رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

دۇئانىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى - ئەرەب تىلىدىكى «دۇئا» سۆزى لۇغەت ئېتىبارى بىلەن چاقىرىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما دۇئا سۆزىنىڭ شەرىئەت ئىستىلاھىدىكى مەنىسى، ئەڭ كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى سوراش دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن»([1]) دېگەن سۆزى بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. قۇرئان كەرىمدىمۇ دۇئا سۆزى مۇشۇ مەنىدە بىر قانچە ئايەتلەردە تەكرارلىنىپ كەلگەن، مەسىلەن: «سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن - ئاخشامدا ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغانلار (يەنى ئاجىز، كەمبەغەل مۇسۇلمانلار) بىلەن سەۋرچان بولغان ھالدا بىللە بولغىن»([2])، «(ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلاپ ئىبادەت قىلغانلىقتىن) ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن - كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ (ئازابىدىن) قورقۇپ، (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدۇ»([3]).

دۇئانىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى

دۇئا خالىس ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: {الدُّعَاءُ هُوَ الْعِبَادَةُ}يەى «دۇئا - ئىبادەتتۇر»([4]) دەپ كۆرسەتكەن.

مەلۇمكى، ئىبادەتلەر ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھاجەتمەنلىكنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن بۇيرۇلغان بولۇپ، بۇ مەقسەت دۇئادا ئەڭ ئوبرازلىق ھالدا ئىبادىسىنى تاپىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان ئادەم ئۇنىڭ ياردىمىگە بولغان زور ئېھتىياجىنى ھېس قىلغان ھالدا، تولۇق ئىخلاسى بىلەن ئۇنىڭغا يالۋۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى سورايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، ئاللاھ تائالاغا ھەمىشە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى تولۇقى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. مانا بۇ، ئەڭ كۆرۈنەرلىك خالىس ئىبادەت. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە دۇئانىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بەندىلىرىنى ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشقا بۇيرىغان ھالدا: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن. مېنىڭ ئىبادىتىمدىن باش تارتقۇچىلار خورلانغان ھالدا دۇزاخقا كىرىدۇ»([5]) دەپ كۆرسەتكەن.

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، بەندىلىرىنى ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ ھاجەتلىرىنى سوراشقا بۇيرۇش بىلەن بىرگە، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ھاجەتلىرىنى سوراش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تائالاغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلمايدىغانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتقۇچى گۇناھكارلاردىن سانىلىپ دۇزاخقا لايىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «كىمكى ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى سورىمايدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ»([6]) دەپ كۆرسەتكەن.

يۇقىرىقى ئايەت بىلەن ھەدىس شەرىپتىن مەلۇمكى، دۇئانى خالىساق قىلىپ، خالىساق ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئىبادەتتۇر. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىدى، يۇقىرىقى ئايەت بىلەن ھەدىستە، دۇئانى تەرك ئەتكۈچىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقۇچىلار ۋە ئاللاھ تائالانىڭ غەزىبىگە ئۇچرايدىغانلار دەپ سۈپەتلەنمىگەن بولاتتى.

دۇئانىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ئاللاھ تائالاغا دۇئادىن يېقىملىق بىر نەرسە يوق»([7]) دەپ كۆرسەتكەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە: «دۇئادىن باشقىسى بالايىقازالارنى قايتۇرالمايدۇ، ياخشىلىقتىن باشقىسى ئۆمۈرنى ئۇزارتالمايدۇ»([8]) دەپ كۆرسەتكەن.

دۇئا شۇنداق پەزىلەتلىك ۋە پايدىلىق بىر ئىبادەتكى، مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ تائالادىن ھاجەتلىرىنى سوراش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىنىدا ئۈچ تەرەپتىن پايدىغا ئېرىشىدۇ: بىرىنچىدىن، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ ئۇنى سۆيۈندۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىدۇ، ئىككىنچىدىن، دۇئا ئىبادەت بولغانلىقى يۈزىسىدىن ئىبادەتنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، ئۇچىنچىدىن، سورىغان ھاجەتلىرى راۋا بولىدۇ. ناۋادا سورىغانلىرى ئىجابەت بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن» دېدى. ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، ئۇ دۇئا قىلغۇچىنى قۇرۇق قايتۇرمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ھەمىشە تىرىك بولغۇچى ۋە ناھايىتى سېخىي زاتتۇر، ئۇ ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى سوراپ قولىنى كۆتۈرگەن بەندىسىنى قۇرۇق قول قايتۇرۇشنى ئۆزى ئۈچۈن راۋا كۆرمەيدۇ»([9]).

ئادەتتە، دىنىي ئالىملار ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر قاتارىدا، دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولىۋاتقانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ. چۈنكى دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقى ۋە بولىۋاتقانلىقى كۈندىلىك تۇرمۇشتا رېئاللىققا ئايلانغان بىرھەقىقەتتۇر. بەزىلەر: «بىز دۇئا قىلىۋاتىمىز، ئۇنىڭ ئىجابەت بولغىنىنى كۆرمەيۋاتىمىز» دېيىشى مۇمكىن. ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ دەيمىزكى، بىرىنچىدىن، دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈن بەزى شەرتلىرى بار. دۇئالار شۇ شەرتلەر تولۇق بولغاندىلا ئىجابەت بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئانىدىنمۇ بەك شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر. گاھىدا كىشىنىڭ ئاللاھ تائالادىن سورىغان نەرسىسى شۇ كىشىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن زىيانلىق بولۇپ چىقىدۇ. ئىنسانلار ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ پايدا ـ زىيىنىنى بىلمىگەن بىلەن، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەزەلىي ۋە چەكسىز ئىلمى بىلەن ئۇلارنى ئۇبدان بىلىدۇ. شۇڭا بەزى دۇئالار دەرھال ئىجابەت بولسا، بەزىلىرى كېچىكىپ ئىجابەت بولىدۇ. بەزىلىرى بولسا ئىجابەت بولماستىن، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كىشىنىڭ سورىغىنىدىن ياخشىراقى بېرىلىدۇ. ھەتتا بەزى دۇئالار شەرتلىرى تولۇق بولغان بولسىمۇ ۋاقتىدا ئىجابەت بولماي، سورىغۇچىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى، مۇناسىپ بىر ۋاقىتتا ئىجابەت بولىدۇ. ھەر ھالدا ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ كۆتۈرۈلگەن قوللار قۇرۇق قايتۇرۇلمايدۇ.

پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغان كۈنىدىن بىرى ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى مەككىنىڭ فەتھى بولۇشىنى سورىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ دۇئاسى دەرھال ئىجابەت بولماستىن، ئىسلام دىنى كۈچەيگەن ۋە مۇسۇلمانلار قۇدرەت تاپقان مۇناسىپ بىر ۋاقىتتا يەنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلغىنىدىن 8 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىجابەت بولۇپ، مەككە فەتھى بولغان.

([1])      غافىر سۈرىسى 60 ـ ئايەت.

([2])      كەھف سۈرىسى 28 – ئايەت.

([3])      سەجدە سۈرىسى 16 – ئايەت.

([4])      ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.

([5])      غافىر سۈرىسى 60ـ ئايەت.

([6])      تىرمىزى رىۋايىتى.

([7])      ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.

([8])      تىرمىزى رىۋايىتى.

([9])      تىرمىزى رىۋايىتى.