رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

قۇرئان كەرىم بىزگە تەلىم بېرىپ: «ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئۇنى شۇلار بىلەن چاقىرىڭلار»([1]) دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ 99 ئىسىم شەرىپى باردۇر، ئۇلارنى چىن ئېتىقادى بىلەن ئوقۇغان ئادەم جەننەتكە كىرىدۇ»([2]). ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىنى ئوقۇش كاتتا ساۋابلىق ئەمەل بولغىنىدەك، بۇ ئىسىم – سۈپەتلەرنى دۇئالاردا ۋەسىلە قىلىش دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىنىڭ چارىلىرىدىندۇر.

ئىسمۇلئەزەمنىڭ بايانى

ئىسمۇلئەزەم ــ ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىسمى دېگەنلىكتۇر. بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابەنىڭ:«ئى ئاللاھ! سېنىڭ پەزلى - كەرەمىڭنى تىلەيمەن. ھەقىقەتەن سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ھەممە ساڭا مۇھتاج بولغان، پەرزەنتكە ۋە ئانىغا مۇھتاج بولمىغان، ھېچكىم ساڭا تەڭداش بولمايدىغان يەككە - يېگانە ئىلاھسەن» دەپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئادەم ئۇنىڭ بىلەن نېمە سورىسا بېرىلىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن قىلغان دۇئالار ئىجابەت بولىدىغان ئىسمۇلئەزەم (ئاللاھنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىسمى) بىلەن دۇئا قىلدى»([3]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسمۇلئەزەمنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىسمۇلئەزەم مۇنۇ ئىككى ئايەتتە: بىرى،  (سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، بەكمۇ مېھرىباندۇر)»([4])، يەنە بىرى،  «ئەلىف، لام، مىم. ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد يوقتۇر. ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر، مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر»([5]).

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەسجىدتە ئولتۇراتتۇق، بىر ئادەم ناماز ئوقۇۋېتىپ  «ئى ئاللاھ! سېنىڭ پەزلى - كەرەمىڭنى سورايمەن، ھەقىقەتەن پۈتۈن ھەمدۇسانالار ساڭا خاستۇر، سەندىن باشقا مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، سەن تولىمۇ شەپقەتلىكسەن، ناھايىتى ئاتا - ئېھسان قىلغۇچىسەن، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ياراتقان خالىقسەن، ئى ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك ئىلاھىم! ئى ھەمىشە تىرىك بولغۇچى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى رەببىم! سەندىن (ھاجەتلىرىمنى) سورايمەن» دەپ دۇئا قىلىۋاتاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ۋاقىتتا: «بۇ ئادەم ئۇنىڭ بىلەن نېمە سورىسا بېرىلىدىغان ۋە دۇئالار ئىجابەت بولىدىغان ئىسمۇلئەزەم بىلەن دۇئا قىلدى»([6]) دېدى.

يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن مەلۇمكى، ئىسمۇلئەزەم بىلەن قىلىنغان دۇئالار چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ. بىراق ئىسمۇلئەزەم مەخسۇس بىرەر ئايەت ياكى بېرەر دۇئادىلا ئىپادىلەنمەيدۇ. بەلكى ئىسمۇلئەزەم ئاللاھ تائالاغا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان ۋاقىتتىكى، ئىختىيارسىز ئۇرغۇپ چىققان ھېسسىيات ۋە تولۇپ تاشقان ھاياجانلىق ھالەتتە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ھالەتتىكى كىشى مەيلى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن دۇئالارنى قىلسۇن، مەيلى ئۆزى خالىغان دۇئالىرىنى قىلسۇن، ئۇ ئىسمۇلئەزەم بىلەن دۇئا قىلغان بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ھەدىستىكى «ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئادەم ئۇنىڭ بىلەن نېمە سورىسا بېرىلىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن قىلغان دۇئالار ئىجابەت بولىدىغان ئىسمۇلئەزەم بىلەن دۇئا قىلدى» دېگەن سۆزىدە مەزكۇر ساھابىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى روھىي كەيپىيىتى ۋە ھاياجانلىق ھالىتىنىمۇ كۆزدە تۇتقان بولىشى مۇمكىن.

خۇلاسە قىلغاندا، ھاياتلىقتا ئون گۈلىنىڭ بىرى تېخى ئېچىلىپ بولمىغان، نارىسىدە پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ھەممە ئىشلىرى ئۇنىڭغىلا قاراشلىق بولۇپ قالغان بىراۋنىڭ، ناھەق ئۆلۈمگە مەھكۇم بولۇپ قېلىپ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا، قاتىلنىڭ پۇتلىرىغا يامىشىپ، كۆزلىرىدىن بۇراندەك ياش ئاققۇزغان ھالدا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ ئەڭ ئاخىرقى نالە – پەريادلىرىنى چاقىرغان ھالىتىگە ئوخشاش ھالەتكە كېلىپ تۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا بارچە ئىخلاسى ۋە چىن قەلبى بىلەن يالۋۇرغان ۋە ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى سورىغان كىشىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىشىدا قىلچە شەك يوقتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە خۇددى ئانىنىڭ بۇۋىقىغا بولغان شەپقىتىدىنمۇ بەك شەپقەتلىك ۋە تولىمۇ مېھرىباندۇر. بۇ ھالەتتىكى كىشىنىڭ دۇئاسى ئىسمۇلئەزەم بىلەن قىلىنغان دۇئا دېيىلىشكە ئەڭ لايىقتۇر.

([1])      ئەئراف سۈرىسى 180- ئايەت.

([2])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([3])      تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى.

([4])      بەقەرە سۈرىسى 163- ئايەت.

([5])      ئال ئىمران سۈرىسى 1 - 2 – ئايەتلەر. ئىمام ئەھمەد رىۋايەت. قىلغان ھەدىس.

([6])      ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.