رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

ئالدى بىلەن شۇنىڭغا چىن ئىشىنىش كېرەككى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن شىپادۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَتْكُم مَّوْعِظَةٌ مِّن رَّبِّكُمْ وَشِفَاءٌ لِّمَا فِي الصُّدُورِ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِّلْمُؤْمِنِيْنَ. تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەرتكە (يەنى شەك ۋە نادانلىققا) شىپا بولغان، مۆمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان (قۇرئان) كەلدى»([1]). وَنُنَزِّلُ مِنَ الْقُرْآنِ مَا هُوَ شِفَاءٌ وَرَحْمَةٌ لِّلْمُؤْمِنِيْنَ.تەرجىمىسى: «بىز مۆمىنلەرگە شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى چۈشۈرىمىز»([2]).كۆز، سېھىر، ئاغرىق _ سىلاق ۋە باشقا بالايىئاپەتلەردىن ساقلىنىش ھەمدە ئۇلارغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، شىپا تېپىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە ئاللاھقا قىلىنغان سەمىمىي دۇئالار ئەڭ ياخشى قالقان ۋە ئۆنۈملۈك شىپادۇر. لېكىن، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ شىپاسىدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ شەرتى بار. ئۇ بولسىمۇ، قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن داۋا قىلغۇچى ۋە داۋالانغۇچى ھەر ئىككىسىنىڭ چىن مۇسۇلمان بولۇشى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ سۆزى ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىنىڭ مۆمىنلەر ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى ھەر ئىككى تەرەپتىن چوقۇم شىپالىق ئىكەنلىكىگە خۇددى ئاسپېرىننىڭ باش ئاغرىقىغا پايدا قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەندەك چىن ئىشىنىپ يۈرىكى بىلەن تەسدىق قىلىدىغان بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. مەلۇمكى، دوختۇرنىڭ دورىسى مۇسۇلمان ـ كۇففار ھەركىمگە ئوخشاشلا شىپالىق بولىدۇ. ئەمما قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ شىپاسى مۆمىنلەرگىلا خاستۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنىڭ شىپاسى ۋە ھىدايىتى پەقەت ئاللاھقا ۋە قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرگەنلەرگىلا خاس ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. «ئېيتقىنكى، قۇرئان  ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە شىپادۇر»([3]).قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ئىسلامىي دۇئالار بىلەن شىپالىق ئىزدەش سەۋەب قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ. كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەم ئاللاھقا ئېسىلىش بىلەن بىر ۋاقتتا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنىشى ۋە قولىدىن كېلىشىچە ماددىي سەۋەبلەرنى ئورۇنلىشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ  قانداقلا بىر  ئاغرىقنى ياراتقان بولسا، چوقۇم ئۇنىڭ شىپاسىنىمۇ ياراتقان. ئاللاھ دۇنيا ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى سەۋەبلەرگە باغلىغان. شۇڭا  مۇسۇلمانلار ھەر ئىشتا سەۋەب قىلىش بىلەن ئاللاھقا يۆلىنىش ئىككىسىنى قولدىن بەرمەسلىككە بويرۇلغان. ئاللاھقا يۆلىنىش بىلەن سەۋەب ئىككىسى بىر _ بىرىدىن قەتئىي ئايرىلماسلىقى لازىم.  دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلغۇچىنىڭ چىن مۇسۇلمان بولۇشى ۋە ئاللاھنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولغان دۇئالارنى ئىجابەت قىلىپ، ھاجەتلەرنى راۋا قىلىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىدىغان بولىشى شەرتتۇر.شۇ ئېنىقكى، كۆز تېگىشنىڭ راستىلىقى ۋە يامان كۆزلەرنىڭ كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزەلەيدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. بۇ ئىنسانلار تۇرمۇشىدا كۆرىلىپ كەلگەن بىر ئىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «كۆزنىڭ تېگىدىغانلىقى  راستتۇر، ئەگەر قەدەرنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان بىر نەرسە بولسا ئىدى، ئۇ چوقۇم كۆز بولاتتى»([4]) دەپ كۆرسەتكەن. كۆز توغرۇلۇق بۇ ماۋزۇ ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى، كۆر تېگىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەنە بىرى كۆر تەككەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن شىپا تېپىش ئۈچۈن چارە قىلىشتىن ئىبارەت.1. كۆز تېگىشتىن ساقىلىنىشنىڭ چارىلىرى:(1) شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تولۇق ئورۇنلاش، مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى تەرك ئېتىش ۋە چوڭ ـ كىچىك بارلىق گۇناھلارغا تەۋبە قىلىش.(2) قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن كۆپرەك مەشغۇل بولۇش.(3) شەرىئەتتە كۈندىلىك ئوقۇشقا بۇيرۇلغان دۇئالارنى ئوقۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىش. مەزكۇر دۇئالارنىڭ مۇھىمرەكلىرى تـۆۋەندىكىچە:بِْمِ اللهِ الَّذِي لاَيَضُرُّ مَعَ اسْمِهِ شَيْءٌ في اْلأرْضِ وَلاَ في السَّمَاءِ وَهُوَ السَّمِيْعُ العَلِيْمُ. [ئۈچ قېتىم].تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ نامىنى ئاتىغان كىشىگە ئاسمان ۋە زېمىندە  ھېچقانداق نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلىغۇچى ۋە تولۇق بىلگۈچىدۇر» دېگەن بۇ دۇئانى ۋە ئىخلاس، فەلەق، ناس سۈرىلىرىنىڭ ھەر بىرىنى ئەتىگەن ھەم ئاخشاملىرى ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇش([5]). ھەر نامازدىن كېيىن ۋە يېتىشتىن بۇرۇن ئايەتۇلكۇرسىنى بىر قېتىمدىن ۋە لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ وَحْدَهُ لاَشَرِيْكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيْرٌ نى كۈنىگە 100قېتىمدىن ئوقۇش([6]).(4) ئۆزىدىن ياكى پۇل _ مېلىدىن ياكى ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ بېرەرسىدىن خۇشلانغان ۋاقتىدا، ئاللاھ تائالادىن بەرىكەت تىلەپ «مۇبارەك بولسۇن» دېيىش ۋە مۇنۇ دۇئانى ئوقۇش:مَاشَاء َالله لاَ قُوَّةَ اِلاَّ بِالله، اَللَّهُمَّ باَرِكْ عَلََيْهِ.تەرجىىسى: «ھەممە ئاللاھنىڭ خاھىشى بىلەن بولغۇچىدۇر. ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلغىن»([7]).پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىدە ياكى مال ـ دۇنياسىدا ياكى دىنىي بۇرادەرلىرىنىڭ بېرەرسىدە خوشاللىنارلىق بىر نەرسىنى كۆرسە، (مَاشَاء َالله... نى ئوقۇپ) ئۇنى مۇبارەكلىسۇن. چۈنكى كۆزنىڭ تېگىدىغانلىقى راستتۇر»([8]).(5) كۆزدىن قورقىلىدىغانلىرىنى كىشىلەر كۆزىدىن يوشۇرۇشقا تىرىشىش. 2 _ كۆز تەككەندىن كېيىن ئۇنى قايتۇرۇش  چارىلىرى تۆۋەندىكىچە:(1) فاتىھە، ئىخلاس، فەلەق، ناس سۈرىلىرىنى، ئايەتۇلكۇرسىنى، بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتى («ئامەنەررەسۇلۇدىن («كافىرىين»غىچە) نى، كۆز ۋە تىلدىن ساقلىنىشتا ئوقۇلىدىغان زىكىر ۋە دۇئالارنى ئۈچ قېتىمدىن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئوقۇپ كۆز تەككەن كىشىگە، خۇسۇسەن ئۇنىڭ ئاغرىغان يېرىگە سۈفلەپ ئوڭ قول بىلەن سىپاش([9]).كۆز تەككەن كىشى ئەگەر قۇرئان ساۋادى بار كىشى بولسا، يۇقىرىقىلارنى ئۆزى ئوقۇغىنى ياخشى.(2) يۇقىرىقى ئايەت ۋە دۇئالارنى سۇغا ئوقۇپ كۆز تەككۈچىگە ئىچكۈزۈش ۋە ئاشقىنىنى ئۇنىڭغا چېچىش([10]).   --------------------------------------------------------------------------------([1]) ;     يۇنۇس سۈرىسى 57 ـ ئايەت.([2])      ئىسرا سۈرىسى 82 ـ ئايەت.([3])      فۇسسىلەت سۈرىسى 44 ـ ئايەت.([4])      ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.([5])      پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.([6])      پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى ئىمام ىۇخارى رىۋايەت قىلغان.([7])      پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.([8])      ئىمام  ئەھمەد رىۋايىتى.([9])      پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان.([10])  ;  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سابىت ئىبنى قەيس ئىسىملىك بىر ساھابىنى شۇنداق داۋالىغانلىقىنى ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان.