پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
بۇ پەقەت ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھەققىدە: {(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئېگىسەن}[2]. دېگەن كىشىنىڭ باشقىسىدىن سادىر بۇلىشى مۇمكىن بولمايدىغان خىسلەتتۇر.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ يولىدىكى جىھادتىن باشقا مۇناسىۋەتلەردە ھېچكىمنى ئۇرمىغان، ئايال ياكى خىزمەتچىلەرنىمۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خاتالىق سادىر قىلغۇچىنىڭ ئۆزرىسىنى قۇبۇل قىلاتتى، خاتالىق سادىر قىلغۇچىغا يامان سۆز قىلمايتتى، بىرسىنىڭ خاتا ئىش قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىسا ئۇمۇمىي شەكىلدە ئاگاھلاندۇرۇپ: "بۇنداق ئىشلارنى قىلغانلارنىڭ ھالى نېمە بولار؟ دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىپ، خاتالاشقۇچىنىڭ ئىسمىنى ئاتىماستىن توغرىلىققا يىتەكلەيتى، بۇنىڭدىن خاتالىق سادىر قىلغۇچى ۋە باشقىلار ئورتاق پايدىلىناتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ئۈچۈن بىرسىنىڭ ئورنىدىن تۇرىشىنى ياقتۇرمايتتى، قەيەردە بوش ئورۇن بولسا، شۇ يەرگە بېرىپ ئولتۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ناسارالار مەريەم ئوغلىنى ئۇچۇرتقاندەك مېنى ئۇچۇرتماڭلار، مەن ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن بىر بەندىمەن، مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ ئاتاڭلار" دەيتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بازارلارغا بېرىپ، خەلقنى مۇئامىلىلىرىدە سەمىمى بولۇشقا يېتەكلەپ، ھىيلە - مىكرى ۋە خىيانەتلەردىن توساتتى، ئەتراپىدىكىلەرگ
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە كېتىپ باراتتىم ۋاھالەنكى ئۇ زاتنىڭ ئۈستىدە ئەتراپلىرى قوپال توقۇلغان نەجراننىڭ تونى بار ئىدى، يولدا بىر سەھرالىق كىشى ئۇچرىشىپ ئۇ زاتنىڭ تونىنى سىلكىپ تۇرۇپ: ئاللاھنىڭ مېلىدىن ماڭا بېرىشكە بۇيرۇق قىلغىن، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ كەتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا بىر نەرسە بېرىشكە بۇيرىدى"[4].
بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ يىگىتتىكى يۇشۇرۇن ياخشىلىقنى سېزىپ، ئۇنىڭغا ھېكمەت ۋە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋىدى ئۇ يىگىت زىنانىڭ يامان ئىللەت ئىكەنلىكىگە قانائەت قىلدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
بۇنىڭغا يەنە بىر مىسال: زىنادىن ھامىلدار بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەھرالىق بىر كىشىگە تەلەپ قىلىپ كەلگەن نەرسىسىنى بېرىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇنىڭدىن: "مەن سىزگە ئېھسان قىلدىممۇ؟ دەپ سورايدۇ. ئۇ كىشى: ياق، ماڭا ياخشىلىق قىلغىنىڭىز يوق، دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ جاۋابىنى ئاڭلىغان ساھابىلەر ئۇنىڭ تۇزكورلىقىدىن غەزەپلىنىپ ئورنىدىن تۇرۇشقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئۆزەڭلارنى بېسۋېلىڭلار، دەيدۇ. كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىگە كىرىپ، ئۇ كىشىگە يەنە كۆپلىگەن ئاتا - ئېھسانلارنى ئەۋەتىدۇ. كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشى بىلەن يەنە ئۇچرىشىپ قېلىپ: "مەن سىزگە ئېھسان قىلدىممۇ؟ دېگەندە، ئۇ كىشى: ئېھسان قىلدىڭىز، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "سىزنىڭ ئەۋۋەلقى جاۋابىڭىزغا نىسبەتەن ساھابىلىرىمنىڭ دىللىرىدە ئازراق غۇم قالغانىدى، شۇڭا خالىسىڭىز بۇ سۆزنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئېيتقان بولسىڭىز" دەيدۇ. ئۇ كىشى: بولىدۇ، شۇنداق قىلاي دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "بۇ كىشى ئەۋۋەلدە شۇنداق جاۋاپ بەرگەن، كېيىن بىز ئۇنىڭغا كۆپراق بېرىۋىدۇق ئۇ، رازى بولغانلىقىنى ئېيتتى دېگەندە، ئۇ كىشى: شۇنداق، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "مېنىڭ ۋە بۇ سەھرا كىشىسىنىڭ مىسالى، تۈگىسى قېچىپ كېتىپ، خەلق ئۇنىڭغا ياردەم قىلىمىز، دەپ ئۇنىڭ تۆگىسىنى تېخىمۇ قاچۇرۋەتكەدە، تۈگىنىڭ ئىگىسى: تۈگىنى ئۆزەمگە قويۇپ بېرىڭلار، مەن ئۇنىڭ خۇي - پەيلىنى ياخشى بىلىمەن، مۇلايىملىق بىلەن ئۇنى تۇتىۋالىمەن، دەپ بىر تۇتۇم بېدىدەك نەرسىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ، ئاخىرى تۈگىسىنى تۇتىۋېلىپ، سەپىرىنى داۋاملاشتۇرغان كىشىگە ئوخشايدۇ. ئەگەر مەن سىلەرنى غەزەپلەنگەن ھالىڭلاردا قۇيۇپ بەرسەم، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قۇياتتىڭلار، شۇنىڭ بىلەن ئۇ، دوزەخكە كىرىپ قالاتتى، دېگەن"[6].
ئۇ زاتنىڭ بەزى ساھابىلىرىنىڭ كەڭچىلىكىدىن نەمۇنىلار
ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شامدىكى بىر چېركاۋدا تۇرغاندا ناماز ۋاقتى بولۇپ قالغان، چېركاۋنىڭ شەيخى ھەزرىتى ئۆمەردىن بۇ يەردە ناماز ئۇقۇشنى تەلەپ قىلغاندا ھەزرىتى ئۆمەر بۇ يەردە ناماز ئوقۇشقا تەييارلىنىپ بولۇپ، كېيىن مۇسۇلمانلار ھەزرىتى ئۆمەر بۇ چېركاۋدا ناماز ئۇقۇغان دەپ ناسارالاردىن تارتىپ ئېلىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ بۇ يەردە ناماز ئۇقۇشتىن ئۆزرە ئېيتقان.
بۇ بىر كەڭچىلىكلا بولۇپ قالماستىن بەلكى باشقىلارغا يىراقنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان، باشقىلارنىڭمۇ ئۇ زاتقا ئوخشاش كەڭ قورساقلىق ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش بېجىرىشنى ئۆگىتىدىغان مۇھىم ساۋاقتۇر.
ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شامغا بارغاندا بىر تۈركۈم ناسارالار ئۆز ئادەتلىرى بۇيىچە قىلىچ ۋە نەيزە ئويناپ ئۇنى كۈتۈۋالغىلى چىققاندا، بۇنداق ھەشەمەتلىك كۈتۈۋېلىشنى ياقتۇرمىغانلىقت
ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەبۇ ئۇبەيدىنىڭ پىكرىنى ئالغانلىقىنى بىلەمسىز؟ چۈنكى ئۇ، ئۆمەر ناسارالارنى يامان كۆرىدىكەن، ئەھدىنى بۇزماقچى ئىكەن دەپ ئۇلارنىڭ خاتا چۈشۈنۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن، ئۇ كەڭ قورساق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇ گۇمانىغا ئۇرۇن بەرمەستىن ئۇنىڭ ئالدىدا قىلىچ ۋە نەيزىۋازلىق ئويۇنىنى ئويناشقا رازى بولغان.
ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەرقانداق يەھۇدى ۋە ناسارالانىڭ شىكايىتىنى ئادالەت بىلەن بىر تەرەپ قىلاتتى. بىر كۈنى ناسارالاردىن بولغان بەنى تەغلىب قەبىلىسىنىڭ ۋالىسى بولغان ۋەلىد ئىبنى ئۇقبىنىڭ ئۇلارغا قاتتىق سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇلارغا يامانلىق قىلىپ قويۇشىدىن قورقۇپ ئۇنىڭ ۋالىيلىق مەنسىپىنى ئېلىپ تاشلىغان.
ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ بىر كۈنى ئەرز - شىكايەت ئىدارىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تىمىسقىلاپ يۈرگەن ئەما بىر بوۋاينى ئۇچرىتىپ، سىز قايسى ئەھل كىتابتىن بولىسىز؟ بۇ يەرگە نېمە ھاجەت بىلەن كەلدىڭىز؟ دەپ سورىغان، بوۋاي: مەن يەھۇدى دىنىغا ئىتىقاد قىلىمەن، يېشىم چوڭىيىپ قالدى، قۇلۇم قىسقا بولغانلىقتىن باجنى تۈلەيەلمىدىم دېگەندە ئۇنىڭ قولىدىن يېتىلەپ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇن سوۋغاتلارنى بەرگەن، ئاندىن مالىيە مەسئۇلىغا تاپىلاپ بۇنىڭغا ئوخشىغانلاردىن باج ئالساق ئىنساپ قىلمىغان بولىمىز دەپ ئۇنىڭ بېجىنى كۈچۈرۈم قىلىۋېتىشكە بۇيرىغان.
ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەم ئاتىسىغا ئوخشاش كەڭ قورساق، سېخىلىق خىسلەتلىرى بىلەن مەشھۇر ئىدى.
ئىمام مۇجاھىددىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر خىزمەتچىسىگە: ئى يىگىت! قوينى سويغان ۋاقتىڭىزدا يەھۇدى قوشنىمىزغا ئەۋۋەل بېرىشنى ئۇنتۇمىغايسىز دەپ تاپىلىغان، خىزمەتچىسى: بۇ سۆزنى قانچە قېتىم ئېيتتىڭىزغۇ؟ دېگەندە، ئۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
دېمەك، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خىزمەتچىسىنى قوشنىسىنىڭ دىنى ئەقىدىسى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنىڭ قوشنىدارچىلىق ھەققىگە رىئايە قىلىپ ھەممىدىن بۇرۇن يەھۇدى قوشنىسىغا بېرىشكە بۇيرىغان.
ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەبۇ زۇبەيدە دېگەن نام بىلەن تۇنۇلغان بىر نەسرانى شائىرغا كۆپ ئىلتىپاتلار كۆرسەتكەنلىكى مەشھۇردۇر.
[1] [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
[2] قەلەم سۈرىسى 4- ئايەت.
[3] [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
[4] [بۇخارى رىۋايىتى].
[5] [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].
[6][بەزار رىۋايىتى].
ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى