رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

«پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ قەلبىمنى كەڭ قىلغىن، (يەنى ئىمان بىلەن ۋە پەيغەمبەرلىك بىلەن نۇرلاندۇرغىن) تىلىمدىن كېكەچلىكنى كۆتۈرىۋەتكىن. ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى چۈشەنسۇن»([1]).

«پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلدىم. ماڭا مەغپىرەت قىلغىن»([2]).

ئەسھابۇلكەھفنىڭ دۇئاسى

«پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە رەھمەت خەزىنىلىرىڭدىن ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى تۈزەپ، بىزنى ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن قىلغىن»([3]).

ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى

«(پەرۋەردىگارىم!)بېشىمغا دەرت كەلدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن»([4]).

سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى

«پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى ماڭا ۋە ئاتا – ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن»([5]).

يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ

«(پەرۋەردىگارىم!) سەندىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، سېنى (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تەرىپلەيمەن، مەن ئۆز-ئۆزۈمگە ھەقسىزلىق قىلغۇچىـلاردىن بولدۇم»([6]).

زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى

«ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى(ۋارىسسسىز) يالغۇز قويمىغىن، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن »([7]).

پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورتاق دۇئاسى

«ئېيتقىنكى، پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ! خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن؛ ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن. كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن؛ جانلىقنى جانسىزدىن  چىقىرىسەن، جانسىزنى  جانلىقتىن  چىقىرىسەن؛ ئۆزەڭ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن»([8]).

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئالىرى

«پەرۋەردىگارىم! مېنى قەبرەمگە ئوڭۇشلۇق كىرگۈزگىن، قەبرەمدىن ئوڭۇشلۇق چىقارغىن، ماڭا دەرگاھىڭدىن ھەقىقەتكە ياردەم بېرىدىغان قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن»([9]).

«پەرۋەردىگارىم! ئاتا ـ ئانام مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن»([10]).

«پەرۋەردىگارىم!ىلمىمنى زىيادە قىلغىن!»([11]).

ساھابىلەرنىڭ دۇئالىرى

«بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر  قايتىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر»([12]).

«پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق (يەنى بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىك سەۋەبىدىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش، بىزگە ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن (يەنى بىزنى قىيىن ئىشلارغا تەكلىپ قىلمىغىن)، پەرۋەردىگارىمىز! كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن»([13]).

ئىلىمدە توشقانلارنىڭ دۇئاسى

«پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن، شۈبھىسىزكى، سەن (بەندىلىرىڭگە ئاتالارنى) بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن. پەرۋەردىگارىمىز! شۈبھىسىزكى، كېلىشى شەكسىز بولغان كۈندە (يەنى ھېساب ئېلىنىدىغان قىيامەت كۈنىدە) كىشىلەرنى توپلىغۇچىسەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ»([14]).

تەقۋادارلارنىڭ دۇئالىرى

«پەرۋەردىگارىمىز! بىز شۈبھىسىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن»([15]).

«پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى دەپئى قىلغىن، جەھەننەمنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن (سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭدىن) ئايرىلمايدۇ، جەھەننەم ھەقىقەتەن يامان قارارگاھتۇر، يامان جايدۇر»([16]).

«ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى قىلغىن»([17]).

سەبىرلىك مۆمىنلەرنىڭ دۇئاسى

«پەرۋەردىگارىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، ئىشىمىزدا چەكتىن ئاشقانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن ۋە كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن»([18]).

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى

«ئى پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ! بىزگە ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرگىن، بۇ كۈن بىزلەرگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەندىن بىزگە بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىسەن»([19]).

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇرىتلىرىنىڭ دۇئاسى

«پەرۋەردىگارىمىز! سەن چۈشۈرگەن كىتابقا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق. ئەمدى بىزنى (بىرلىكىڭگە، پەيغەمبىرىڭگە) گۇۋاھ بولغانلار قاتارىدىن يازغىن »([20]).

يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى

«ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن»([21]). 

پەرىشتىلەرنىڭ دۇئاسى

«پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىدىن، ئاياللىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن  ياخشى بولغانلارنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرگۈزگىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن. پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن ساقلىغىن، سەن كىمنى يامان ئىشلاردىن ساقلايدىكەنسەن، شۈبھىسىزكى، بۇ كۈندە سەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىسەن، بۇ چوڭ بەختتۇر»([22]).

([1])      تاھا سۈرىسى 25 ـ 28 ـ ئايەتلەر.

([2])      سۈرە قەسەس  16ـ ئايەت.

([3])      كەھف سۈرىسى 10ـ ئايەت.

([4])      ئەنبىيا سۈرىسى83 ـ ئايەت.

([5])      نەمل سۈرىسى19 ـ ئايەت.

([6])      ئەنبىيا سۈرىسى87-ئايەت.

([7])      ئەنبىيا سۈرىسى89 – ئايەت.

([8])      ئال ئىمران سۈرىسى 26 ـ 27 ـ ئايەتلەر.

([9])      ئىسرا سۈرىسى 80ـ ئايەت.

([10])    ئىسرا سۈرىسى 24ـ ئايەت.

([11])    تاھا سۈرىسى 114ـ ئايەت.

([12])    بەقەرە سۈرىسى 285ـ ئايەت.

([13])    بەقەرە سۈرىسى  286ـ ئايەت.

([14])    ئال ئىمران سۈرىسى 8 ـ 9 ـ ئايەتلەر.

([15])    ئال ئىمران سۈرىسى 16 ـ ئايەت.

([16])    فۇرقان 65 – 66- ئايەتلەر.

([17])    فۇرقان 74 ـ ئايەت.

([18])    ئال ئىمران سۈرىسى147 ـ ئايەت.

([19])    مائىدە 114 ـ ئايەت.

([20])    ئال ئىمران سۈرىسى 53 ـ ئايەت.

([21])    يۇسۇف سۈرىسى 101 ـ ئايەت.

([22])    غافىر سۈرىسى 7 ـ 8 ـ 9 ـ ئايەتلەر.