترولنى ئازايتىشتا،
قان بېسىمىنى چۈشۈرۈشتە ۋە تائالاملارنىڭ ياخشى ھەزىم بولۇشىدا مۇھىم رول
ئوينايدىغانلىقنى تەكىتلىگەن.

  
شۇنىڭدەك، پىيادە مېڭىش بۇغۇملارنىڭ ساغلاملىقىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ،
مۇسكۇللارنى كۈچەيتىدۇ، جىددىيلىشىشىنى پەسەيتىدۇ ۋە قاننىڭ ئايلىنىشىنى
تېزلىتىپ ئىنساننىڭ چۇشقۇنلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

پىيادە مېڭىش بىلەن بەدەن لاياقەتلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك ئالاقە

  
ئالىملار پىيادە مېڭىشنىڭ نەپەسلىنىشنى ياخشىلاشتا مۇھىم رول
ئوينايدىغانلىقنى، يۈرەك، ئۆپكە قاتارلىق ئەزالارغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى،
قاننىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى كەشپ قىلغان.

  
پىيادە مېڭىش ئارتۇق ئېنىرگىيىنى كۆيدۇرۋىتىش ئارقىلىق بەدەن
لاياقەتلىكلىكن مۇھاپىزەت قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان نورمال تەنھەرىكەت
ھېسابلىنىدۇ.

  
پىيادە مېڭىش مۇسكۇللارنى چىڭىتىپ، جىسىمنى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە سەمىرىپ
قېلىش، شېكەر كېسىلى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنىڭ خەتىرىنى
ئازايتىدۇ.

  
پىيادە مېڭىش نەپسىي بېسىملاردىن، نېرۋا ئىزتىراپلىرىدىن قۇتۇلۇشقا ياردەم
بېرىدۇ ۋە نەپسى ھالىتىنى ياخشىلاپ، نىۋالارنى ئارام ئالدۇرۇپ، ئىنساننى
تېتىكلەشتۈرىدۇ.

بى، ئەم، تى، ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان دوكلات

  
دۇنياغا مەشھۇر بى، ئەم، تى، ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا
ئىنساننىڭ ئارتېرىيە (قان تومۇرلىرى قېتىشىش) كېسىلىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن
بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم 20 – 30 مىنوت ئەتراپىدا تىز مېڭىش
ياكى يۆگرەش ياكى سۇ ئۈزۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغىنىغا ئوخشاش بەدەن
چېنىقتۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن مەلۇم بىر ھەرىكەتنى قولدىن بەرمەسلىكىنىڭ
ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

   * مەسجىدلەرگە بىر نەرسىگە چىقىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا پىيادە مېڭىپ بېرىشنىڭ ئەۋزەل بولۇشىنىڭ ھېكمەت ۋە سىرىنى ئەمدى بىلگەنسىز.

   * كۈنىگە بەش قېتىم مەسجىدكە پىيادە مېڭىپ بېرىشنىڭ پايدىسىنى ئەمدى بىلگەنسىز.  ;

   * مەسجىدلەرگە پىيادە مېڭىپ بېرىشنىڭ سىزنى تۈرلۈك كېسەللەرنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئەمدى بىلگەنسىز.

   * مەسجىدلەرگە پىيادە مېڭىپ بېرىشنىڭ ساغلاملىقىڭىزنى، لاياقەتلىكىڭىزنى، پىگورىڭىزنى مۇھاپىزەت قىلىدىغانلىقىنى ئەمدى بىلگەنسىز.