رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر، قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلەرمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپىدۇر»([1]). ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاش ئۈچۈن مەخسۇس جاي ۋە ماكان  شەرت قىلىنمىغاندەك، دۇئا ئۈچۈنمۇ مەخسۇس  جاي ۋە ماكان شەرت ئەمەس. بەلكى قانداقلا جايدا بولمىسۇن ئاللاھ تائالاغا قىلىنغان ئىبادەتلەر ۋە دۇئالار ئۇنىڭغا چوقۇم يېتىدۇ. ئاللاھ تائالاغا يېقىن بولۇش جاي ۋە ماكان بىلەن ئەمەس، بەلكى قەلب بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۆزى موسكۇۋادا بولسىمۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھقا بىرىلىپ چىن سەمىمىيەت بىلەن قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسى، گەرچە ھەرەمدە كەبىنىڭ ئالدىدا تۇرغان بولسىمۇ، پىكىر ـ خىيالى دۇنيالىقنىڭ غەم _ ئەندىشىلىرىگە غەرق بولغانلىقتىن ئاللاھنى ئېسىگە ئالالمىغان بىپەرۋا كىشىنىڭ ئاغزاكى دۇئاسىدىن ئەۋزەل، ئەلۋەتتە. ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەر جايدا ۋە ھەر قانداق ۋاقىتتا يېقىندۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ چەكسىز ئىلمى ۋە قۇدرىتى بىلەن ھەمىشە ئۇلار بىلەن بىللىدۇر. ئەمما كىشىلەرنىڭ ئاللاھقا يېقىن بولۇشى ئاللاھنى ياد ئېتىش ۋە ئىمان، ياخشى ئەمەللەر ئارقىلىق ئۇنىڭ تەرىپىگە يول ئېلىشى بىلەن بولىدۇ. ئىبادەت ۋە دۇئا ئۈچۈن جايلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشتۇر. پەقەت بەزى جايلار ئۇلۇغلۇقى يۈزىسىدىن  ئىبادەت ۋە دۇئالارنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئەڭ مۇناسىپ ۋە ئەۋزەلدۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1. ئەرەفات تېغى. شۈبھىسىزكى ئەرەفات كۈنى ئەرەفاتتا  قىلىنغان ئىبادەتلەر ۋە دۇئالار قوبۇل بولۇشقا ئەڭ يېقىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «دۇئانىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەرەفات كۈنىدىكى دۇئادۇر»([2]) دەپ كۆرسەتكەن.

2. مۇلتەزەم (كەبىنىڭ ئىشىكى بىلەن ھەجەرۇل ئەسۋەد (قاراتاش) ئوتتۇرىسىدىكى جاي). بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «مۇلتەزەم دۇئا ئىجابەت بولىدىغان جايدۇر. بۇ جايدا ئاللاھقا دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسى چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ»([3]) دەپ كۆرسەتكەن.

3. قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنغان ۋە ئاللاھقا زىكىر ئېيتىلغان ئورۇنلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قانداقلا بىر قەۋم ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيلىرىدىن بولغان بېرەر مەسجىدتە توپلىشىپ، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىدىكەن ۋە ئۇنى ئۆزئارا ئۆگىنىدىكەن، چوقۇم ئۇلارغا خاتىرجەملىك چۈشىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ئۇلارنى ئورايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىدۇ ۋە  ئاللاھ تائالا ئۇلارنى يېنىدىكى پەرىشتىلىرىگە تەرىپلەپ بېرىدۇ»([4]).

4. كەبىنىڭ ئىچى. كەبىنىڭ سول تەرىپىگە قوپۇرۇلغان دۈگلەك يېرىم تامنىڭ ئىچى كەبىگە ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ تامنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ دۇئا قىلغان ئادەم كەبىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ دۇئا قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ.

5. مەككىدىكى مەسجىدى ھەرەم.

6 . مەدىنىكى پەيغەمبەر مەسجىدى.

7 . پەلەستىندىكى بەيتۇلمۇقەددەس.

8. سافا ۋە مەرۋە تاغلىرى.

9. مىنا، مۇزدەلىفە ۋە باشقىمۇ مۇقەددەس جايلار.

10. يەر يۈزىدىكى جىمى مەسجىدلەر.

11. ناماز ئوقۇلغان ھەر قانداق جايلار.

([1])      بەقەرە سۈرىسى 115 ـ ئايەت.

([2])      ئىمام مالىك رىۋايەت قىلغان.

([3])      ئىمام بەيھەقىي رىۋايىتى.

([4])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.