ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ئى مۆئمىنلەر ! ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭلار ! راسچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار . سۈرە تەۋبە 119-ئايەت
ئاللاھ يەنە تائالا مۇنداق دەيدۇ : راسچىل ئەرلەر ۋە راسچىل ئاياللارغا ... ئاللاھ تائالا مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاپ تەييارلىدى . سۈرە ئەھزاب 35- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ :ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا ،ئۇلار ئاللاھ تائالاغا سادىق بولۇشسا، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى . سۈرە مۇھەممەد 21- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى
1-ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:ھەقىقەتەن راسچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ ،ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ .بىر ئادەم ھەقىقى راسچىل بولسا ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا راسچىل دەپ پۈتۈلىدۇ ، يالغانچىلىق بولسا گۇناھقا باشلايدۇ ، گۇناھ دوزاخقا باشلايدۇ ، جەزمەن بىر ئادەم يالغانچىلىق قىلىۋىرىپ،ھەتتا