رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

تىلەكلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن دۇئا بىلەن سەۋەب ئىككىسى ھەل قىلغۇچ رولنى ئوينايدۇ. بۇ ئىككىسى بىر ـ بىرىدىن قەتئى ئايرىلالمايدۇ. شۇڭىمۇ ئىنسان ئاللاھقا دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە، قولىدىن كەلگەنچە سەۋەبلەرنى قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھتىن جەننەتنى سورىغان ئادەم دۇئا بىلەن بىرلىكتە، ئۆزىنى جەننەتكە كىرىشكە سالاھىيەتلىك قىلىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشى، دۇزاختىن پاناھ تىلىگەن ئادەم دۇزاخقا كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان يامان ئىشلاردىن قەتئىي قول ئۈزىشى، رىزقىنىڭ كەڭ بولىشى ۋە پېقىرلىقتىن قۇتۇلۇشنى تىلىگەن ئادەم رىزىق دۇنياسىنىڭ ئىشىكىنى ئەمگەك ئاچقۇسى بىلەن ئېچىشى، قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ئادەم ئۇنىڭدىن خالاس بولۇشنىڭ چارە ۋە تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى، كېسەلدىن شىپالىق تېپىشنى تىلىگەن ئادەم ئاللاھقا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭغا يۆلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا دوختۇرغا بېرىشى لازىم. دۇئا مەقسەتكە يېتىشنىڭ سەۋەبلىرىنى ئۇڭايلاشتۇرۇش ۋە يوللىرىنى يورۇتۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممە ئىشنى سەۋەبلەرگە باغلىق قىلغان. قۇرئان كەرىم مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»([1]).

سەۋەبكىلا چوقۇنۇپ كېتىپ ئاللاھنى ئۇنتۇش توغرا بولمىغاندەك، دۇئاغىلا يۆلىنىپ سەۋەبتىن بىھاجەت بولۇشمۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى ئالدىنقىسى، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقانلىق، كېيىنكىىسى، «ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دېگەنلىكتۇر.

دۇئا  بىلەن سەۋەبنىڭ باغلىنىشى ناھايىتى زىچ باغلىنىشتۇر. ئەگەر تىلەكلەرنىڭ ھاسىل بولىشى ئۈچۈن دۇئالا كۇپايە قىلىدىغان بولسا ئىدى، ئىنسانلىقنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى ۋە پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋزىلى پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سەۋەب قىلمىغان ۋە ئۇنىڭغا تەشەببۇسمۇ  قىلمىغان بولاتتى. ئەگەر تىلەكلەر سەۋەب بىلەنلا ھاسىل بولىدىغان بولسا ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  شۇنچە ئەھمىيەتلىك ۋە خاسىيەتلىك دۇئالارنى ئۈممىتىگە ئۆگەتمىگەن ۋە ئۆزىمۇ قىلمىغان بولاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا بىلەن سەۋەبنىڭ ئارىسىنى قەتئىي ئايرىغان ئەمەس. ئۇنىڭ  كۈندىلىك تۇرمۇشى ھەر تۈرلۈك خاسىيەتلىك دۇئالار بىلەن تولغاندەك، ئىشلەش، چارە ـ تەدبىر قوللىنىش ۋە ھەر ئىش ئۈچۈن سەۋەب قىلىشتىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ئەڭ ئالدىنقىلاردىن ئىدى. ئۇ مەسجىدتە ئىمام، غازاتلاردا قوماندان، مەدرىسىدە ئۇستاز، دىندا رەھبەر ۋە ئائىلىسىدە ئىشلەمچان ئاتا ئىدى. شۇڭا ئۇ غەلىبە قىلدى، غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدى ۋە ئىنسانىيەتكە ئۈلگە بولۇپ دىللاردا پارلىدى.

دۇئا  تەقدىرنى بىكار قىلىۋېتەلەمدۇ؟

تەقدىر بەلگىلىنىپ بولغان بىر ئىش. دۇئا ئۇنى بىكار قىلىۋېتەلمەيدۇ. بىراق دۇئا  تەقدىردە بەلگىلەنگەنلەرنى ياخشىلىق تەرەپكە بۇرىيالايدۇ.  شەرتلىرى تولۇق بولغان ۋە سەمىمىي قىلىنغان دۇئا ئەلۋەتتە تەقدىرگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دېگەن: «تەقدىردىن قاچقىلى بولمايدۇ. بىراق دۇئا يۈز بەرگەن ۋە يۈز بەرمىگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! دۇئانى كۆپ قىلىڭلار»([2]). بۇ يەنە سەۋەب بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ. چۈنكى تەقدىر سەۋەبتىن ئايرىلالمايدۇ، بۇ ئىككىسى ئەزەلدىنلا شۇنداق بىرگە بېكىتىلگەن.

تەقدىر دېمەك باشقىسىنى تاللاش ئىختىيارى بولمايدىغان بىرلا يول دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى تەقدىر سەۋەب بىلەن باغلىنىشلىق بولغانلىقتىن، سەۋەبلەرگە قاراپ تۈرلۈك بولىدۇ. ئۇ خۇددى خەرىتىگە ئوخشايدۇ. مەسىلەن: شەرققە ماڭسىڭىز پالانى جايغا، غەرب تەرەپكە ماڭسىڭىز پالانى جايغا يېتىپ بارىسىز. قۇرۇقلۇقتىن ماڭسىڭىز بىخەتەر يېتىپ بارىسىز، ھاۋادىن ماڭسىز تېز يېتىپ بارىسىز، دېڭىز ئارقىلىق ماڭسىز خەۋپ خەتەرگە ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن، دەپ سىزىپ كۆرسىتىلگەنگە ئوخشاش، ئاللاھ تائالا  تەقدىرنى ئەنە شۇنداق بەلگىلىگەن. ئىنسانلار يول تاللاش ۋە قانداق سەۋەبلەرنى قوللىنىشتا ئەركىندۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا تاللاش ئىختىيارىنى بەرگەن. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ قايسىبىر مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قانداق سەۋەبلەرنى قىلىپ كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى ئېنىق بىلگۈچىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا نىسبەتەن بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى ۋىدىيو پلاستىنكىلىرىغا ئېلىنىپ ساقلانغان ئارخىپقا ئوخشاش ناھايىتى ئېنىقتۇر. سىز قايسىبىر يولنى تاللىماڭ ۋە قانداق سەۋەبلەرنى قوللانماڭ سىز ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بويىچە ئىش كۆرگەن بولىسىز. چۈنكى سىز تاللايدىغان يوللار، قىلىدىغان ئىشلار ۋە قوللىنىدىغان چارە ـ تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى تەقدىر خەرىتىسىنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغان ۋە قايسىسىنى تاللاش ئىختىيارى سىزگە بېرىلگەن. مانا بۇ، «ھېچقانداق ئىش ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرىدىن تاشقىرى بولمايدۇ» دېگەننىڭ مەنىسىدۇر. ئىنسان شۇڭا يول تاللاشتا ئەركىندۇر. ئۇنىڭ تاللىغان يولى ۋە قوللانغان سەۋەبلىرىگە قاراپ تەقدىرى ئەمەلگە ئاشىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «قازا ۋە قەدەرنى پەقەت دۇئالا قايتۇرلايدۇ»([3]) دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە: «پۈتۈلگەن ئىش كەلسە، ھەزەر قىلغاننىڭ پايدىسى بولمايدۇ، دۇئا يۈزبەرگەن ۋە ياكى تېخى يۈزبەرمىگەن ئىشلارغا پايدىلىق بولىدۇ، بالايىئاپەت كەلسە دۇئا ئۇنىڭ ئالدىنى توسىدۇ - دە، بۇ ئىككىسى تا قىيامەتكىچە ئېلىشىدۇ»([4]) دەپ كۆرسەتكەن.

يۇقىرىقى ئىككى ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، قەدەر ئوقى ياچاقتىن چىقىپ بولغان ۋە ئۇ ئۆز يۆنىلىشىگە قاراپ يۈرۈپ كەتكەن، شەرتلىرى تولۇق بولغان سەمىمىي دۇئا ئوقنىڭ نىشانغا تېگىشىگە توسقۇن بولالىغاندەك، يۈرەكتىن ئەمەس ئاغزاكى قىلىنغان ياكى شەرتلىرى تولۇق بولمىغان دۇئالار ئۇنى توسالمايدۇ. دۇئانىڭ قەدەر ئوقىنى نىشانغا تېگىشتىن توسۇپ قالالىغانلىقى  تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشنى بىكار قىلىۋەتكەنلىكى ياكى ئارقىغا قايتۇرىۋەتكەنلىكى ئەمەس، ئەلۋەتتە. بەلكى قەدەر ئوقى ئۆز يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭغان بولسىمۇ، دۇئانىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇنىڭ نىشانغا يېتەلمىگەنلىكىدۇر. ئىمام غەزالى مۇنداق دېگەن: «بىلگىنكى بالايىئاپەتنى دۇئا ئارقىلىق قايتۇرۇپ، رەھمەت كەلتۈرۈشمۇ بەلگىلەنگەن شۇ قازا ۋە قەدەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر»([5]).

([1])      نەجم سۈرىسى 39 ـ ئايەت.

([2])      ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.

([3])      ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.

([4])      ھاكىم ۋە تەبەرانى رىۋايىتى.

([5])      ئىمام غەزالىينىڭ «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن» ناملىق ئەسىرىدىن.