رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئىھرام باغلىغاندا چەكلىنىدىغان ئىشلار

سىز ئىھرام باغلىغاندا،بىر قانچە ئىشلاردىن يىراقلىشىشىڭىز كىرەك.چەكلەنگەن ئىشلار سىزگە تىجارىتىڭىزنى ياكى ۋەزىپىڭىزنى ياكى ئىجتىمائىي ئورنىڭىزنى ياكى مەنسىپىڭىزنى ياكى ئابرويىڭىزنى...ئسلىتىپ قويىدۇ. مانا بۇ ئىشلار سىز ئىھرام باغلاشتىن ئىلگىرى سىزنىڭ دۇنيادىكى ھاياتىڭىزنى بەلگىلەپ بىرىدىغان ماھىيەتلىك نەرسىلەردۇر.

ئىھرامدا چەكلەنگەن ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

* ئۆتمۈشتىكى خۇرسەنلىك ۋاقىت ئەسلىمىلىرىنى ئەسلەپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن خۇشپۇراق ئىشلەتمەڭ ۋە ئەتىر پۇرىماڭ. چۈنكى سىز روھ پۇراق چىچىۋاتقان يىڭى مۇھىتتا،شۇڭا سىز دوستلۇق ۋە مۇھەببەت پۇرىقىدىن باشقا نەرسىنى پۇرىماڭ.

* ھايۋان ياكى ھاشارەت چاغلىق نەرسىگە زىيانكەشلىك قىلماڭ،بارلىق ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ئاللاھغا يۈزلەنگەن ھالدا تىنچ ياشاڭ.

* ئۆسۈملۈك ياكى بىرەر تال گۈل ياكى دەرەخ شىخىنى ئۈزمەڭ، ھەر قانداق بىر نەرسىگە رەھىمدىل بولۇڭ، قەلبىڭىزدىن تاجاۋۇز قىلىش ۋە دۈشمەنلىك قىلىش تۇيغۇسىنى چىقىرىپ تاشلاڭ، كۆڭلىڭىزدىن يامانلىق ۋە زىيانكەشلىك قىلىش ئامىللىرىنى يۇلۇپ تاشلاڭ.

* باشقىلارغا رەھىمدىل ۋە كۆيۈمچان بولۇشىڭىز ئۈچۈن قۇرۇقلۇقتىن ھىچ قانداق بىر ھايۋاننى ئوۋلاپ سالماڭ، ئوۋلانغان ھايۋاننىڭ گۆشى سىزگە تەقدىم قىلىنسا يىمەڭ.

* جىنسى مۇناسىۋەت ياكى كۆڭۈل شەھۋىتىگە ئالاقىدار ھەر قانداق ئىشتىن ساقلىنىڭ..ھەقىقى مۇھەببەتنى نىشان قىلىڭ..شۇنداق بولغاندا ھەج مەۋسۇمىنىڭ مۇقەددەسلىكىگە رىئايە قىلغان بولىسىز.

* ئىھرام باغلىغان ھالىتىڭىزدە توي قىلماڭ ياكى باشقىلارنىڭمۇ تويىنى قىلىپ قويماڭ، توي مۇراسىمىغىمۇ قاتناشماڭ.

* ئاغزىڭىدىن ھەرگىز بۇزۇق سۆز، رەزىل گەپ، تىللاش، ھاقارەتلەش، لەنەت قىلىش،قاغاش، يامان كۆرۈشكە ئالاقىدار سۆزلەر ۋە ئىش ھەرىكەتلەرنى قەتئىي قىلىپ سالماڭ.

* يىپ بىلەن تىكىلگەن كىيىملەرنى كەيمەڭ، كىيىمىڭىزنىڭ ھەممىسى تىكىلمىگەن كىيىم بولسۇن. لىكىن پۇل قاپچۇقى بولسا رۇخسەت.

* بىىشىڭىزنى-ئەرلرگە-بىر نەرسە بىلەن يۆگەپ سالماڭ.

* يۈزىڭىزنى-ئايالارغا-ئورىماڭ، لىكىن پىتىنىدىن قورقسىڭىز رۇخسەت.

* ئاياغ ياكى پايپاق كەيمەڭ.

* زىننەتلىنىشنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ئىستىمال قىلماڭ.

* بىشىڭىزنى چۈشۈرمەڭ.

* تىماقلىرىڭىزنى ئالماڭ.

ھەج پائالىيىتى ئەمەلىي باشلاندى!.. ئاللاھ تەرەپكە ئالدىراڭ... لەببەي دەڭ. ئاللاھ سىزنى ھەج قىلىش ئۈچۈن چاقىردى، سىز مانا بۇ يەردە ئاللاھنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ كەلدىڭىز،شۇڭا سىز ئۇنىڭغا تولۇق ئىتائەت قىلىش ھالىتىدە تۇرۇشىڭىز كىرەك.

"لبيك اﷲم لبيك، لبيك لاشريك لك لبيك،ۈن الچمد والنىمە لك، والملك لك،لاشريك لك"

"يەنى مەن تەييار ئى ئاللاھ!مەن تەييار، مەن تەييار،سىنىڭ ھىچ شىرىكىڭ يوق،بارلىق ھەمدۇ سانا،نىمەت ۋە پادىشاھلىق پەقەت ساڭا خاستۇر،سىنىڭ ھىچ شىرىكىڭ يوقتۇر"

كىشلەرنىڭ:"لەببەيك.."دىگەن نىداسى ھەر قانداق چوڭ كۈچنىڭ چىكىدىن ئىشىشى، ئالدامچىلىقى، زالىملىقى ۋە مەنپەئەتپەرەسلىكىنى رەت قىلىش ۋە ئىنكار قىلىش بايانىدۇر.

ھەر بىر ھاجىم ئۆز ئورنىدىن ھەممىدىن بۈيۈك ئاللاھغا خىتاب قىلىدۇ...

ئى ئىنسان! سەن ئۆزۈڭ تۇرۇۋاتقان ئورنۇڭنى ئويلاپ باق، خۇددى سەن ماگىنىتلىق مەيداندىكى تۆمۈرگە ئوخشاش ماگنىتقا تارتىلىپ تۇرۇپسەن.

سەن ھازىر كەئبىگە يىقىنلىشىۋاتىسەن..

سەن كەئبىگە يىقىنلاشقانسىرى قەلبىڭنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرى ئاشىدۇ، مۇھەببەت ۋە ئىتائەت ھىسياتلىرىڭ قوزغىلىدۇ،پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ تىترەشكە باشلايدۇ.يۈرىكى قاتتىق سىلىشقا باشلايدۇ،تەنلىرىڭ تىترەپ كىتىدۇ.

ئاللاھنىڭ روھى ھەممە ئورۇننى توشتۇرۇپ تۇرىدۇ، سەن ياشلىرىڭنى توسۇپ قالالماي قالىسەن.

مانا بۇ ئاللاھنىڭ بەيتى، مانا ھەرەم مەسجىدى،سەن بۇ يەردە ئاللاھنىڭ ساڭا بويۇن تومۇرىڭدىنمۇ يىقىن ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايسەن..ئاللاھنىڭ يىقىنلىقىنى تىرەڭ ئاستىدا، يۈرىكىڭدە ۋە زىھنىڭدىمۇ ھىس قىلالايسەن، بۇ تۇيغۇ سىنىڭ پۈتۈن ھىس تۇيغۇللىرىڭنى ئىگەللەيدۇ. قارىساڭ ئاللاھنى(يەنى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى)ھەر قانداق بىر ئورۇندا ۋە ھەر قانداق بىر نەرسىدە كۆرەلەيسەن.

ئاللاھنىڭ ئۆزىلا ھەق،ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق ساختا ئىلاھلار ۋە ئازدۇرغۇچى ئىدىيەلەرنىڭ ھەممىسى باتىلدۇر.

(2)

سىز ھەج پائالىيەتلىرى ئارقىلىق سەپىرىڭىزنى باشلىغان چاغدا، ئۆزىڭىزدىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىشقا باشلايسىز..سىز بىر يۆلۈنۈشتە-يەنى ئاللاھ يولىدا-مىڭىشقا مەجبۇر، بۇ يولدىن بۇرۇلۇپ كىتەلمەيسىز.

سىز پەقەت ئالدىغا قاراپ ماڭالايسىز، كائىناتنىڭ ھەممىسى سىزگە سوقۇۋاتقان يۈرەكتەك كۆرۈنىدۇ، ئاللاھ تائالا كائىناتنىڭ بارلىق تەرەپلىرىدە كۆرۈنىدۇ.

ھازىر ھەرەم زىمىنىدىكى كەئبىنىڭ يىنىغا كىرىۋاتىسىز،خاتىرجەملىك ۋە ئامانلىق تۇيغۇسى ھەرەم زىمىنىغا كىرىش بىلەنلا تۇغۇلۇشقا باشلايدۇ. ھەرەم زىمىنىدا ئۇرۇش قىلىش، ئوۋ ئوۋلاش، ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئوخشاش ئىشلارنى قىلىش ھارام، ھەتتاكى ئۆسۈملۈكنى يۇلۇپ تاشلاشمۇ ھارام..

تىنچلىق ۋە ئامانلىق ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بۇ قائىدە ۋە بەلگىلىمىلەر مەككە فەتھى بولغان ۋە بۇتلاردىن تازىلانغان يىلى بەلگىلەنگەن.شۇنڭدىن بۇيان مۇئەييەن ئىشلارنى چەكلەيدىغان قائىدىلەر يولغا قويۇلغان.

كەئبىنىڭ يىنىغا كىلىشىڭىز بىلەن تەڭ لەببەيك نىداسى توختايدۇ ۋە جىمجىتلىق باسىدۇ..مانا بۇ سىنىڭ كەئبىگە يىتىپ كەلگەنلىكىڭنىڭ بەلگىسى،سەن بۇ يەردە بەيتۇللاھنىڭ ئىگىسى،رەھىمدىل ۋە مىھرىبان كۈتۈۋالغۇچى بىلەن ئۇچرىشىسەن..

ھەممەيلەن جىمجىتلىق ۋە سۇكۇتلۇق ئىچىدە،لىكىن ھەممەيلەننىڭ قەلبىدە مۇھەببەت ئوتلىرى يالقۇنلاپ تۇرىدۇ.

مەككە شەھىرى ھەر تەرىپىدىن تاغلار قورشاپ تۇرغان كەڭرى ئىدىرلىققا ئوخشاش كىتىدۇ،ھەممە كوچىلار بەيتۇللاھغا تۇتىشىدۇ.تاغ باغرىدىن چۈشۈۋاتقان رەتلىك كارۋاننىڭ ئاق ئۆستەڭ سۈيلىرىگە ئوخشاش ھەرەم مەسجىدىگە قۇيۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز.ئۆستڭدىكى قاينام ئارىسىدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىر تامچە سۇدەك ئىكەنلىكىڭىزنى ھىس قىلىسىز..

بۇ كۆرۈنۈش سىزگە ئىنساننىڭ ئاقىۋىتىنى ئەسلىتىدۇ،بۇ كۆرۈنۈش ئىنساننىڭ زىمىن تەرەپكە چۈشىدىغانلىقى (يەنى دەپنە قىلىنىدىغانلىقى) ئاندىن ئاللاھ تەرەپكە ئۆرلەيدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ.

كەئبە ئۇ قىبلە. كەمتەرلىك، ئىتائەت ۋە قورقۇش سىزنى شەرەپ ۋە ھۆرمەتكە ئىگە قىلىدىغان بىردىن بىر يول. يەنى سىز ھۆرمەت ۋە شەرەپ يولىنى پەلسەپە ۋە مىتافىزىكىدىن ئىزدەپ يۈرمەڭ دىگەنلىكتۇر.

شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇنكى،سىز ئاللاھ بىلەن ئۇچۇرۇشۇش ئۈچۈن چوقۇم توغرا ھىدايەت يولىنى مىڭىشىڭىز لازىم،ئۆزىڭىزنى، مەيدانىڭىزنى مۇقىملاشتۇرىشىڭىز ۋە بۇ يولنى ياخشى چۈشۈنۈشكە تەييارلىق قىلىشىڭىز كىرەك.

(3)

سىز كەئبىگە يىقىنلاشقانسىرى، ھاۋانىڭ ئىدىيە، تۇيغۇ، مۇھەببەت ۋە جىمجىتلىق بىلەن سۇغۇرۇلغانلىقىنى كۆرەلەيسىز...باسان ھەر بىر قەدىمىڭىزدە، ھەر بىر سىكۇنىتتا سىزدە ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش ۋە قورقۇش؛مۇھەببەت ۋە ئەنسىرەشنىڭ ئىشىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز.سىزنى جانابى ئاللاھغا نىسبەتەن يىقىنلىقىڭىز ئىشىپ بارىدۇ،كۆزىڭىز كەڭرىدۇ،ھالبۇكى سىز كۆزىڭىزنى كەئبە تەرەپكە قارىتىپ تىكىلىپ تۇرۇپ قالىسىز..

كەئبىنى كۆرۈپ تىنىقىڭىزنى ئالالمىغىلى تاسلا قالىسىز...يۈرىكىىز ئۈمىد ۋە مۇھەببەت بىلەن توشۇپ كىتىدۇ...كالپىكىىز سۆزلىيەلمەي قالىدۇ، سىزنى بىر خىل تۇيغۇ باسىدۇكى، بەدىنىڭىز ۋە قەلبىڭىزنىڭ بۇ تۇيغۇلارنىڭ ھەممىسىنى قانداق كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىدىن ھەيران قالىسىز!

ئاق ئۆستەڭ ئارىسىدا ئۆزىڭىزنىڭ بىر تامچە ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرۈپ،ئۆزىڭىزنىڭ ئەبەدىي نىھايىتىڭىزنى ھىس قىلىسىز.

ئۇشتۇمتۇت كەئبە كۆز ئالدىڭىزدا كۆرۈنىدۇ.

 

كەئبە دىگەن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ نامازلىرىدا يۈزلىنىدىغان قىبلىسى.كەئبە ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مەۋجۇدلىقى، ئىمانى، مۇھەببىتى ۋە ھاياتىنىڭ مەركىزى.كەئبە ئۆلۈمدىن ئىلگىرى سەكرات لەھزىلىرىدىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى. ئۆلگەندىن كىيىنمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى، چۈنكى مۇسۇلمانلار بەدەنلىرىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ دەپنە قىلىنىدۇ..

ظعسلام ظاؤازع تور بئتع

2007- 10- 30 معلادعية

1428-شةؤؤال- 19 هعجرعية