ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىجابەت بولغانلىقى ساماۋىي كىتابلار ۋە تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان دۇئالار ئىنتايىن كۆپ. تۆۋەندە بىر قانچە مىسال بېرىمىز: 1. ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر، قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلەرمۇ،
ھەر قانداق ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئالار ئاللاھ تائالاغا چوقۇم يېتىدۇ. ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ. دۇئا قىلىش مەنئى قىلىنغان بېرەرمۇ ۋاقىت يوقتۇر. بىراق دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىن ۋاقىتلار دېيىلگەن بەزى ئەۋزەل ۋاقىتلار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1. سەجدىگە بارغان ۋاقىت. ئاللاھ تائالا سەجدىنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋە تىلەكلەرنى ئاللاھتىن سوراپ قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھقا سەجدە قىلغىن ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن»([1]).
دىنىمىزدا بەلگىلەنگەن ھەرقانداق بىر ئىبادەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئەدەبلىرى ۋە شەرتلىرى بولغىنىدەك، دۇئانىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئەدەبلىرى باردۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1. دۇئانى فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا
ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ھەرقانداق بىر ئىبادەتنى تەرك قىلىش گۇناھ بولغىنىدەك، دۇئانى تەرك ئېتىشمۇ گۇناھتۇر. چۈنكى دۇئا- ئىبادەتتۇر. مۇپەسسىرلەر ئاللاھ تائالانىڭ «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن. مېنىڭ ئىبادىتىمدىن باش تارتقۇچىلار خورلانغان ھالدا دۇزاخقا كىرىدۇ»([1]) دېگەن سۆزىنى، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن ئۆزلىرىنى بىھاجەت سانىغانلار بولۇپ، ئۇلار خورلانغان ھالدا دوزاخقا ھەيدىلىدۇ، دەپ تەپسىر قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتتىكى ئىبادەت سۆزىدىن دۇئا مەقسەت قىلىنىدۇ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئىجابەت بولۇش شەرتلىرى تولۇق بولمىغان دۇئالار ئىجابەت بولمايدۇ. شۇنداقلا، ئىسلامنىڭ ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت (كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش) پەرزىنى تەرك قىلىشمۇ دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. چۈنكى ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت قىلىش ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشىگە بۇيرۇلغان پەرزدۇر. ھەركىم ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ۋە ئىقتىدارىنىڭ، شەرت – شارائىتىنىڭ يېتىشىچە ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت قىلىشقا بۇيرۇلغان.
ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ھەرقانداق بىر ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن مەخسۇس شەرتلىرى بولغىنىدەك، دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈنمۇ مەخسۇس شەرتلەر باردۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1. دۇئانى ئاللاھ تائالاغا بولغان چىن ئىخلاس بىلەن قىلىش. ھەر قانداق بىر ئەمەل – ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن ئىخلاس شەرت قىلىنغىنىدەك، دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشى ئۈچۈنمۇ ئەلۋەتتە ئىخلاس شەرت قىلىنىدۇ. ئىخلاس قەلب قېتىدىن كەلگەن سەمىمىي سۆيگۈ بىلەن كۆرسىتىلگەن چىن ساداقەت دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالاغا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغاندا، ئۇنىڭغا شۇنداق سۆيگۈ ۋە ساداقەت بىلەن يۈزلىنىش تەلەب قىلىنىدۇ.
دۇئانىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى - ئەرەب تىلىدىكى «دۇئا» سۆزى لۇغەت ئېتىبارى بىلەن چاقىرىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما دۇئا سۆزىنىڭ شەرىئەت ئىستىلاھىدىكى مەنىسى، ئەڭ كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى سوراش دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن»([1]) دېگەن سۆزى بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.